ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Leyligul.mp3
ھەتتا ئالەم دۇم كۆمۈرۈلسىمۇ روھىم مۇشۇ لەيلىگۈلدەك، خازانغا ماتەم بولغان كەچ كۈزدىمۇ مەزمۇت چېچەكلەپ تۇرىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بېشىدىن پەسىللەرنىڭ تالاي بوران-چاپقۇنلىرى ئۆتكەن. ئۇنىڭ يىلتىزى يۇلغۇندەك چىداملىق، ھەتتا قەھىرتان قىشتا جىسمى ئۈششۈپ كەتسىمۇ باھار كەلگەن ھامان يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىقالايدۇ. ئۇ يازنى ئۆزىنىڭ گۈزەل جۇلالىق گۈللىرى بىلەن نەقىشلەپ، قاتلىرىدا شوخ كېپىنەكلەرنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ ئوينىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بوستانلىقلاردا مېھنەت سىڭدۇرۇپ ياشىغان ئەقىللىق خەلقىمىز لەيلىگۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭ بىلەن ھويلا-ئاراملىرىنى زىننەتلىگەن، قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېسلىرىنى لەيلىگۈلگە ئاتاپ، لىرىك ناخشىلارنى ئېيتقان.
لەيلىگۈل ھەققىدە مېنىڭ ئېيتىدىغان ھېكايىلىرىممۇ كۆپ، شۇنداقتىمۇ لوندوندىكى لەيلىگۈلنىڭ ھېكايىسىدىن ئازراق سۆزلەپ بېرەي. مەن دەرۋىش بولۇپ، ياشايدىغان ماكان ئىزدەپ لوندونغا يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرلىرىدە، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ۋەتىنىمنى، شۇ لەيلىگۈل پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان باغۇ-بوستانلىق يۇرتۇمنى بەك سېغىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، (بۇ يەر بىر ئارال، كىلماتى نەم، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان بولغاچقا لەيلىگۈل ئۆسمەيدىكەن، پەقەت پەرۋىش بىلەن ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كېيىن بىلدىم) بىر كۈنى مەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر ھەشەمەتلىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، دېرىزە پەشتىقىدا ئەينەك شىشىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر قانچە تال پىلاستىك لەيلىگۈلنى كۆردۇم دە، يۈرىكىمدە ۋىللىدە ئاچچىق بىر پىغان يانغاندەك بولدى. بۇ تەبىئيكى كەچمىشىمنىڭ شۇ ۋاقىت رېئاللىق رىئاكسىيىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلاستىك بولسىمۇ ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ئەشۇ ساختا لەيلىگۈللەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمدە تاكى ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكىچە بىر قانچە يىل شىرەم ئۈستىدە ساقلىغىنىم ئېسىمدە.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ناخشىنى ئاڭلاش: Noruz_naxshisi.mp3
نورۇز – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش مىللىي بايرىمىدۇر. نورۇز – ئۇ يىلنىڭ بېشى، زىمىستان قىشنىڭ قوغلىنىپ، يېڭى بىر پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى، ۋەتەنگە، ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببەتنىڭ، يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مۇقەددەم باشلىنىش كۈنىدۇر. نورۇز بايرىمى كۈنى قەدىمكى شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەنكۈنگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى نورۇز بايرىمىنى مەزمۇنى مول بولغان ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەبرىكلەيدىغان بولۇپ ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەردە نورۇزنىڭ خاسىيىتى سۈپىتىدە نورۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش، دالا -تۈزلەردە نورۇز ئېشى ئېتىش، نورۇز ناغرىسى چېلىش، مەھەللىلەردە قاپاق كۆيدۈرۈپ ئايلىنىپ، سوغۇق قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئۆز-ئارا يوقلاش، نورۇز سەيلىسى قىلىش ۋە نورۇزلۇق ئارزۇ- تىلەكلەرنى بايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نورۇز» دېگەن سۆز ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) سۆزىگە «زور» (كۈن) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ «يېڭى كۈن»، «يىل بېشى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز «قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. «نورۇز» قەدىمكى تۈركىيە تۈرۈكچىسىدە ئاينىڭ ئېتى بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ مۆچەك ھېسابىدىمۇ يىلنىڭ بېشى ھەمەل (نورۇز) ئېيى بىلەن باشلانغان. نورۇز بايرىمى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى، جەنۇبى ۋە غەربىدە ياشايدىغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارغىچە، ئىرانلىقلار، كۇردلار ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بايرىمىدۇر.
بۇ بايرام يەنە كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىكى گىروزىيەدىن تارتىپ بالقان ئاراللىرىدىكى ئالبانىيەگىچە بولغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ۋە ئاممىۋىي بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى 2009- يىلى 2-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى رەسمى «قوغدىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دەپ ئەنگە ئالىدۇ ۋە 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى مەجلىسى تەرپىدىن «نورۇز بايرىمى خەلىقئارالىق بايرام» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Englis_yashighan_kochida.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى
تۆنۈگۈن كەچ بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەپلىك لوندون شەھىرىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك كوچىلىرىدىن بىرى بولغان، كەمدىن (Camden) بىلەن رېجېنت باغچىسى (Regent’s park) ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان Primrose Hill كوچىسىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم. گەرچە مەن بۇرۇن بۇ كوچىدىن رېجېنت باغچىسىغا بېرىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما كوچا بويلىرىدىكى ھەشەمەتلىك ۋىكتورىئان ئۇسلۇبىدىكى ئوي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىشىك ۋە ۋىۋىسكىلىرىغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمىدىن لوندونغا كېلىپ تۇرىدىغان زىيارەتچىلەر، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بۇ كوچىدا سەيلە قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى. بۇ كوچىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخسىلەر ۋە پۇلدار بايلار ياشاپ كەلگەن بولۇپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ يەر بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ شۆھرىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى.مەن كەمدىن يەر ئاستى پويىزى (Tube) بېكىتىدىن چىقىپ، كوچىلارنى ئارلاپ، دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن Primrose Hil بۆلگىسىدىكى بىر كەفىيخانىغا بېرىش ئۈچۈن كوچىلارنى ئارلاپ، تېلېفونۇم خەرىتىسىگە قاراپ كېتىۋاتسام، كۆزۈمگە كوچا تەرەپكە قاراپ تۇرغان بىر ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىغلىق تۇرغان كىچىك بىر تاختىغا يېزىلغان ئىسىم دىققىتىمنى تارتتى.
ئۇ تاختىغا مۇنداق خەت يېزىلغان ئىدى: «سىياسىي پەلسەپىچى فرېدرىخ ئېنگلىس بۇ ئۆيدە 1870ـ يىلىدىن 1894ـ يىلىغىچە ياشىغان»…. توغرا، مەن بۇ ئىسىمنى بىر زامانلاردا ئەقلىمنى ئېسىمگە ئالغان، بىر بۈدرە نانغا زار بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كەنتتىكى مەكتەپنىڭ ئورۇلۇپ چوشۇپ كېتەي دەپ قالغان زەي تېمىغا ئېسىلغان ماركىس ۋە ئېنگلىس قاتارلىق ئۇزۇن ساقاللىق دۇنيا كوممۇنىزمنىڭ داھىيلىرى، كالتە ساقال لېنىن ۋە خىتاينىڭ ماۋزېدۇڭ قاتارلىق كۆسەي «داھىيلار» نىڭ رەسىملىرى قاتارىدا كۆرگۈنۈم ئېسىمگە كەچتى….. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىسىمنى بۇ يەردە قايتا بىر كۆرۈپ ئىختىيارسىز خىياللارغا پاتتىم . توۋا، بىز ياشاۋاتقان بۇ زامان ھازىر قەيەردە؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى، ھەتتا ھايۋانلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان بۇ بېرىتانىيە جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ ساختىلىقى بىلەن ئاللىبۇرۇن تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن «ئادەم زەھەرلەيدىغان قۇرۇق پەلسەپە» لەرنىڭ ئىجات كارى بولغان، ئەمما سوۋېت، خىتاي، كۇبا قاتارلىق ھوقۇق زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەن ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر» ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى خۇدا قىلىۋالغان بۇ ماركىس ۋە ئېنگلىسلارنىڭ ھىچ بىر ئېتىبارى يوق ئىدى.
20- ئەسىردە دۇنيانى تىترەتكەن، يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ پىلتىسى بولغان، مىليونلىغان بىگۇناھ جانلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جۈملىدىن دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن خېلە بۇرۇنلا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىغىمۇ سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتى كىرىپ، قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ۋە كېيىكى يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەقدىردە ھەل قىلغۇچلۇق رول ئوينىغان، ۋە ھەتتا تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەملىكە ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىنى پەردازلاشقا داۋاملىق ئەس قېتىۋاتقان بۇ سەپسەتەنىڭ ياراتقۇچى داھىيسى بولغان كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى لوندون شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئېگىز دەرۋازا (Highgate Cemetery) قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، گەرچە مېنىڭ ئۆيۈم كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىقتىن ماشىنا بىلەن يېرىم سائەتلىك يول بولسىمۇ ئەمما بالىلىقىمدا ئۇنى تولا كۆرۈپ زېرىككەنلىكىم، ھەم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇنىڭغا خۇدادەك چوقۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە بارماي قويغان ئىدىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Dachaodiki_Nawayxana.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى پەرىزات ئۇيغۇر ئوقۇدى
مەن مىيۇنخىنگە كەلگەندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ قىينالدىم، گەرچە بۇ چىرايلىق شەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، رەتلىك كوچىلىرى مېنڭ كۆزۈمگە يورۇق تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمدىكى كۆرۇنىشى بولسا قاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا ياشاش كۈرىشىدىن كېيىنكى بوش ۋاقتىم بولسا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى مەن ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلار 1970-يىللاردىن باشلاپلا كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان، پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بۇ شەھەر مىيۇنخىن ھەققىدە كۆپىرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم. گەرچە بۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەندىكى ماكانىم تور بېكىتى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تورى قاتارلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بېكىتىدىن باشقا تور ئارقىلىق ئۈگەنگىدەك مەلۇماتلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. مەن ئۆز ئېھتىياجىمدىن چىقالايدىغان روسچە ۋە خىتايچىدىن باشقا بىر ياۋروپا تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆپىنچە، بولۇپمۇ يەكشەنبە كۈنلىرى مىيۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ھوببانوۋ ۋوگزالىنىڭ (Hauptbahnhof) ئالدىدىكى ئىنتېرنېت قەھۋەخانىلىرىغا كىرىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، روسچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن گېرمانىيە ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرەتتىم. ھەم بۇ دۆلەتتە قانداق ياشاش ھەققىدە ئۆگىنەتتىم، ئىزدىنەتتىم. دۇنيا، ياۋروپا ۋە خىتاي ھەققىدىكى سىياسىي ئېقىم خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتۇم. ۋەتەن سېغىنىشنىڭ ھەسرەتلىرىگە ئاز-تولا روھىي ئوزۇق تېپىش ئۈچۈن ماكانىم تور بېكىتىنىڭ «چايخانىسى» غا كىرىپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئۇ زامانلاردا خىتايدا تور تەقىپلىرى ئاساسەن يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تۈرلۈك ئىجتىمائىي تارتۇقلارمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تۈرك ۋە باشقا مىللەت كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. بۇ كۆچمەنلەر گېرمانىيىنىڭ نېگىزلىك بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلىناتتى. 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يېڭىدىن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى. پۈتۈن گېرمانىيە تەۋەسىدە 3-4 مىلىيونغا قەدەر تۈرك نوپۇسى بار بولۇپ، مىيۇنخىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن تۈرك كۆچمەنلىرىنىڭ ياردىمىدە زاۋۇت ۋە كارخانىلاردا، بولۇپمۇ تۈركلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى رېستوران، باققال ۋە ناۋايخانىلاردا ئىش تېپىپ ئىشلەش پۈرسەتلىرىگە ئېرىشەتتى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ مىيۇنخىندە قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتىم بولمىغان بولسىمۇ ئەمما گېرمانىيىگە كېلىشم ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ۋاقتىمدا مىيۇنخىندىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئالغان بىر قانچە مىڭ دوللار قەرىز مېنى قانداقلا ئىش بولسا بولسۇن، بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ، بۇنى ۋاقتىدا قايتۇرۋېتىش ۋەسۋەسى ئالدىرتاتتى. مۇشۇ مەقسەتتە مەن ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ شىركەتلىرىدە «قاچاق» ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس ياردىمىدە ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغان ئىدىم. دەسلەپتە قەغەز زاۋۇتىدا بىر يىلغا ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىدىن روھىي جەھەتتىن چارچاشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىغىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئادەم ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەش ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئۇنىڭ سالامەتلىككە، روھىي ساغلاملىققا تەسىرى كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى زاۋۇتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇنلار بىلەن توپا-چاڭلارغا مىلىنىپ ئىشلەش تەبىئىيكى، ئەگەر بىر كىشى ئۇ قەدەر موھتاجلىققا مەھكۇم بولمىسا، بۇ ئىش گېرمانىيىنىڭ شارائىتىدادائىم قىلىپ جان باقىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ، بىر قانچە ئاي بىر تۈرك تازلىق شىركىتىدە ئىشلىدىم، كېيىن تاماقتىن كۆپ قىيلىنىشقا باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل بولسىمۇ قورساقنىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر رېستۇراندا ئىشلەشكە يۆتكەلدىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Jawabsiz_Qalghan_Telefon.mp3
قۇياش پارلىغان سەھەردە بۈك- باراقسانلىق دەرەخلەر ئارىسىدىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى كىشىگە بۈگۈنكى بۇ بىر كۈننىڭمۇ بىز ئارقىمىزدا ئالدىراش قالدۇرۇپ كەتكەن ھەرقانداق بىر كۈندىن قېلىشمايدىغان، قىممەتلىك ھايات ئۆز مەنىسىنى كامالەتكە يېتىپ ئىپادىلەيدىغان، گۈزەللىككە ۋە ئەھمىيەتلىك دەملەرگە تولىدىغان يەنە بىر ياپ يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىۋاتقانلىغىدىن كۆڭۇللەرنى مەستخۇش قىلاتتى.
مەن ئۇشبۇ مىنۇتلاردا شۇنداق بىر روھلۇق كەيپىياتتا ئىدىمكى كىچىك قىزىمنى قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنىڭغا دۇنيا ھەققىدە قىزىق ۋە گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەچ، ئۇنى ئالدىراش مەكتەپكە ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولى خېلىلا تار بولغاچقا ئادەتتە ئۇچ ئادەم تەڭ ياندىشىپ ماڭالمايتتى. ئەگەر ئالدىمىزدا بىرەر ئادەم ئاستاراق كېتىپ بارغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يولىڭىزنى تىزرەك داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ئۈچۈن «مەرھەمەت، كەچۈرۈڭ، ماڭا يول بەرگەن بولسىڭىز!» دىگەندەك تەكەللۇپ گەپلەرنى قىلىپ يول سورىشىمىز كېرەك ئىدى.
تەلىيىمىزگە بىزنىڭ ئالدىمىزدا بوۋاق ھارۋىسى ئىتتىرىپ، مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭ ياشتىكى بىر كىچىك قىزنى بىللە ئېلىپ كېتىپ بارغان بىر ياش ئايال ئۇچۇردى. بۇ ئايالنى مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تونۇيتتىم. بۇ ئايال ئائىلىسى بىلەن مېنىڭ قىزىم ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ مەھەللىگە فرانسىيەنىڭ نىس (Nice) شەھرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئايالنىڭ قىزى بىلەن مېنىڭ قىزىم شۇنىڭدىن بۇيان بىر سىنىپتا ئوقۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لۇسىې (Lucie) بولۇپ، مىللىتى فرانسۇز ئىدى. بىز ئادەتتە ئۇچرىشىپ قالساق تەكەللۇپلۇق سالام – سائەتلىرىمىزنى ئاياشمايتتۇق.

ئىلاۋە: ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىنغان ئۇشبۇ سۆھبەت خاتىرىسى بولسا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2018-يىللىق 1-مارت كۈنىدە نەشىر قىلىنغان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى.
ئابدۇلجان ئازنباقىيېۋ
1. سىزنىڭ قازاقستاندا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» قۇرشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟
– سىز سورىغان بۇ سوئال ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاقتىكى ئەنگىلىيەدە 20 يىلغا يېقىن مۇساپىر بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ھاياتلىق كەچمىشىگە باغلىنىپ كەتكەن بىر ئۇزاق ھېكايەدۇر. شۇنداقتىمۇ مەن ئىمكان قەدەر بۇ سوئالىڭىزغا قىسقا ۋە چۈشنۇشلۇك قىلىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشاي. مەن 1999-يىلى ئانا ۋەتىنىمدىن ئايرىلدىم، 2001-يىلى لوندنغا كېلىپ كۆچمەن بولۇپ يەرلەشتىم. 2003- يىلى مەن لوندوندا كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتاتتىم. شۇ ۋقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغۇچۇم، كېيىنكى قىز دوستۇم (ھازىرقى ئايالىم) رەيچېل بولسا لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ بۇرۇن ئانا ۋەتىنىمىزگە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىناتتى. مەن شۇ يىلى يەنى 2003-يىلى ئىيۇلدا رەيچېل بىلەن بىللە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە قازاقىستانغا زىيارەتكە كەلدۇق. بىزنىڭ شۇ قېتىمقى سەپرىمىز بولسا بىرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتىلىنى تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يۇرتلارنى، يېزا-قىشلاقلارنى زىيارەت قىلىش، ئەل ئىچىدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئەل نەغمىچىلەر، مەشرەپچىلەر، يېگىت باشلىرى بىلەن كۆرۈشۇش، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەرۈك مەدەنىي مىراسلىرىدىن بىر بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ھايات خەلق ئىچىدىن ئۆگۇنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىدى. مانا مۇشۇ ئارزۇلىرىمىز بىلەن بىز 2003- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئالمۇتىغا كەلدۇق ۋە قازاقىستاننىڭ شەرىقدىكى ياركەندىن غەرىبىدە تاكى تۈركىستان شەھرىگىچە تەكشۇرۇش، تەتقىقق قىلىش خىزمەتلىرىدە بولدۇق.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۇ يەردە ئالتۇن رەڭلىك كۈن پارلىغان
ھاياتلىق گۈزەل كۆك ئاسمان ۋە قۇياش ئاستىدا
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشكارلىغاندا.
ئەمما مىنىڭ تەلەپچان بۇ يۈرىكىم
ھاياجاندىن ئۆرتىنىۋاتىدۇ …
ھاياتلىق سەپەرلىرى بەزىدە شۇنداق
ئاجايىپ ھېسلارغا تولغان.
يەنە قانداقتۇر مەۋھۇم ھېسلارغا تولىدىغىنى ئېنىق.
مەن ئالتۇن رەڭلىك ياپراقلارنى يېنىككىنە تۇتقىنىمدا
ئۇلار شاماللار بىلەن تەڭلا تىترەيدۇ…
مەن بۇ دەقىقىدە ئۇلاردىن ئاجايىپ تۇيغۇلارنى سېزىۋاتىمەن
ئۇلارغا قاراپ مىڭلىغان شېئىرلارنى ئوقۇۋاتىمەن.
بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۇچۇن
مۇھەببەت ئىلاھى تەرىپىدىن يېزىلغان.
22 – ئۆكتەبىر 2016- يىلى، لوندون

شائىر، يازغۇچى، ئاكادېىمىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1970- يىلى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي بوستانلىق يۇرتلارنىڭ بىرى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاقسۇ، ئۇرۇمچى, ئالمۇتا، بىشكېك ۋە لوندوندىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا يورۇق كۆرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننڭ ئەدەبىي ئەمگىكىنىڭ بىرى ”دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە“ ناملىق كىتابى 2011- يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا «خەلقئارا قەلەمكەشلە ئۇيغۇر مەركىزى» تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۇشكەن.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن نىڭ ئەڭ يېڭى شېئىر، ئەدەبىي، تەرجىمە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەنگلىيىدە ئېنگلىزچە ۋە دۇنيانىڭ باشقا دولەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا، تور سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئەنگلىيىدە يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپىسى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى (London Uyghur Ensemble)
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللۇنۇپ قالماستىن يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 2011-يىلىدىن بۇيان بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز »(Sounding Islam China) ئىلمىي تەتقىقات ئىش تۈرىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇنىڭ بىر قانچە نادىر ئىملىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى ئەنگىلىيىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا نەشر قىلىندۇ.
ئۇ 2018- يىلى سېنتەبىردىن 2020- يىلى سېنتەبىرگىچە بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «مەشرەپ» تەتقىقات تۈرى بويىچە لوندون ئۇنۋېرسىتېتى ئافىرقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2011-يىلىدىن بۇيان خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ 2017 – يىلى سېنتەبىردىن 2020-يىلى سېنتەبىرگىچە ”خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى“ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 2021- يىلى يانۋاردىن باشلاپ باش شىتابى لوندوندىكى خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئىش تۈرى بويىچە «خەلقىئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى» نىڭ پروجېكىت مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ تۇرلۇك ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى «ئەلكۈن تورى» ئارقىلىق ئوقۇيالايسىز:
www.azizisa.org | www.azizisa.org/en
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار:
يىراق قىرلاردا مېھنەتلىك ئۆتكەن ھايات – سەنئەتكار، يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ھەققىدە
www.azizisa.org/mehnetlik_otken_hayat_elkun_heqqide
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’
www.azizisa.org/uyghur_milliy_kimlikini_saqlash
ئۇيغۇر ۋىكىپېدىيە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
https://ug.wikipedia.org/wiki/ئەزىز_ئەيسا_ئەلكۈن