كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

كۈتۈش – ئۇ نازۈك قەلىبنىڭ ئىنتىزارى، سەبىرنىڭ ئىمتىھانى، ھاياتىنىڭ ئۈمىد ئىچىدىكى ئىمكانى، ئۇنىڭ تەمى ھەم شىرىن ھەم ئازابلىق! 

 

كۈتۈش – ئۇ، ئەگەر سىز تىپ-تىنىچ كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگىز قۇم بارخانى ئۈستىگە چىقىپ، ئاۋال ئادېمىزاتتىن خالى بۇ ماكاننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ، كارنىيىڭىز يېرىلغۇچە، ئاۋازىڭىزنىڭ بارىچە «ئەركىنلىك!!!»  دەپ توۋلىسىڭىز، چەكسىز بوشلۇق ئىچىگە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەكىس سادالار ئىچىدە ئاستا- ئاستا قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاۋازىڭىزڭىزغا سەبىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالسىڭىز، ئاندىن تىمتاسلىق ئىچىدىكى قاراڭغۇ كېچىگە غۇلىچىڭىزنى بولۇشىغىچە ئېچىپ، كېچىنى باغاشلاپ تۇرۇپ، بېشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى گۈمبەزگە ئۆخشايدىغان خۇددى قاراڭغۇلۇققا يورۇقلۇق ئاتا قلىىش ئۇچۇن شاملاردەك پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان سان-ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باقسىڭىز، روھىڭىز ھاياجاندىن خۇددى تېنىڭىزدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، شۇ چەكسىز يۇلتۇزلار تامان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرشېرىن تۇيغۇ ھۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ۋاقىتتكى چەكسىز بىر لەززەتتۇر. 

قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر سەندىن سورۇشۇم.
يوقالسا گەر بۇ مىللەت،
كىم قۇرىدۇ ئۇلۇسۇم؟!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
قۇرۇق گەپ سۆز قۇرىسۇن،
ئەقىل تاپقاي بۇ مىللەت،
ئۇيغۇر ياشىسۇن ئۆلمىسۇن!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ساڭا ئېيتاي چىن سۆزۇم.
قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس،
قىلىپ كۈرەش، بولۇپ ئوم.

 

ئۈمىد گۈللىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەلكۈننىڭ ئۆيى ئالدىدا ھەمىشە ئۇنىڭ غۇربەتلىك دەقىقىلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان كىچىكنە بىر خاس باغچا بار. تۆت پەسلىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بۇ مېھرى ئىسسىق باغچا، ئانا تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئەلكۈننىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنى ھەمراھ، بولۇپمۇ بۇ ۋابا كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئايرىلماس ھەمراھ. ئەلكۈننىڭ «كۈز ھىجران ئەمەس»، «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل» قاتارلىق يۈزلىگەن گۈزەل لىرىكىلىرى مانا مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، لوندون ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان ئەرىك قۇشلىرىنىڭ مۇڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ھايات مارشىغا ئۆز پىغانلىرىنى، قەلبىدە لاۋا كەبى تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان ئاتەشلىرىنى قوشۇپ يېزىپ چىققان ئىدى… 

 

ئەلكۈن – ئۇ، پەلەكنىڭ ئاتا قىلغان ناھەق قىسمىتىنى ھىچ قوبۇل قىلمىغان ۋە قىلـمىدى، ئەكسىچە ناھەق قىسمەتنى ھەقكە ئايلاندۇرۇ ئۇچۇن ناھەق كۈچلەرگە قارشى ئىسيان قىلدى. شۇ رەھىمسىز رېئاللىق كاشكى، ئۇنىڭ گەردىشى ھىجران بالاسىدىن باغرى قان – قان بولغان كۈنلىرى سان – ساناقسىز… 

ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Insanliq_Uyghurgha_Ogey.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

زارىم بىلەن ياشىم قان بولۇپ ئاقسا مەيلىمۇ،
قەدرىمنى ئەبگار مەلئۇن يەكسەن قىلسا مەيلىمۇ،
قەيەردە ئېيتىڭچۇ بىز كۈتكەن ئىنسانلىق بۈگۈن،
ئەھلى جاھان بىزنى كۆرۈپ جىم ياتسا مەيلىمۇ؟!

 

ئۇيغۇر جازا لاگېردا ئۆلۇپ كەتسە مەيلىمۇ،
بىر تۇققۇنۇم ئۆزبېگىم بىلمەي يۈرسە مەيلىمۇ،
قازاق-قىرغىز دۆلىتى ھالى نېچۈن پەرۋاسىز،
پايدىغا تۈركىيەم سۈكۈتتە تۇرسا مەيلىمۇ؟

 

ھەر جاننى فاشىستلار قىيناپ خۇن قىلسا مەيلىمۇ،
ئىپپىتى قىزلىرىمىز زەبۇن بولسا مەيلىمۇ،
نارسىدە بالىلار كوچىدا ئانىسىز يىتىم،
بۇ ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟

 

ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار

لوندون قەشقەر كوچىسىنىڭ كۆرۈنىشى.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگلىيىگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 – يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.

 

ئەنگلىيىدە، يەنى بۈيۈك بىرتانىيەدە 2016-يىلىغىچە 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- 1990- يىللار ئارىلىقىدا ئەنگلىيىگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.

 

ئەنگلىيىگە تۇنجى قېتىم ۋەتەندىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 – يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 – يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.

“چالا تەرجىمان” نىڭ مەقسىتى ئادەم ئۆلتۇرۇشمۇ؟

 

(“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتىنىڭ ئەكرەم ئىسىملىك بىر چالا تەرجىمان تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەن خاتا تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە)

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتىگىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر سۈرگۈن توپلۇقلىرى ئارىسىدا پىتنە-پاساتلار ئەڭ يوقىرى پەللىگە يەتتى ۋە بۇ پەللە داۋاملىق يوقىرى سەۋىيەلەر بىلەن كۈندىن- كۈنگە ئۆرلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان، دىنىي ئەپكارىمىز ۋە كىشىلىك ئەخلاقىمىزغا زىت بولغان تېتىقسىز مۇنازىرىلەر نېمە ئۇچۇن بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە يۈزبېرىدۇ؟ يەنە كېلىپ بولۇنغان مۇنازىرىلەر شۇ قەدەر خۈنىكلەشكەن ۋە خۇمسىلاشقان بولۇپ، ئادەمىي ئەخلاقىنىڭ ئەڭ رەزىللىك سەۋىيىسىگە يەتكەن ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ئىدىكى، ھازىرغا قەدەر بىر قانچە تور “ماڭقۇرتلىرى” يۈزبېتىك (Face book) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەمىنە بىلەن بىللە 71 ياشقا كىرگەن، ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر ئۇچۇن، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان بوۋىمىز يوللۇق سەپدىشىم ئەنۋەرجان ئاكىنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ، ئۆلۇم تەھدىتلىرى سېلىپ ئۇچۇر يوللىغان ۋە ئۇ كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرەپسىزلەرچە تارقىتىپ، سازايى قىلىشقا ئۈلگۈرۇشكەن ئىدى.

 

خوش، ئۇنداقتا ئاتىسى قويغان ئىسمىنىمۇ ئوچۇق -ئاشكارە ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىسمى يوق، تام ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھاقارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تىللىق «ماڭقۇرتلار» نىڭ بۇ قەدەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزغا زادى قانداق ئىش سەۋەب بولدى؟

 

ئەپسۇسلىنارلىق ئىش- بۇ يەردە ھىچ كىمنىڭ گۇناھى يوقتۇر. ئەگەر بار دېيىلسە، ئۇ كىشى ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ناھەق “گۇناھكار” قىلىنغان، خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى ئىلھام توختى ئەپەندىدۇر! بۇ كۆڭۈلسىز ماجىرالارغا تۈتۈن بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىسقا قىلىپ چۈشەندۈرسەك، «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى 2016- يىلى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر بايانات تۆت يىلىدىن بۇيان توردا تۇرغان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى چەكمەي، ھازىرقى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، 2020-يىلى 27-ئاپرىل شۇ تۆت يىل تۇرغان بايانات ئەنۋەر ئاكا تەرپىدىن كۆچۈرۈپ چاپلانغانلىقتىن كېلىپ چىققان بىر خاتالىق ئىدى

مېنىڭ “قىزىل سىزىقىم”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_qizil_siziqim.mp3

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دۇنياسىدا “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” نىڭ باياناتنامىسى ھەققىدە بولۇنغان مۇنازىرە، تەنقىدلەرنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئاڭلىدىم. كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىپى بىلەن مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەن تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىمەن:

 

مىلادى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان، 2016- يىلى قۇرۇلغان “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نى “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى باياناتنى مەن يازمىدىم ۋە بۇ باياناتنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئاكا ئۆزىنىڭ يازغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمى بايانات بەردى. (بايانات: www.ilhamtohtiinstitute.org/?p=587). شۇڭا مېنىڭ بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىغىم ۋە مەسئۇلىيىتىم يوق. يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتسام، ئەنۋەرجان ئاكا ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە مەزكۇر باياناتنىڭ 2016- يىلى “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” قۇرۇلغاندا، ياۋروپالىق بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە يازغانلىقىنى ۋە شۇ باياناتنامىنى نەشىر قىلىشقا ماڭا ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇق چۈشەنچە بەردى.

 

“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئاكا يازغان ئېنگلىزچە باياناتقا مېنىڭ ئىسمىمنى قوشۇپ ئېلان قىلىشنى سورىغان ئىدى ۋە مەن ئۇشبۇ ئىنستىتۇتنىڭ كاتىپى ۋە تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى بولغانلىقىم ئۇچۇن ئىسمىم قوشۇلۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەنۋەرجان ئاكا بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئەنۋەرجان ئاكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەن ئىسمىنى ئۇشبۇ باياناتتىن ئېلىپ تاشلىدىم.

 

بۇ مەسىلە سەۋەبلىك ھەقىقى ئەھۋالنى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، جۈملىدىن مېنىڭ شەخسىيىتىمگە ھۇجۇم قىلغان، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتلىرى سالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتىمەن، خاتىرلەۋاتىمەن، تەكشۈرۋاتىمەن ۋە شۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا شىكايەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمەن.

«ھىجران تىنىقلىرى» ۋىسال تىنىقلىرىغا ئايلانسۇن

(شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىمنىڭ يېقىندا ئىىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان «ھىجران تىنىقلىرى» ناملىق كىتابى ئۈچۈن يېزىلغان بېغىشلىما)

 

ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان كىشىلەر مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن يۈرەكلىرى قان بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن قەلەم تەۋرەتكەن ھەر بىر قەلەم ئىگىسىگە ۋەتەندىن ئايرىلىش ھىجرانى ئەبەدىي تېمادۇر. جۈملىدىن سىز مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولۇپ، مۇبارەك ئانا تىلىڭىزدا ياش ۋە تالانتلىق شائىر ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ قەلىمىدىن پۈتۈلگەن ھەر بىر مىسرالىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، ئادالەت ۋە ئىنسانلىقنىڭ كۈيلىرى تۆكۈلسە، دۇردانە غەزەللىرىدىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئىزنالىرى نامايان بولۇپ تۇرىدىغان، تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر باي، بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىدىن سۆيۇنسىڭىز، مىسرالىرىغا مۇجەسسەملەنگەن جۇشقۇنلۇق، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر قىسمىتىنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرى نامايان قىلىنغان قۇرلارنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيسىز. 

ئۇيغۇرلۇق ئەقىدىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

Uyghur_state

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Uyghurluq_eqidisi.mp3

 

مەن بۇ كۈنلەردە ئۆزۈمگە تەۋە دىلىمدىن باشقا بىر دىلغا سۆزمۇ قىلالمايمەن. شۇڭا بۇ مۇناجىتىمنى سەنلا زەڭ قويۇپ ئاڭلاپ قويغىن:

 
بىزدىكى ئەقىدە شۇنداق بىر ئەقىدىكى چولپاندىن يورۇق، ئالەمدىن بۈيۈك، قۇياشتىن ھارارەتلىك، قاردەك ئاق، سۈتتەك ساپ، قىسقىسى كائىناتتا ھىچ نەرسە بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە تەڭ بولـمايدۇ چۈنكى بىزدە شۇ ئەقىدە بولغاچقا بۈگۈنگىچە ئۇيۇشۇپ بىللە ياشاپ كېلەلىدۇق ۋە ئەتىگىمۇ مۇشۇ ئەقىدىمىز بىلەن ئۇلىشىشقا ھەم ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.

 
ئەقىدىمىزنىڭ ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا ۋاپادارلىقى – بىز بىللە توپا كېچىپ ئوينىغان چىغىر يوللارغا، بۇغداي ئورغان ئېتىزلىقلارغا، پادا باققان جاڭگاللارغا، ئۇژمە تىرىپ يېگەن شاخلارغا، قىسقىسى بىزگە تەۋە بولغان تەبىئەتكە، بىزگە تەۋە بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر زېمىننىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە يىلتىزى مەڭگۈlلۇك روھ قىلىپ تېرىۋېتىلگەن، قەلبىمىزگە ئورقۇن ئابىدىلىرىدەك قىلىپ ئۇيۇۋېتىلگەن.

چىمەنقۇش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Chimenqush

ئەسەرنى بىۋاستە ‍ئاڭلاش: Elkun_poem/Chimenqush.mp3

 

چىمەنقۇش
قەشقەردىكى چىمەنقۇش…
تومۇز ھىدى سەندىن سوۋۇمىغان،
ئاخۇنلۇقتا سايراپ يۈرەتتىڭ تۆنۈگۈن
ئۇ يەردىن ئىزىڭ تېخى قۇرمىغان.

 

شۇڭا دەيمەن
سېنىڭ كۈزدە سۇلغىنىڭ يالغان،
سېنىڭ قەپەزگە كىرگىنىڭ يالغان!

 

مەن شۇ قەپەس قۇلۇپىنى چاقاي!
قۇرۇپ كەتسۇن قۇلۇپ دۇنيادا.
رەزىللەرنى نەپرىتىمدە كۆيدۈرەي
قىساس ئۆتى ئاسسۇن ئۇلارنى دارلارغا!

 

شېئىرىڭ پەرۋاز قىلار
ساڭا تەۋە بولغان كۆك ئاسماندا…

چۈنكى كۆك ئاسمان ئەركىن
ئۇ ساڭا ئوخشىمايدۇ
ئەمما ئۇ سېنى پەنجىرىدىن كىرىپ يوقلاپ تۇرۇدۇ
سەن گاھ مۇڭغا پاتقان چاغلاردا …