يىللار ھەسرىتى – “رەگەتكە بىلەن قاغا  ئېتىش”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(ئوچېرىك)

قاغا
ئەقىللىق خەلقىمىز ئۆز ھايات تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ئېيتقان  “ئۆتكەن ئۆمۈر ئاققان سۇ”  دېگەن  بۇ ئاتا سۆزى نېمە پاساھەتلىك ئېيتىلغان ھە!  ئادەم ئۇچۇن ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈر ھەقىقەتەنمۇ ئاققان سۇغا ئوخشايدۇ. ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ. بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشايدىغان قىسقىغىنە ئۆمرىمىز ئۇچۇن ئېيتقاندا بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتقا ئېچىنىشتىنمۇ ئارتۇق ھەسىرەت ۋە ئۆكۈنۈش بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ ھاياتىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە مۆھرى بېسىلىدىغان، دۇنيانى بىلىشىڭىز ئۇچۇن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان ھاياتىڭىزنىڭ ئالتۇن چاغلىرى نادانلىققا مەھكۇم قىلىنىپ، بىھۇدە زايە بولۇپ كەتسە ئۇنىڭدىن تۇغۇلىدىغان ھەسرەتلەر يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلغۇيدىكەن. ئەمەلگە ئاشماي يېرىم قالغان ئارمانلىرىڭىز  تىنماي يۇركىڭىزنى تىلغايدكەن. مېنىڭ ھەسرىتىم ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئىسراپ قىلىۋېتىلگەن، يىللارنىڭ رەھىمسىز بوران – چاپقۇنلىرى يۇمران سەبىي قەلبىمگە مۇدھىش ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئەشۇ “مەينەت زور ئىنقىلابى” مەزگىللىرىدىكى يىللاردۇر…….

 

مەن ھاياتىمنىڭ 50 – باھارىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئاي بۇ كۈنلىرىمدە سەبىي بالىلىقىمنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن ئۇشبۇ ھېكايىنى يېز تۇرۇپتىمەن. ھاياتىمنىڭ بۈگۈندىكى مەن بېسىۋاتقان ھەر بىر قەدىمدە، مەيلى مېنىڭ ئۇتۇق قازانغان ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان ۋاقىتلىرىم بولسۇن، مېنىڭ ھازىرقى ئۆزۈم مېنى قانداق بۈگۈنگە يەتكۈزگەن ئۆتكەنكى ئۆزۈمدىن پەقەت ئايرىلالمايدۇ چۈنكى مەن شۇ ئۆتكەن ھاياتىم بىلەن بۈگۈنىمدە ياشاۋېتىپتىمەن ۋە بۈگۈنۇم ئارقىلىق كەلگۈسىنى كۇتۇۋېتىپتىمەن.

 

قىسقىسى مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ياشلارنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىشىمدىكى مەقسەت تامان مۇندىن 40 يىللار ئىلگىرى قەلبىگە ئۇلۇغ ئارمانلارنى پۈككەن، ھاياتقا ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت بىلەن باققان تەلەپچان بىر ئۆسمۈرنىڭ بېشىغا كەلگەن ھايات قىسمەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ خوشاللىق ۋە تارتقان قايغۇلىرىنى بىلدۈرۈش ھەم بۇ ئارقىلىق ئەشۇ يىللارنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىدۇر. ئەڭ نېگىزلىك تەرىپى بولسا بۇ راسىت ئىشلار خاتىرىسى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئۆز ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىغا، ئۆتكەن ۋە بۈگۈننىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلىشكە، ھاياتنى قەدىرلىشىگە، قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىشىگە، ئۆزى ۋە ئۆز قوۋمى، ۋەتىنى ئۇچۇن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشىغا دەۋەت قىلىشتۇر.  

 
 * * * * * * * * * * *

 

ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن تولا ئاڭلاپ قۇلىقىم كۆنۈپ كەتكەن سىياسىي تىل بىلەن ياكى ئوچۇقراق ئېيتقاندا ئادەملەر كېچە – كۈندۇزى توختىماي قىزىل ئىنقىلاپ قىلىدىغان، ئۇخلىسىمۇ “ماۋجۇشى ياشىسۇن!” دەپ جۆيلۈيدىغان، ئۇستىگە كىيىدىغانغا كېيىمى، يەيدىغانغا يېمەكى يوق ئۇلۇغ سوتسىيالىزم دەۋرىدە تۇغۇلۇپتىكەنمەن. بالىلىقىمنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە ئۇ يىللاردا قۇچاقتىكى بوۋاقتىن تارتىپ بوۋاي – مومايلارغىچە ھەممە ئادەملەرنىڭ ئېيتىشى مەجبۇر قىلىنغان “شەرىق قىزاردى كۈن چىقتى، جۇڭگودىن چىقتى ماۋزېدۇڭ…”  دېگەن قىزىل ناخشا ھېلى ھەم ئېسىمدە.

 

ئۆسمۈرلۇكۇمگە تەۋە بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلار ئېسىمدە ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە سەبىي قەلبىمدە بالىلىقىمنىڭ ئۇنتۇلماس يادنامىسى بولۇپ ئورناپ كەتكەن بىر ۋەقە پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

 

مەن ئاۋال مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشىشىم ئۇچۇن تالاي مېھنەتلەرنى سىڭدۈرگەن، ھاياتنىڭ ئاچچىق – چۆچىكىنى يېتىشىچە تارتقان قەدىرلىك ئاتا – ئانام ھەققىدە ئىككى كەلىمە  سۆز قىلىپ ئۆتەي: مېنىڭ ئاتا- ئانام ئازدۇر- كوپ بولسىمۇ ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرگەن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن ئىدى. كېيىن ئاپامنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە ئاپام پۈتۈن جەمەتى بويىچە ھازىرقى زامان مائارىپىدا ئەڭ كوپ ئوقۇغان ئىكەن. ئاپام ئائىلىسىدە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇ 1966 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپتىكەن. كېيىن مومام مائارىپ ئىدارىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى مەھەللىگە كەلگەن مائارىپ خادىملىرىغا “قىز بالا ئوقۇپ نەگە باراتتى؟ مەن قىزىمنى ئوقۇشقا ئەۋەتمەيمەن، ئۇ بالىلىرىمنىڭ ئەڭ كىچىكى….” دەپ يىغلاپ دەرد ئېيتىپ، شۇ كۈنى كېچىدىلا ئاپامنى مەخپىي ھالدا ئېشەككە مىندۈرۈپ تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تونۇش پادىچى تۇغقىنىنىڭكىگە ئېلىپ كېتىپ شۇ يەردە بىر ئاي مۆكۈتۇرۇپ، ئاخىر مومام قىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىشتەك چوڭ بالا – قازادىن ساقلاپ قاپتىكەن.

 

ئاتامنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ئاتام ئىككى ياش ۋاقتىدا چوڭ دادىمىز ۋاپات قىلىپتىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن مومىمىز ئاتام بىلەن بىللە ئاتىسىز قالغان 6 يىتىم بالىلىرىنى قاتتىق يوقسۇزچىلىق ئىچىدە بېقىپ قاتارىغا قوشۇپتىمەن. شۇ سەۋەپتىن ئاتام باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇپتىكەن. كېيىن ئاتام كوممۇنادا ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا يېزىنىڭ «يالاڭ ئاياق دوختۇر» لىقىغا قوبۇل قىلىنپتىكەن. كېيىن ئاتام خوتەن، ئاقسۇلاردا مەخسۇس پوقاق، تاز قاتارلىق يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش كەسپىدە تەربىيلىنىپ، يېزا – كەنتلەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان يەرلىك ‘يالاڭ ئاياق” دوختۇر بولۇپ ئىشلەپتىكەن.  

 

ئاتام يېزىدا يالاڭ ئاياق دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەچكە، ئاپام خەت يازالايدىغان ساۋاتلىق بولغانلىغى ئۇچۇن دەسلىپىدە “كىچىك ئەترەت باشلىقى” ۋەزىپىسى بېرىلىپ، كوممۇنادا دېھقانلارنىڭ كۈندۈلۈك ئىشىغا نومۇر قويۇپ ھېسابلايدىغان “فۇڭچى” (نومۇر قويغۇچى)  لىققا مەسئۇل‍ بولغاچقا، مەن تۇغۇلۇپ 2 ئايدىن بولغاندىن كېيىن ئاپام كوممۇنادا ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنىپ، شۇنىڭدىن باشلاپ مېنى كوممۇنا يەسىلىسىدە مومايلار ئۇچ ۋاقلىق ئۇماچ بېرىپ بېقىپتىكەن.

 

بەلكىم مېنىڭ 6 – 7 ياشلاردىكى ۋاقتىم بولسا كېرەك، مەن 2 – سىنىپتا ئوقۇيتتىم. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇدۇل دېھقانلار ئوپچە ئىشلەۋاتقان (كوممۇنا) ئېتىزلىقنغا بېرىپ ئاپامنى ئىزدەپ تاپاتتىم – دە ئاپامغا ياردەملەشكەچ تاكى كۈن پاتقۇچە ئاپام بىلەن بىللە سېرىق ئۆكۈزىمىز قوشۇلغان ياغاچ ھارۋىدا ئېتىزلىققا توپا توشۇيتتۇق ياكى بىللە زىرائەت ئوتلايتۇق. مەھەللە چوڭ يولىدىن ئېتىزلىققا كىرىدىغان دوقمۇشتا بىر مايماق قېرى جىگدە دەرىخى بولۇپ، كىشلەر بۇ يەرنى «جىگدەك دوقمۇش» دەپ ئاتايتتى. بۇ «جىگدەك دوقمۇش» تىكى  قېرى جىگدە دەرىخى ئۇستىگە ماۋزېدوڭنىڭ كۈلۈمسىرەپ قولىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ تۇرغان چوڭايتىلغان سۈرىتى ئەينەك رامكىغا ئېلىنىپ ئېسىغلىق تۇراتتى. كوممۇنا (گۇڭشې) ئېتىزنىڭ ھەر بىر قىرلىرىغىمۇ ئادەم بويى ئېگىزلىكىدە ياسالغان ماۋزېدوڭنىڭ ياغاچ تاختايغا ئېلىنغان باش سۈرىتى بىللەن قىزىل رەڭلىك بايراقلار قاداقلىق ئىدى. دېھقانلار قايسى ئېتىزدا ئىشلىمىسۇن بۇ سۈرەت ۋە بايراقلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئىشلەيدىغان ئېتىزىنىڭ بېشىغا قايتىدىن قادايتتى.

 

ۋەقە يۈز بەرگەن چاغ قارا قىش پەسلى ئىدى. ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ كۈنلەردە كوممۇنا دېھقانلىرى شورلۇق ئېتىزلارنى شورسىزلاندۇرۇش ئۇچۇن كالا، ئېشەك، قېچىر، ئات، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلار قوشۇلغان، ياغسىراپ كەتسە غىچىرلاپ مەھەللىنى بىر ئالىدىغان داڭقان ياغاچ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ كۈن چىقىشتىن تاكى كۈن پاتقۇچە توختىماي مەھەللە سىرتىدىن قۇم ياكى كۆك توپا توشۇيتتى. بىر كۈنى مەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىم ۋە بىزنىڭ قوشنىمىز ياسىن بىلەن بىللە مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاپىلىرىمىزنى تېپىش ئۇچۇن ئېتىزلىققا قاراپ ماڭدۇق. مەن دوستۇم ياسىن بىلەن بىللە مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان، دېھقانچلىق مەيدانىغا كىرىدىغان يول چاسا يول ئۈستىدىكى «جىگدەك دوقمۇش» دا مايماق قېرى جىگدە دەرىخى تۈۋىگە كېلىپ توختىدۇق. ھەممە دېھقانلار ھارۋىلىرىنى يېتىلەپ مۇشۇ دوقمۇشتىن ئۆتۈپ تېرىلغۇ يەرلىرىگە باراتتى. بىز مۇشۇ دوقمۇشتا ئاپىلىرىمىزنىڭ ھارۋىسىنى يېتىلەپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق.

 

«جىگدەك دوقمۇش» تا سوغۇقتا ئاپىلىرىمىزنى ساقلاپ بىر يەردە ئۇزاق تۇرۇۋېرىشتىن تىزلا زېرىكتۇق. شۇ مىنۇتلاردا جىگدە ئۇستىگە بىر توپ قاغىلار كېلىپ قوندى – دە “قاق، قاق، قاق….” دەپ قاقىلداشقا باشلىدى. بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بالىلىرى تۈرلۈك ئويۇنچۇقلارنى ئۆزىمىز ياساپ ئويناشقا ھېرىسمەن ئىدۇق. يېقىندىن بىرى مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا رەگەتكە ياساش ئەۋجى ئالغان ئىدى. بىز ئەتىگىنى مەكتەپكە ماڭغاندا ياكى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا ئۆز – ئارا رەگەتكە ئېتىشنى بەسلىشىپ ئويناپ ماڭاتتۇق. قەيەردە قۇچقاچ، قەيەردە توشقان كۆرسەك،  ئارام بەرمەي رەگەتكە بىلەن ئېتىپ ئۈركىتەتتۇق. بۈگۈنمۇ بۇ ئويۇنچۇقۇمىزنى مەكتەپكە بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق.

 

مەن ياسىننى ئاستا نوقۇدۇم ۋە ئۇنىڭ قولىقىغا پەس ئاۋازدا پىچىرلىدىم:

 

“ ھەي ئاداش، رەگەتكەڭ يېنىڭدىمۇ؟

– ھە سومكامدا ئەمما تېشى يوق!” –  دېدى ئۇ سومكىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

“- تاش مەندە بار ئاداش. ساڭا ئازراق بېرەي، بۇ قاغىلارغا ئىككىمىز تەڭلا رەگەتكە بىلەن تاش ئېتىپ ئوينىمامدۇق؟

– ماقۇل ئاداش! ”  – دەپ رەگەتكىسىنى سومكىسىدىن سۇغۇرۇپ ئالدى ياسىن.

 

بىز رەگەتكىمىزنىڭ ئاتقۇچىسىغا ئۈشكە چوڭلۇقىدىكى تاشنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، غۇلىچىمىز بىلەن تەڭ تازا سوزۇپ قاغىلارنى چەنلەپ ئاتتۇق. شۇ دەقىقىدە “پاڭ” قىلغان قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭلا چېقىلغان ئەينەكلەرنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ئۈركۈپ كەتكەن قاغىلار  “قاق…قاق…قاق…” دەپ قاقىلداپ قاناتلىرىنى كۈچىنىڭ بېرىچە ئۇرۇپ، قېرى جىگىدە ئۇستىدە ھەر تەرەپكە قاراپ جېنىنىڭ بېرىچە ئۇچۇشقا باشلىدى. ئالە شەرىڭنى، كارامەت دېگەن مانا بۇ!  بىزنىڭ رەگەتكىدىن ئاتقان تېشىمىز ئۇدۇل مايماق جىگدە دەرەخنىڭ شېخىغا ئېسىقلىق ماۋنىڭ سۈرىتىگە تېگىپ، سۈرەت رامكىسى چېقىلىپ، پارا – پارە بولۇپ، ئەينەك پارچىلىرى يەر يۈزىگە چۈشىۋاتاتتى. ماۋنىڭ سۈرتىمۇ ئۇچ – تۆت پارچە بولۇپ يىرتىلغان، ئۇنىڭ بېشى بىر شاختا، قولى يەنە بىر شاختا ھاۋا بوشلۇقىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى. پۇتى بىلەن قوشۇلۇپ بەدىنىنىڭ يېرىمى يەر ئۇستىدە توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.

 

بىز بۇ ئىشتىن قاتتىق قورقۇپ كەتتۇق. بۇ كۈن بۇ ئايلاردا مەيلى قانداق سەۋەپ بولسۇن، ئۇلۇغ ماۋ رەئىسنىڭ سۈرىتىنى يىرتىش قاتتىق گۇناھلاردىن بىر ھېسابلىنىپ بېرىلىدىغان جازامۇ ناھايىتى ئېغىر بولاتتى. بىز نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بىردەم قېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق. تەلىيىمىزگە يارىشا يېقىن ئەتراپىمىزدا ھىچ بىر ئادەم كۆرۈنمەيتتى. مەن جىددىي قىياپەتتە ياسىنغا ئېيتتىم:

 

“- ئاداش، چاققان بولايلى، ئەمدى ئىش چاتاق. بۇ يەردە ھازىر بىزنى ھىچ كىم كۆرمىدى، شۇڭا بۇ ئىشنى دەرھال يوشۇرايلى. مەن جىگدىگە چىقىپ يىرتىلىپ كەتكەن سۈرەت پارچىلىرىنى ئېلىپ چۈشەي، سەن بۇ يەردىكى ئەينەك ۋە يىرتىلغان سۈرەت پارچىلىرىنى بىر يەرگە يىغقىن. بىز ھەممىنى توپلاپ يەرگە كۆمۇۋەتسەك ھېچكىم بىزنىڭ بۇ ئىشنى قىلغىنىمىزنى بىلمەيدۇ…” دېدىم نەپسىمنى تىز – تىز ئېلىپ.

 

مەن مايماق قېرى جىگدىنىڭ ئۇستىگە مىڭ تەستە يامىشىپ چىقتىم – دە شاخمۇ – شاخ ئالمىشىپ يورۇپ ئاخىرى سۈرەتنىڭ بىر پارچىسىنى ئېلىشقا قولۇمنى ئۇزاتتىم ئەمما شۇ ئەسنادا “ – ھەي بالا،  جىگدە ئۇستىدە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟”-  دېگەن بىر بوم ئاۋاز مېنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى. مەن جىگدە ئۇستىدىن يۇمۇلاپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.

 

بولا ئىش بولدى. بىز ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر ئاخىر تۇتۇلدۇق. بىز تۇتۇلۇپمۇ كەنت سېكرىتارى (دادۈي شۇجىسى) تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئىسپات بىلەن تۇتۇلدۇق!

 

قەيەردىندۇر بۇ مايماق قېرى جىگدە دوقمۇشىغا يېتىپ كەلگەن، قوللىرىدا ئاپتۇمات تۇتقان، بېلىكىگە “قىزىل قوغدىغۇچى” دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل بەلگە تاقىۋالغان “خەلق ئەسكەرلىرى” بىزنىڭ قولىمىزنى كەندىر ئارغامچا بىلەن مەھكەم باغلاپ كەنت ئىشخانىسىغا ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇلار بىزنى ئالدىغا سېلىپ، قوراللىرىنى دۇمبىمىزگە تەڭلەپ ياللاپ ئېلىپ كېتىۋاتقان شۇ پەيىتلەردە بۇ ۋەقە شامالدىن تىز پۈتۈن كەنتكە تارقالغان ئىدى. ئۇلار بىزنى كەنت ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن مۇرىمىزدىن ئىتتىرىپ، قوراللىرىنىڭ پەينەكلىرى بىلەن دۈشكەللەپ ھەيۋە قىلىپ ياغاچ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى. بۇ زور ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەر يېزا، ناھىيە ھەتتا ۋىلايەتكە يىتىپ بېرىپ بولغان ئىكەن. كەنت پارتىيە سېكرىتارى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ بىۋاستە يوليورۇقى بويىچە بىزنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. كەنت سېكرىتارى، ئىنقىلابىي كومىتېت قۇماندانلىقىنىڭ كەنتتىكى شىتاپ مەسئۇلى قاتارلىق بىر قانچە ئەمەلدارلارنىڭ سۇئال – سوراقلىرى ئۈستىمىزگە يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى:

 

“- قۇياشتىن نۇرلۇق ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى يىرتىشقا قانداق پېتىندىڭ شۇمتەكلەر؟”

“- ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى جىگدە ئۇستىگە چىقىپ تۇرۇپ يىرتىشىڭدا قانداق يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە ئەكسىل ئىنقىلابىي مەقسەت يوشۇرۇنغان؟”

“- بۇنى كىم بىلەن، قاچاندىن باشلاپ پىلانلىغان؟ ئاتا-ئاناڭ ساڭا قاچاندىن باشلاپ شۇنداق قىل دەپ ئۆگەتكەن؟ “

“- مەكتەپتە سېسىق 9 – زىيالىي ئوقۇتقۇچىللىرىڭ سەنلەرگە شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتتىمۇ؟”

“- ھەممىنى قويماي يىپ – يىڭنىسىغىچە ئېيتىپ مەسىلەڭنى تاپشۇرۇش. ئەگەر ياۋاشلىق بىلەن مەسىلەڭنى تاپشۇرۇشمىساڭ ئۇلۇغ پرولېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەندەك بالا بۇرژۇئا پومېشچىك ئەكسىل‍ ئىنقىلاپچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ!”

“-  ئېيت، ھەممىنى راسىت ئېيتساڭ كەڭچىلىك قىلىمىز. قۇياشتەك ئۇلۇغ داھى ماۋجۇشى بىزگە شۇنداق يول يورۇق بەرگەن، بۇ ھايات ماماتلىق سىنىپىي كۈرەش ياش – قېرى ياكى ياش دەپ ئايرىلمايدۇ، راستىڭنى ئېيتىش؟ ئاتاڭنىڭ ئىسىمى نىمە؟ ئاناڭنىڭ چۇ؟ ”

 

بىزنى شۇ تەرىقىدە خېلە ئۇزاق سوراق قىلىشتى. بىز بەك قورقۇپ كەتكەنلىگىمىز ئۇچۇن تىلىمىز سۆزگە كەلمەيتتى. ئۈن – تىنسىز بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ شۇمشۇيۇپ تۇرۋالدۇق. ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ياسىن بىلەن مېنىڭ ئاپام چىرايى تاتارغان ھالدا ھالدا ئالدىراش بىزنى سوراق قىلىۋاتقان ئىشخانا ئىچىگە كىرىپ كېلىشتى. كېيىن بۇ ئىشخانىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سائەتلەرچە سوزۇلغان سۇئال – سوراق، ۋاقىراشلار، ئاپىلىرىمىزنىڭ يىغا – زارلاردىن كېيىن بىزنى كەنتىنىڭ ھويلىسى ئىچىدىكى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى. كېچىنى ياسىن ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزدۇق.  ھېلىھەم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، شۇ ۋەقە يۇز بېرىپ ئەتىسى چۈشتە كەنتنىڭ يىغىلىش مەيدانىدا داغدۇغىلىق چوڭ پىپەن (تەنقىد قىلىش) قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. تولۇق قوراللانغان قىز قوغدىغۇچى خەلق ئەسكەرلىرى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا مېنى، ئاپامنى، ئادىشىم ياسىننى ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئېلىپ كېلىپ بېشىمىزنى ئېگىپ تۇرۇشقا بۇرۇق قىلدى. بىر قانچە قىزىل قىزىل قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر بېشىمىزغا قەغەزدىن ياسالغان ئۇزۇن قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ قويدى. ئارقىدىن بىرسىنىڭ بىزنى ئەيىبلەپ قىلغان شۇئارىدىن كېيىن بىزنى چۆرىدەپ تۇرغان تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق مەھەللىمىزدىكى دېھقانلار بىر قولىدا ماۋزېدوڭنىڭ  باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىچىك قىزىل تاشلىق كىتابچىنى كۆتۈرۈپ،  يەنە بىر قولىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ “ئەكسىل ئىنقىلابچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتايلى! ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ زەربە بېرەيلى! ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشى ياشىسۇن! تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن! ياشىسۇن پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى!” دېگەن شۇئارلارنى ئاۋازى پۈتۈپ، كانايلىرى قۇرۇپ كەتكىچە توۋلاشتى…..

