تۈگىمەس سەپەر

Tugumes_seper.jpg

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Tugumes_seper.mp3

 

مەن تۈگىمەس سەپەردە …   
ھېلىقى تونۇش پويىزدا
بۈگۈن بۇ يەردە يامغۇر ياغمىدى،
ئادەملەر قاپاقلىرى تۇرۇلـمىدى،
 ئاسماننى شىشخال قىلىپ تۇرىدىغان بۇلۇت ـ
قۇياشقا ئورۇن بەردى.


مەن تۈگىمەس سەپەردە …
كۆمۈش رەڭلىك پويىز دېرىزىسىدىن   
باھارنىڭ شەپىسى كەلگەنمىكىن ـ  
ئۇپۇق سۆيگەن ئاق بۇلۇتلار
قۇشلار كەبى پەرۋاز قىلىدۇ   
ئۇلار كۆلەڭگۈسىنى ئىزدمدىكىن   
يېشىل يايلاق ئۈستىدىن
بەخىتلىك پادىلار دۈمبىسىدىن.  

 

ئەلكۈن تۈگىمەس سەپەردە …
تەبىئەت بىلەن چېلىشىپلا ئۆتكەن
ئۇ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن
شۇ بىرلا كەم قالغىنى ـ
بەشىنچى پەسىلنى ئىزدەپ يۈرگەن!

 

ئەلكۈن تۈگىمەس سەپەردە …
ئۇنىڭ قەلبىگە نېمىلەر سىغمىغان ـ
دۇنيا سىغىدۇ،
تەبىئەت سىغىدۇ،
ئۇيغۇرنىڭ پۈتۈن تۆت پەسلى سىغىدۇ…
قىش سوغۇقى، ياز تومۇزى،
ھىجران كۈزنىڭ نىدالىق دەملىرى
ئۇزاق كۈتكەن باھار گۈللىرى
بارچىسى چېچەك تۆكىدۇ !  

 

2016 ـ يىلى، 11 ـ فېۋرال،  پويىزدا، ئەنگلىيە

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !