ئۇيغۇرۇم
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
18-12-2018
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(لەپەر قوشىقى)
ئەر:
ئاي بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
كۈن بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
ئېيتقىن زادى نە بولاي؟!
بۇ كۈرەشتە ئۇيغۇرۇم؟!
ئايال:
ئاي بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ ،
كۈن بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ .
بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانىدا ،
ھەقتە ئەمما چىڭ تۇرۇڭ!
ئەر:
سۆزىڭىزدىن ئايلىناي،
قەلبىڭىزگە باغلىناي،
ئىستىقلالنىڭ يولىدا،
ئاتەش بولۇپ تەڭ ياناي!
ئايال:
سۆزىڭىزگە چىن پۈتەي،
دەستە -دەستە گۈل تۇتاي.
گەر يانسىڭىز ئاتەش بوپ،
يولىڭىزدا كۇل بۇلاي!
ئەر:
ئۇيغۇر قىزى كۇل بولماس،
زۇلىمەتكە گۆل بولماس.
نۇزۇگۇم باتۇرى بار،
دۇشمەنگە ھىچ قۇل بولماس!
2018-يىلى 30-ئىيۇن.