 

شۇ ۋەقەدىن كېيىن مېنىڭ سەبى ۋە خوشاللىققا تولغان بالىلىقىم پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان ئىدى. ماڭا بۇ ۋەقەدە ئەڭ ئېغىر كەلگىنى مەن مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىنغان ئىدىم. مەن بىچارە ئاتا – ئانامغا قوشۇلۇپ بىر يىلغا قەدەر پات – پاتلا كۈرەش قىلىنىپ تۇردۇم. “بالا ئەكسىل ئىنقىلابچى” بولۇپ ياسىن بىلەن بىللە دەسلەپتە ئۆزىمىزنىڭ كەنتىدە، كېيىنچە يېزىمىزدا، ئاندىن كېيىن ناھىيە بازارلىرىدا مەخسۇس قىزىل قوغدىغۇچى خەلق ئەسكەرلەرنىڭ قۇراللىق مۇھاپىزىتى ئاستىدا يەنە باشقا بىر قانچە ئۆسمۈر ۋە يېشى چوڭ “ئەكسىل‍ ئىنقىلابىي جىنايى ئۇنسۇرلار” بىلەن بىرلىكتە سازايى قىلىنىپ تۇرىدىغان بولدۇم.  بۇ  “رەگەتكە بىلەن قاغا  ئېتىش” ۋەقەسى ماڭىلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ ھاياتىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىن بىچارە ئاپام ھەر كۈنى كالا ھارۋىسى بىلەن باشقا دېھقانلاردىن بىر سائەت بالدۇر كوممۇنا ئېتىزغا ئىشقا باراتتى ۋە كەچتە بىر سائەت كېيىن قايتاتتى. ئاپامنىڭ مېنى قوغداپ قېلىش ئۇچۇن يەنە قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئاتامنىڭ قانداق كۇلپەتلەرگە ئۇچۇرغانلىقىنى ھەم بىلمەيمەن چۈنكى شۇ يىللاردا مەن ئاتامنى خېلە بىر مەزگىللەرگىچە كۆرمىگەن ئىدىم.

 

كەنتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاتا-ئانامنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەكتەپ ئوقۇغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشلەر بولغىنى ئۇچۇن بۇ ئىش تۇپەيلى ماڭا ئارتۇقچە تاپا  تەنە قىلمىدى. كېيىن بۇ “بوران -چاپقۇنلار” سەل تېنىچلنغاندىن كېيىن شەھەردىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق بىر يوللارنى قىلىپ مېنىڭ باشقا بىر كەنتىنىڭ مەكتىپىدە قايتىدىن ئوقۇشۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ئاتا -ئانام ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئاپام ۋاقتى بولسىلا ماڭا كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى ئەمما ئاپامنىڭ ئوقىغان كىتابىنى مەن ئوقۇيالمايتىم. ئۆيدە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى كىتابلار خېلە كۆپ ئىدى. ئاپاممۇ مېنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمنى ئوقۇيالمايتتى چۈنكى مەن مەكتەپتە لاتىن يېزىقىدا ئوقۇيتتىم. ئاپام مېنىڭ كىتاپ ۋە تاپشۇقۇلىرىمنى ئوقۇپ چۇشنەلمىگەنلىگىدىن كۆڭلى كۆپ يېرىم بولاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ئاپام ماڭا ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۆزى ئۆگەتكەن ئىدى. مەن ئارىدىن ئانچە كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئۆيدىكى ئاتا – ئانامنىڭ كىتابلىرىنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئاپامنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدىكى بىر-بىرىمىزنىڭ يازغان خېتىنى، كىتابلىرىنى ئوقۇيالمايدىغان مەدەنىي ساۋاتسىزلىققا خاتىمە بەرگەن ئىدۇق.

 

يىللارنىڭ ئۆتىشى، زاماننىڭ تىز ئۆزگىرىشى بىلەن ئالىممۇ بۇرۇن ئېنىقسىز تارىخقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەمما سەبىي بالىلىقىمنىڭ ئۆچمەس يادنامىسى بولۇپ مەن بىلەن بىللە ھايات ئەسلىمەم سۈپتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئەشۇ مۇھتاجلىق، قاتتىقچىلىق، شەپقەتسىزلىككە تولغان يىللارنىڭ ھەسرىتى ھازىرمۇ يۈرىكىمدە نەپرەت ئوتلىرىنى ياندۇرۇپ تۇرىدۇ.

 

2014 – يىلى 29 – دېكابىر. لوندوندا يېزىلدى

 

 

 

مەنبە باغداش، ئىزدىنىش ۋە بوزقىر تورلىرى مۇنبىرى:

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-27572-1-1.html
 
http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=6035
 
http://bbs.izdinix.com/thread-61590-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !