تۇنجى مۇھەببەت
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
26-04-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سۆيگۈ يانغىن
تەلۋە ساداقەت
كۈتۈشلەردىن چەكسىز ھالسىرىغان
قەلب قۇلۇپنىڭ تومۇرى چېگىشكە
ماماتقا يېقىن تۇنجى مۇھەببەت!
ئۇچراشقان ئوتلۇق كۆزلەر
ئەركى بىلەن باقالمايدۇ
مۇرات يولىدا ئاشىق دۈم يېتىپ يىغلايدۇ…
مەشۇق ھىجران دوقمۇشىدا تەنھا
خىيالىدا سۆيگىنىنى ئويلايدۇ …
يەنە قانچە كېچىنىڭ ئۆتىشىنى ـ
ئۈنسىز سانايدۇ…
مۇھەببەت ھەر باشقا سېھرىگەر
ئۇ كونا يولىدا شۇنداق قاترايدۇ!
يۇلتۇزلار چېچەكلىگەن
ماڭا تەۋە ئۆزۈم سەندىن ئاشقان كېچە
ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ –
ھەر تىنىقنىڭ سېزىمى
ۋىسال تەڭلىمىسىنى يەشكەندە
مېنى ئەتىكى تاڭغىچە –
ئويغاق تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ!
شۇڭا مېنىڭ ئىچىمدىكى سەن
ماڭا خاس ئۆزگەرمەس ئەشۇ كېچىنىڭ
يوشۇرن مەنىسىنى تاپىدۇ
ھاياتنىڭ تالاي كېچىلىرى شۇنداق پۈتىدۇ!
پەسىل بىلەن كارى يوق –
مۇھەببەت گۈلى تەكرار پورەكلەيدۇ
ماڭا تەۋە خاندانلىقىمدا –
مەن قازغان مۇرات دەرياسىدا
ۋىسال شەربىتى ئاقىدۇ
ھىلال ئاي كېچىدە نازلىنىپ
بۇلۇت كەينىگە مۆكىدۇ!
تاغ يارغان كەلكۈندىن
سەۋدالار قەلئەسى تىترەيدۇ
ھاياجاندىن ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئاچ تۇيغۇلار
تەلۋە سازلىقتا ئۇسۇل ئوينايدۇ …
بۈيۈك ئورمان ئارىسىدىن
كۆكلىگەن مۇھەببەت قىزىرىپ
قۇياش ئۇپۇقى بىلەن تەڭ بويۇن سوزغاندا
ئاشىق -مەشۇق رەڭگىدە بويۇلۇپ جاھان
يېڭى بىر ھايات
يېڭى كۈندە يورۇقلۇققا پاتىدۇ!
2015 ـ يىلى، 26 ـ ئاپرىل، لوندون