ئۇيغۇرىئانلار ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئىلاۋە:

 

ئەنگلىيىنىڭ لوندون كارمېلىت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1908-يىلى نەشىر قىلىنغان «ھارمسۋورت دۇنيا تارىخى» قامۇسىنىڭ 2-تومىدا بايان قىلىنغان “ئۇيغۇرىئانلار” ھەققىدىكى ئىزاھاتلار

 

بۇ قامۇس جەمئى 8 توملۇق دۇنيا تارىخى بولۇپ، مەزكۇر قامۇسنىڭ 2- تومىدا ئۇيغۇرىئانلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىك ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن بولۇپ، بۇ تارىخ قامۇسى دۇنيادىكى ئاكادېمىكلار ۋە تارىخچىلار تەرىپىدىن ئەڭ كوپ ئوقۇلغان كىتابلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قامۇسنىڭ 2- تومى جەمئى 1552 بەت بولۇپ، كىتابنىڭ 1437- بېتىدىن 1472- بېتىگىچە بولغان سەھىپىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بۇ جۇغراپىيىلىك بۆلىگىنىڭ ئەڭ مۇھىم خوجايىنلىرى دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرىئانلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ كىتابتا بايان قىلىنغا «ئۇيغۇرىئان» دېگەن مىللەت دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، بەزى كىشىلەر تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقاندەك مۇبارەك «ئۇيغۇر» مىللەت نامىمىز قانداقتۇر 1922- يىلى تاشكەنتتە سوۋېتلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولماستىن شۇ ۋاقىتتىكى «كۈن پاتماس ئىمپېرىيە» نىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئىنگلىزلار تەرىپىدىن 18 ۋە 19 -ئەسىرلەردىمۇ «ئۇيغۇرىئان» ۋە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكى تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى 21- ئەسىردىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ مىللەت كىملىكىدىن مەھرۇم بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان بۇ ھايات-ماماتلىق كۈنىمىزدە، ئۇشبۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللەت كىملىكىمىزنى بىلىش، ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش، ئۇنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشتە، بولۇپمۇ تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە تەجىربە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتە ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بولغان تارىخي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە بۇ كىتابتىن ئۆزۈم ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىككى ئابزاسنى تەرجىمە قىلىپ ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

 

ئۇيغۇرىئان

 

يايلاق خەلقلىرى قۇرغان ئىمپېرىيىلەر ناھايىتى كەڭ زېمىنلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تىزلا تارىختىن غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. بەلكىم بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ زېمىنى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ يورۇپ مال- چارۋىلار باقىدىغان چارۋىچى خەلقلەر ياشايدىغان بىر يەر دەپ قاراپلا نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇ يەرلەردىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەۋجۇت بولغان. دەلىللەر شۇنى كۆرسەتتىكى، تارىم ئويمانلىقىدىكى خەلقلەر گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇلار كۆرۈنەرلىك ھالدا مەدەنىيەتلەشكەن. ئۇلارنىڭ شەرىق ۋە غەرب ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم سودا يوللىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، ئۇلارنى مۇئەييەن ھالدا كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.

 

بۇ زېمىنلارنىڭ شىمالىدىمۇ يەنە سودا يوللىرى بار بولۇپ، ئۇ يوللارمۇ غەرب بىلەن تۇتۇشىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار ياشىغان يەرلەردىكى تاغ تىزمىللىرىدىن شەكىللەنگەن تەبىئي بەلباغلار ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆچۈشىگە ماس كەلگەن. ئالتايدا بولسا تەبئىي مىنېراللار كۆپ، ئەمما ئۇ يەرلەر ئىپتىدائىي ھالەتتە، گەرچە ئۇ يەرلەر نۇرغۇن قېتىملاپ يايلاق ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئېچىلمىغان ھالەتتە تۇرماقتا.

 

شۇنى ئېنىق قىلىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، تەڭرىتاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپلىرىدا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان بەلباغلار بەرپا قىلىنغان. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سىياسىي كۇچ ۋە ھوقۇقلار يايلاق مىللەتلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. ئۇلار دۆلەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرىگە يارىشا قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى تۇرغۇزغان. بۇ خىلدىكى دۆلەت باشقۇرۇشنى ھەتتا بالدۇر سىۋىلىزەتسىئون تارقاتقان ئەللەرنىڭ تارىخلىرىدىنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.

 

ئۇيغۇرىئانلار بۇ رايوندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئورنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇچۇن ناھايىتى مۇھىم بولغان توققۇز ئوغۇز ياكى ئاتلىقلار، يەنى توڭرا، سۇكىت، ئادىز، ساپ قاتارلىق قەبىلىلەرنى بىرلەشتۇرۇپ ئىتتىپاق تۈزىگەن. سېلېنگا دەرياسى بويلىرىدا ياشايدىغان، كېيىنچە يېنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا تارقاق ياشىغان شىمالدىكى ئۇيغۇرىئانلار گۇرۇپپىسى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرىئانلار بىر – بىرلىرىدىن پەرقلىنەتتى. شىمالدىكى ئۇيغۇرىئانلار خىتايلار تەرىپىدىن “گاو چې”- ئېگىز ھارۋۇلۇقلار ياكى “تېلې” دەپ ئاتىلاتتى ۋە ئۇلار ئانچە يوقىرى سەۋىيىدە مەدەنىيەتلەشمىگەن ئىدى. جەنۇبىي ئۇيغۇرىئانلارنىڭ دۆلىتى بولسا ناھايىتى مۇھىم بولغان غەرب بىلەن شەرىق ئوتتۇرسىدىكى سودا يولىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا سىۋىلىزەتسىئونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ دۆلەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئارىلاشما سىۋىلىزەتسىئون شەكىللەنگەن بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇرىئان دۆلىتىدىكى يايلاق خەلقىنىڭ ھاياتىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. (1468- بەت)

 

تۈركلەرنىڭ يۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا چارۋىچى مىللەت ئۇيغۇرىئانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. ئۇلار خۇيخې دەپمۇ ئاتلىغان. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دۇشمىنى بولغان قىرغىزلار بولسا سىبېرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشايتتى. كېيىن ئۇلار خىتاي بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان كۇچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. قىرغىزلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۇيغۇرىئانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق ئورنىنى 830 – يىللاردا ئاياغلاشتۇردى. بۇ يەردە قايسى كۈچنىڭ غەرب بىلەن بولغان سودا ئالاقە مۇناسىۋەتلىرىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلىش بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتاتتى. قىرغىزلارنىڭ بۇ يەردىكى رولى ۋاستىچى ئورنىدا بولۇپ، ئەرەب سودا كارۋانلىرىنى ئەسكەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرىئان تېررىتورىيىسىدىن قوغداپ ئۆتكۈزۇپ خىتايغا يەتكۈزۇپ بېرەتتى. قىرغىزلار ھەرقانچە قىلسىمۇ ھون ۋە تۈركلەردەك ئىمپېرىيە قۇرالمىغان ئىدى. ئۇيغۇرىئان ئىمپېرىيىسى سەلتەنەت يۈرگۈزگەن دەۋىرلەردىمۇ ئۇنىڭ باشقۇرىدىغان زېمىن دائىرىسى چەكلىك بولغان. (1471-بەت)

 

بۇ كىتابتىكى ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان، غەربىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت مەزمۇنلار تۆۋەندىكى  ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 

ئوتتۇرا ئاسىيا: تۈركىستان
دۆلەتلەر ۋە ئادەملەر
بۇ زېمىنلارنىڭ تەبىئىتى (1437-بەتلەر)

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاھالىلىرى
(رەسىملىك كۆرۈنۈشلەر 1442-بەتلەر)

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىپتىدائى ئادەملەر (1447- بەتلەر)

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشلانغۇچ تارىخى
قەدىمقى تۈركىستان ۋە يايلاق مىللەتلىرى (1451-بەتلەر)

ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپتىكى مەزگىلىدىكى تۈركىستان.
يايلاق دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىققا چىقىشى ۋە چۈشىشى (1465-بەتلەر)

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشلانغۇچ سىۋىلىزەتسىئون دەۋرى (1477- بەتلەر)

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى
بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسى (1481- بەتلەر)

كېيىنكى دەۋىرلەردىكى موڭغۇل ئىمپېرىيىەلىرى (1489- بەتلەر)

ھازىرقى زمان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى (1499- بەتلەر)

شەرقىي ياكى خىتاي تۈركىستانى (1509- بەتلەر)

غەربى تۈركىستان (1515- بەتلەر)

روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللىشى (1519- بەتلەر)

 
 


———————————————
مەنبە:
«ھارمسۋورت دۇنيا تارىخى» قامۇسى 2-تومىدىن تەرجىمە قىلىندى.
«Harmsworth History of the World» Volume 2Publisher Carmelite House 1 January 1908. London.

https://www.abebooks.co.uk/servlet/BookDetailsPL?bi=1144593610&cm_sp=det–bsk–bdp

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !