ياڭاق ھەققىدە ھېكايە
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri، Hékayiler
باھا:0 دانە
15-10-2024
ياڭاق دەرىخى ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلىۋاتقان بوستانلىقلارنىڭ ھۆسنىدۇر. ياڭاق دەرىخى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان تەبىئىتى قۇرغاق بوستانلىق كىلىماتتا ئۆسۈشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرسىتاننىڭ جەنۇبلىرى بولۇپمۇ خوتەن دىيارى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل سورتلۇق ياڭاق ئۆسىدىغان ماكان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياڭاق تەكلىماكان بويلىرىدىكى چۆل – بوستانلىقلاردا ئۆزىنىڭ ياپ- يېشىل يوپۇرماقلىرى، سېىى سايىلىرى، گىگانىت سۈپەت ئاسمانغا بوي تارتىدىغان كۆركەم قامىتى بىلەنلا تەرىپلىنىپ قېلىنماستىن يەنە ئۇنىڭ ئۆزۈقلۇق قىممىتى يوقۇرى بولغان مىۋىسى بىلەن، ئۇنىڭدىن يارتىۋاتقان ئىقتىسادى قىممەتلەر بىلەنمۇ ئۇيغۇر ھايتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياڭاقنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇر ئىجتىمائى ھاياتىدا مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. ئەگەر ياخشى دوستلار ھاياتنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىنى بىر- بىرلىرگە يۆلەك بولۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى كۈنلەر كەلگەندە شۇ دوستلار بىر- بىرلىرىدىن ئۇزاقلاشسا ياكى ئۈنتۇپ كېتىشكەن بولسا، «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەن ئاتا سۆزنى قالدۇرغان ئىكەن.
ياڭاق مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ھېكايىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۆتكەنكى 20 نەچچە يىللىق لوندوندىكى سۈرگۈن ھاياتىم ئەلبەتتە ھىچ بىر ۋاقىت ياڭاقتىن ئايرىلمىدى، ھەتتا مەن پۈتۈن ئائىلەمگە ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان لەغمەن ۋە پولودىن باشقا ياڭاق، ئەنجۇ، قوغۇن ۋە ئانار يېيىشنى ئۈگەتتىم. تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەر ئىككى – ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم لوندوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان پالمىس گرىن بۆلگىسىدىكى ياشار ھالىم تۈرك مىۋە- چىۋە بازىرىدىن بۇ مىۋىلەرنى ئېلىپ كېلىپ تۇرمەن، چۈنكى ئادەتتىكى يىمەك – ئىچمەك ماگزېنلىرىدا مۇنداق مىۋىلەر سېتىلمايدۇ.
ئۇنداقتا ياڭا ھەققىدىكى بۇ ھېكايىلەرنى بالىلىقىمدىن باشلاي. مەرھۇم ئاتام ياڭاققا بەك ئامراق كىشى ئىدى. بىز ھەر كۈنى دېگۈدە ئەتىگەندە توقاچ نان، ياڭا مېغىزى ۋە ئەنجۇر مۇرابباسى بىلەن ناشتىلىق قىلاتتۇق. گاھى چاغلاردا ناشتىلىققا ئۇماچ، لەغمەن ۋە پولومۇ يەيتۇق. بىزنىڭ باغدا مەھەللە بويىچە ياڭا دەرەخلىرى ئەڭ كۆپ ئىدى. كۈز پەسلىدە ئائىلە بويىچە ھەتتا خۇلۇم – خوشنىلارنىڭ ياردىمىدە تاغار- تاغارلاپ ياڭا ۋە ئالما يىغىش بىزنىڭ مەھەللە ئۈچۈن مول ھوسۇل بايرىمى ھېسابلىناتتى. مىۋىلەرنى يىغىشقا ياردەملەشكەن ھەر بىر ئائىلە ئاخىرىدا ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ قايتىشاتتى.
مەن ھەر ۋاقىت ياڭاق يېگىنىمدە، ئاتامنىڭ ماڭا شۇ بالىلىقىمدا ئېيقان سۆزى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئېھتىمالىم، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغان يىللار بولسا كېرەك، بىر كۈنى ئەتىگىنى بىز دەستۇرخان ئۇستىدە ناشتىلىق قىلىۋاتقاندا ئاتام ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى:
– ئوغلۇم، سەن ھەر كۈنى ناشتىلقتا ئىككى-ئۇچ تال ياڭاق يەپ بەر، ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بەك مول، بولۇپمۇ مېڭىنىڭ ساغلام ئۆسۇشىگە كۆپ پايدىسى بالام …»
ئاتام ئۇيغۇر تىبابىتىدە تونۇلغان دوختۇر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئۆز مەھەللىمىز ۋە خوشنا مەھەلىلىلەردىكى ھەممى كىشى تونۇيتتى. مەھەللىدە بالىلار بىلەن توپا يوللاردا چاڭ -تۇزان چىقىرىپ ئويناپ يۈرگىنىمدە، چوڭلار كېلىپ مەندىن «كىمنى بالىسى سەن؟» دەپ سورىسا، مەن ھىچ تەمتىرمەستىن «- ئەيسا دوختۇرنىڭ ئوغلى» دەپ جاۋاپ قايتۇراتتىم.
ھەي بالىلىقىمنىڭ ئۈنتۇلماس پارچىسى بولغان ياڭاق، سېنى ھەر يەردە كۆرسەم، ئەسلىمەمدىن خىرەلىشىشكە باشلىغان تالاي ھېكايىلەر تۆكۇلىدۇ. شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي:
بۇ ۋەقىئە 1980-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە مەن شاھيار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى يېزىسى يېڭىچىمەن كەنتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 4- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈزبەرگەن ئىدى. بۇ بىر سەككىز يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، يېڭىچىمەن، تاللىقبۇلۇڭ، لەڭگەر قاتارلىق ئۇچ مەھەللە ۋە تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىشلەپچىقىرىش (تۈرمە) 4- ئەترىتىدىكى بالىلار كېلىپ ئوقۇيتتى. كېيىن بىز باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتەرگەندىن كېيىن بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپنى چېقىۋەتكەن، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىمۇ يوق. مەن 12 يېشىمدىن باشلاپ تويبولدى بازىرىدا ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇغان ئىدىم.
بىزنىڭ ھېپىزخان ئىسىملىك ناھايىتى قاپىقى يامان بىر سىنىپ مەسئۇلىمىز بولغان. بۇ خانىم يەنە بىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى. ئۇ ھىچ بىر ۋاقىت بالىلارغا كۈلۈپ گەپ قىلمايتتى،. بىز ھەممىمىز بۇ مۇئەللىمىمىزنى كۆرسەك ئالدىدا قورقۇپ تىترەپ تۇراتتۇق.
ئۇ كۈنلەردە مەن ياڭاق ئويناش ئويۇنىغا كۆپ بېرىلىپ كەتكەن ئىدىم. ھەر كۈنى ناشتىلىقتا ياڭاق يېگەندىن باشقا يەنە مەكتەپتە قورسىقىم ئاچسا يەيمەن دەپ بىر – ئىككى پارچە نان، ئالما ۋە بەش- ئون تال ياڭاقنى سومكامغا سېلىۋالاتتىم. ياڭاق ئېلىۋېلىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم مۇددىئالاردىن بىرى مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناش ئىدى. چۈشلۈك تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلار بىلەن ياڭاق ئوينايتتىم. بەزى كۈنلىرى مەن كۆپ ياڭاق ئۇتۇۋالاتتىم، ئۇ چاغدا مېنىڭ مەكتەپ سومكام ياڭاق بىلەن يوغىناپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىش ئارىلىقىدا يولدا ئاداشلىرىم بىلەن ياڭاق ئويناپ ئۆيگە كەچ كېلەتتىم. كېيىن ئاپام ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنىڭ ياڭاق ئويناشقا بېرىلىپ كەتكىنىمنى بىلىگەن بولسا كېرەك، مەن يۈزبېرىشنى كۈتمىگەن بىر ئىش ماتېماتىكا دەرسى ۋاقتىدا يۈزبەردى.
شۇ كۈنىدىكى دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇئەللىمنىڭ ئەلپازى ناھايىتى خاپا كۆرۈنەتتى.
ئۇ ئىنچىكە يۇلغۇن چىۋىقىنى قارا دوسكا ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچى شىرەسىگە قاتتىق بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ، ۋارقىراشقا باشلىدى:
– سىلەر مەھەللىدىكى ئەيسا دوختۇرنى بىردىن بىر تومۇرچى دېمەڭلار، مەن ئۇنىڭدىن ئۆتەر ئۇستا تومۇرچىمەن، ھەرقانداق ئادەمنى، بولۇپمۇ بۇ سىنىپتىكى سىلەرنىڭ تومۇرىڭلارنى ئەڭ ياخشى تۇتىمەن، سىلەرنىڭ كېسىلىڭلەرگە توغرا دىئاگنۇز قويۇپ، ۋاقتىدا داۋالايمەن، شۇڭا مېنىڭ ۋەزىپەم ئوقۇتقۇچى، سىلەرنى ئوقۇتۇش، ياخشى تەربىيىلەش، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق، پايدىلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش مېنىڭ ۋەزىپەم. بىلىشىمچە يېقىندىن بۇيان مەكتەپ ۋە مەھەللىدە ياڭاق ئويىنى ئويناش ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇل بالىلار بۇ ئويۇننى ئەڭ كۆپ ئوينايدىكەن. سىنىپتىكى تومۇرچى ئەيسا دوختۇرنىڭ ئوغلى سومكاڭنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىق!
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىمىكىن، پۇت- قوللىرىم ئۇشتۇمتۇت تىترەشكە باشلىدى. مەن پۈتۈن جۇرئتىمنى ۋۇجۇدۇمغا يىغىپ، ئەڭ قەيسەر روھ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سومكامنى كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم. سومكىنىڭ ئىچى ياڭاق بىلەن لىق تولغاچقا خۇددى ساپايىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدەك شىلدىرلاپ، سىنىپ ئىچىدىكى قورقۇنۇچلۇق تىمتاس سۈكۈتنى تۇيۇقسىز بۇزۇشقا باشلىدى.
مۇئەللىم قولۇمدىكى سومكىنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئالدى دە، سومكىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە كىتاپ-دەپتەر، قەلەم ۋە ياڭاقلارنى شىرە ئۈستىگە شاراقلىتىپ تۆكۈشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا سىنىپ ئىچى شىرە ئۇستىگە تاراسلاپ چۈشىۋاتقان ۋە ئۇ يەردىن يەرگە چۈشۈپ ئەتراپقا چېچىلىۋاتقان ياڭاقلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى خۇددى ئاسماندا ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك، ياكى سىنىپنىڭ ئۆگزىسى شۇئان ئۆرۈلۈپ بېشىمىزغا چۈشىدىغاندەك ۋەھىمىلىك ئاڭلىناتتى. بۇ دەقىقىدە مەن قورقۇنچتىن ئالدىمدىكى تامغا تىكىلىپ قارىدىم، چۈنكى مۇئەللىم شىرە ئاستىدىكى كىچىككىنە بىر تومۇر بولقىنى ئېلىپ، ياڭاقلارنى ئۇرۇپ- چېقىشقا باشلىدى. مەن شۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئۇ بولقا كېلىپ مېنىڭ بېشىمغا تېگىدىغاندەك قورقۇنچ ئىچىدە ئىككى پۇتۇم بىلەن يەرنى كۈچسىز دەسسەپ تۇراتتىم. مەن قېتىپ قالغان ھەيكەلدەك تامغا قارىدىم، ئەمما ئۇ يەرگە قاتارسىغا ئېسىغلىق تۇرغان ماركس، ئېنگلىس، لېنىن قاتارلىق ساقاللىق ۋە ماۋ، جۇ قاتارلىق ساقالسىز كوممۇنىست داھىيلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن يوغان كۆرىنىدىغان كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ كەتكەندەك، بۇ ئالەمنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ بولغان تۇرۇپمۇ ئۇلار ياڭاقنىڭ قارسىلداپ بولقا بىلەن چېقىلىشىدىن قورقۇپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يەرگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىشقىلىپ بۇ ئەسنالاردا مېنىڭ ئەتراپىمدا قورقمىغان ھىچ كىشى قالمىغان ئىدى.
سىنىپنىڭ ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ بولقا بىلەن ھەر بىر قېتىم ياڭاقنى ئۇرغىنىدا، ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق ھەرىكىتىدىن بېرىلىۋاتقان سىگنال ئاللىقاچان يۈرەكلىرىمىزنى پۇچىلىغان ئىدى.
مۇئەللىم غەزەپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ياڭاقنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ چاققاندىن كېيىن، بولقىنى ئوڭ قولىدا ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، بىزگە ۋارقىرىدى:
– مەكتىمپىمىزدە، سىنىپىمىزدا ياڭاق ئويىنى ئوينايدىغان ئوغۇللار بىلىپ قويۇش، مۇندىن كېيىن قايسى بىرىڭ مەكتەپ ئىچىدە ياكى مەھەللە كويلاردا ياڭاق ئويىنى ئوينىغىنىڭنى بىلىپ قالسام، مۇشۇ ياڭاقنى بولقا بىلەن يەنچىگىنىمدەك ھەممىڭنىڭ شۇ قەلەم تۇتماي ياڭاق ئوينىغان قوللىرىنى يەنچىيمەن. بۈگۈندىن باشلاپ سەنلەرگە مەكتەپتە ياڭاق ئويناشقا رۇخسەت يوق!
«ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر» دېگەندەك، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ھېپىزىخان مۇئەللىم (روھى شاد بولسۇن) مېنى ياڭاق ئويناپ، دەرسنى ياخشى ئۆگەنمىگىنىم ئۈچۈن جازالىمىغان بولسا، كېيىن ياخشى ئوقۇپ پۈتۈن يېزا بويىچە بىردىن بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى بولالماس ئىدىم دەپ ئويلايمەن (كېيىنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمنى دېمەيلا قوياي). شۇ قورقۇچلۇق ۋەقەدىن كېيىن مەن بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناشنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم. قولۇم ئاستا -ئاستا ياڭاق ئويناشقا ئەمەس، كىتاپ ئوقۇشقا كۆنۈۇشكە باشلىدى.
سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، مىلادى 2024-يىلى، لوندون، مەن تۆنۈگۈن ئەتىگەندە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزىمنى ماشىنا بىلەن مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويدۇم. بىز ئۆيدىن چىقىپ، يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قىزىمدىن سورۇدۇم:
– قىزىم، مەن ياشار ئالىم تۈرك دۇكىنىدىن سىز ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىككى كىلو ياڭاقنى چامدىنىڭىزغا سالدىڭىزمۇ؟
– ھەئە، ئەلۋەتتە، مەنمۇ سىزدەك ئەتىگەندە ناشتىلقتا ياڭا مېغىزى يېيىشكە ئامراق، دېدى قىزىم جاۋابەن مەمنۇنىيەت بىلەن.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
3024-يىلى 15- ئۆكتەبىر، لوندوندا يېزىلدى.
________________________________________________
مەنبە:
ياڭاق ھەققىدە ھېكايە
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قازاقىستان جۈمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى 2024-يىلى 7- نويابىر نەشىرى
https://uyguravazi.kazgazeta.kz/news/51883