ۋەتەنسىز قۇشلار
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media، Ün
باھا:0 دانە
24-10-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Wetensiz_qushlar.mp3
ھەي ئوكيان ـ
ئوكيان ئاتلىغان ئاتلانتىك ئوكيان….
مۇڭلىنىپ ساھىلىڭغا كەلسەم
شاۋقۇنلىرىڭ نەرە سالىدۇ دەھشەت .
بىراق چۆل ئوغلىنى
بۈگۈن سەن ـ
بۇ ھەيۋەڭ بىلەن قورقۇتالمايسەن…
غەرق قىلىپ دولقۇنلىرىڭدا ئېقىتالمايسەن
شاماللىرىڭدا ئۇچۇرتالمايسەن
مەن مەزمۇت خانتەڭرىدەك …
ھايات يىلتىزىم غول تارتقان ـ
ئەبەدىي تەكلىماكانغا ئەبەت ! ……….
ھەي ئوكيان !
ھەر قېتىم بىز ئۇچراشقاندا
سېزىمەن ئۆزۈمنى بۇ ئارالدا ـ
ساڭا مەھبس ئەسىرگە چۈشكەن
كۆز تالىدىغان ئۇپۇقتا ماياكلىرىڭ كۆرۇنگەن
ئاچ كۆز چايكا قۇشلىرىڭ ـ
بېشىمدا دان تىلەپ چۆگىلىگەن
قۇياش خىجالەتتىن مۆكۈنگەن
بۇلۇتلىرىڭ ياش تۆكۈشكە باشلىغان چاغدا….
كۆك ئاسمان ئاستىدا ئۇلۇغ دېڭىز
بۇلۇتلارنى ئۇستىدە ئەللەي ئېتىپ لەيلىتىدۇ …
سەرسان سىگان قۇشلار بوران ناخشىسى ئېيتىدۇ
ئۇلار پەسىللەرگە گۆل بولۇۋاتقان ـ
«ۋەتەنسىز قۇشلار» نى ئەسلىتىدۇ !
مەن تۇرغان دېڭىز ساھىلىدىن
بۇلۇتلاردىن
شاماللاردىن
ھەر نەپسىم بىلەن ئوتلۇق سالام يوللىنىۋاتىدۇ …
ئەنە…
قارشى قىرغاقتىن
ناپائىلوننىڭ ئۇرۇش پاراخوتى كۆرۈنىۋاتىدۇ…
ئۇنىڭ ئۇزاق، ئۇزاق شەرقىدىن
سۇغا ئاشىق
دېڭىزدىن ئەڭ ئۇزاق ئەلدىن
بىر ئاۋازنى يۈرىكىم ئاڭلاۋاتىدۇ …
ئۇلۇغ ۋەتىنىم ـ
«كەل ئوغلۇم! » دەپ مېنى چاقىرىۋاتىدۇ….!
ئۇشبۇ شېئىر مىلادى 2015 ـ يىلى ، 28- ئاپرېل كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى فرانسىيە بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئېنگىلس بوغزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىغان فولكېستون پورتىدا يېزىلدى.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-29489-1-1.html
http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=7046