خاسىيەتلىك بىر چۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

گەرچە بۈگۈن شەنبە كۈنى بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئىشقا بارىدىغان كۈنىدىكىگە ئوخشاش قاق سەھەردە خاسىيەتلىك بىر چۈش كۆرۈش بىلەن تەڭلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ئەمما بىر جۇپ غەمگۈزار كۆزۈم نەملەشكەن ئىدى.

 

چۈشۈمدە مەن ئالدىراش ئاشخانا ئۆيدە ئىشقا كېچىكىپ قالماي دەپ ناشتىلىق قىلىۋاتقىدەكمەن. قارىسام مېھمانخانا ئۆيگە كىرىدىغان تەرەپتىكى كارىدورنىڭ ئېشىكى ئوپ-ئوچۇق تۇرۇپتۇ. شۇئان بىر كىشىنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!» دەپ سالام بەرگەن بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇيۇقسىزلا ئېشىكىنىڭ بوسۇغىسىدا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى قاملاشتۇرۇپ كىيگەن، ساقال بۇرۇتلىرى چىرايلىق ياسالغان، قولىدا بىر سومكا تۇتۇپ تۇغان ھالەتتىكى مەرھۇم ئاتامنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان تۇرقى كۆرۈندى. مەن «جېنىم ئاتا !» دېگىنىمچە قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىختىيارسىز يەرگە تاشلاپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتىمەن. ئەيتاۋۇر ئاتامنىڭ ئارقىدا يەنە ئىككى كىشى تۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گەۋدسىدىن باشقا چىراي- تۇرقى مەۋھۇم ئىدى.

 

مەن ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگىنىمچە، ئاتامنىڭ ئالدىغا يېقىلىپتىمەن ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپتىمەن…. ئاتا، جېنىم ئاتا، سىز ھايات ئىكەنسىز …» دېگىنىمچە ئاتامنى قۇچاقلاپتىمەن. قەدىردان ئاتاجاننى باغرىمغا چىڭ بېسىپتىمەن…

 

كۆزۈمنى ئۇۋىلىغان پېتى ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ، يان تەرەپتىكى كىچىك شىرە ئۇستىگە قويۇلغان سائەتكە قارىسام، ئۇنىڭ سترېلكىسى سائەت 6:30 كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

 

مەرھۇم ئاتام مىلادى 2017- يىلى 3- نويابىر كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقان ئىدى. ئەل- يۇرت قەدىردان ئاتامنى ئالدىدىن ياسالغان ئۆز قەبرىسىگە دۇئا – تىلاۋەت ۋە ھۆرمەت- ئىززىتى بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان مازارگاھى بولغان شايار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى بازىرى، يېڭىچىمەن كەنتىدىكى ئەلگە مەشھۇر «شادئېلى مازارلىقى» غا دەپىنە قىلغان ئىدى. مەن مەرھۇم ئاتامنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىدىم. گەرچە ئىستىبدات خىتاي فاشىستلىرى سەۋەبلىك مەن ئاتامنىڭ سەكراتتىكى ئىسسىق يۈزىنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ، تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، ئاخىرەتكە ئۇزىتىشتەك پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىغان بولساممۇ ئەمما ئەل – يۇرت مېنىڭ يوقلىقىمنى بىلىندۈرمەي ئاتامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۆز قائىدە- يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ رەھمىتىگە ئۇزاتقان ئىدى.

 

مەن مىلادى 2019- يىلى ماي ئېيىدا گۇگىل خەرىتىسى ئارقىلىق ئاتامنىڭ قەبرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شادئېلى مازارلىقى» نىڭ نائىنسانى خىتاي فاشىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايىتىنى غەربتىكى چوڭ ئاخباراتلار ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرۈپ، ئىنسانلىقنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەرنى ۋە جاھان ئەھلىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىىسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدىم.

 

مەرھۇم ئاتامنىڭ ۋاپات بولغىنىغا دەل 3 يىل ۋە 3 كۈن تولغان كۈنى ئۇنىڭ تەبەسسۇمگە تولغان خۇش چىرايىنى ئۆز ئۆيۈمنىڭ بۇسۇغىدا كۆردۇم. قەدىردان ئاتاجاننىڭ نۇرلۇق يۈزى بىلەن چۈشۈمدە دىدارلاشتىم.

 

سەھەردە مەرھۇم ئاتام ئۇچۇن ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىز قالغان سان- ساناقسىز قەھرىمان ئاتىلىرىنىڭ، مېھرىبان ئانىلىرىنىڭ، جەسۇرانە باش ئەگمەس پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ روھىنىڭ ئەركىن بولىشى ئۇچۇن دۇئا قىلدىم.

 

بالىلىرىم بىلەن ناشتىلىققا بىللە ئولتۇردۇق. مەن بالىلىرىمغا «سىلەرگە ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار» دەپ، تاڭ سەھەردە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەينەن ئېيتىپ باردىم ئەمما سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم… ئىختىيارسىز كۆز چاناقلىرىمدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ئىسسىق ياشلىرىم سىم – سىم يامغۇردەك مەڭزىمنى سۆيۈپ ئۆتۈپ، ئاستا – ئاستا زاڭاقلىرىمغا، ئاندىن بويۇنلىرىمغا ئاقماقتا ئىدى.

 

ئىككى قىزىم يۈگۈرۈپ كېلىپ «دادا …» دېگىنىچە مېنى بوينۇمدىن قۇچاقلىدى.

 

مەنمۇ قىزلىرىمنى چىڭ قۇچاقلىدىم، ئۇلارنىڭ مەسۇم كۆزلىرىگە بىر ھازا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىنكى سۈكۈتلۇكنى ئۆزۈم بۇزۇپ، يۈرىكىمدىكى سۆزلىرىمنى ئېيتتىم:

 

“بۇ دۇنيادا ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنت ئارا مۇھەببەتتىنمۇ چوڭقۇر ۋە چىن مۇھەببەت يوق. بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا بىر مەھەل مېھمان، بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ خوشاللىق ياشلىرى بىلەن بۇ دۇنياغا كېلىمىز ۋە ئاتا – ئانىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ جۇدالىق ياشلىرى بىلەن ئۇزىتىمىز. مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، مەن بۈگۈن ئاتام ئۇچۇن ياش تۆككەنگە ئوخشاش سىلەرمۇ مەن ئۇچۇن ياش تۆكىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. مەن ئاتامنى قانچىلىك سېغىنغىنىمدەك، ئاتامنىڭ قەدرىگە قانچىلىك يەتكىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنىڭ قەدرىمگە شۇنچىلىك يېتىسىلەر، مېنى سېغىنىسىلەر. ئاتا- ئاناڭلار ئۇچۇن ياش توكىسىلەر… بۇ ھايات شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە شۇنداق داۋاملىشىدىغان ھاياتتۇر».

 

توغرا، ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ مۇھەببىتىگە، پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتىگە قانماي بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىسى ھاياتلار، ئاتا- ئانىڭىزنى قەدىرلەڭ، ھايات ۋاقتىدا قانچىلىك قولىڭىزدىن، ئىمكانىڭىزدىن كەلسە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېلىڭ، ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا رازى قىلىپ، دۇئاسىنى ئېلىۋېلىڭ، بولمىسا بىر ئۆمۈر يۈرەك ئازابى بىلەن ئارماندا ياشايسىز.

 

ئاللاھىم، پۈتكۈل مەزلۇم ئۇيغۇر قوۋمىنىڭ قەدىردان ئاتا- ئانىلىرى ئامان بولسۇن. بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالىشىپ كېتىپ قالغانلارنىڭ روھلىرى پىردەۋس جەننەت ماكاندا بولسۇن! يېقىن بىر كەلگۈسىدە، بىزگە شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامسىز قەبرىلىرىنى تېپىپ چىقىشقا، بۇزۇۋىتىلگەنلىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىزلەرگە نېسىب بولسۇن. ئۇيغۇرنىڭ تىرىكلىرى ئەمەس، ئۆلۈكلىرىمۇ گۆرىدە خورلىنىۋاتقان ئەشۇ غېرىبانە قەبرىلىرىمىزنى تاۋاپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە گۈل-دەستلەر قويۇش بىزلەرگە نېسىب بولسۇن، ئامىن!

 

7- نويابىر، 2020- يىلى، لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !