
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
”ئانا“ دىن ئۇلۇغ سۆز يوق.
”ئانا ئايىغىدا جەننەت بار“
– ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى.
مەن بۇ مەرسىيەمنى پۈتۈن ھاياتىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىش يولىدا بۇ ئالەمنىڭ راھىتىدىن كۆرە قاتتىقلىقنى، بارلىق جەۋىرى جاپالىرىنى يەتكۈچە تارتقان، ھاياتنىڭ ھېچ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي بۇ ئالەمدىن ئوتكەن بارلىق جاپاكەش مېھرىبان ئۇيغۇر ئانىلارغا، جۈملىدىن مېنىڭ 12- فېۋرال ئەتىگە سائەت 2:40 مىنۇت ئۆتكەندە 4 پەرزەنتىنى، مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نەۋرىسىنى (مەن ئەڭ چوڭ نەۋرىسى) ۋە 16 چەۋرىسىنى مۇسىبەت قايغۇللىرىغا قالدۇرۇپ بىز بىلەن 82- يېشىدا ۋىدالاشقان جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن. ئەي سۆيۈملۈك ئانا، نامىزىڭغا بارالمىدىم…… مېنى كەچۈرگەيسەن! ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەت ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Muhebbet_hemmet.mp3
(بۇ شېئىرنى سەكراتتا يېتىۋاتقان كۆيۈمچان ئاتاجانغا بېغىشلايمەن!)
مۇھەببەت ھەممە …
بىزگە تەقدىم قىلىنغان تۇغۇلۇش بىلەن
ھەم تۈگىمەيدۇ ئۆلۈش بىلەن
يۈرەكتە ياشنايدۇ سۆيگەنلىرىم
بىرى باغ، بىرى تاغ،
بىرى دەريا… ھەممىسى باشقا بىر دۇنيا
شۇڭا بەخىتلىكمەن ئەركىم بىلەن.
ھەر كۈنى مۇساپىرنىڭ ئاسمىنىدىن
كۆزۈم يۇمۇلۇشتىن بۇرۇن،
سەھەردە يورۇق كۆرۈشتىن بۇرۇن
ئامانلىقنى مەن تىلدىم
يورۇق يۈزىڭلارنى
ئەتىنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن كۆزۈڭلارنى
تەبەسسۇمگە تولغان كۈلكەڭلەرنى
ماڭا كۆرۈش نېسىپ بولسۇن دېدىم…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baliliqta_muhabbet.mp3
مەن دەردىمنى تامغا ئېيتىپ ئۆگەنگەن،
ئاڭلارغا كىشىم يېنىمدا بولـمىغاچ.
كەلدى ياشاپ ئامانەتتە ئەقىدەم،
ئاشىق يۈرەك كۆيۈپ ساڭا تىنمىغاچ!
چوڭ بولساممۇ خىيانەت بالىلىقتا يوق،
ئېيتساڭمۇ گەر يالغاننى مەن سۆيمىدىم دەپ.
پاك مۇھەببەت تۆرەلگەن سەبئىيلىكىم ئۇ.
ياشنايدۇ مەن بىلەن تەڭ سۈيۈلۇپ ئەبەد!
بالىلىقتا بال، تەمى ئاداققا كەتمەس،
ئالـمىلىق باغ، رۇخسارىڭ سىماسى ئۆچمەس.
تىلىگەن ئىدىم تولسىمۇ قەلبىمگە ئازاب ـ
«ياشا سەن، بەخىتلىك بول بىر ئۆمۈر پەۋەس!»…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئىلاۋە: ئەشۇ يىللاردا بۇ شېئىرنى يېزىشتىن تۇغۇلغان ئويلار – بىز ئادەملەر بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان “ھايات ئىشقى” نىڭ ھۇزۇرىدىن، “ئاخىرەتلىك “ نىڭ غېمىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالىغان ئەمەس. ھاياتىمىز مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە مۇشۇ بىر – بىرلىرىگە قارمۇ – قارشى ھۇزۇر بىلەن ئەندىشە ۋەسۋەلىرى بىز ھاياتلىق مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ بولغۇچە ئۆمۇرىمىزدىن خوشلىشىپ كېتىپ بولىدۇ….. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بەلكىم مەن ئىنسان ھاياتىنىڭ بىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان تەبئىي قانۇنىيىتى بىلەن قەلبىم قېتىدىن ئۇرغۇغان سوبيېكتىپ تۇيغۇمنى گۈزەل ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا شېئىرى ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كۆرگەن بولسام كېرەك, ئېھتىمالىم. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مەن بۇ شېئىرنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ھايات – ماماتلىقى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقىنى چەكلەيدىغان تەبئىي قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەس، بەلكىم ئادەملەر تەرىپىدىن يارىتىلغان ھاياتنىڭ سۇنئىي كىشەنلىرنى پاچاقلاشقا، بۇ ھاياتلىقتا مەن ئۈچۈن يارىتىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىگە تىز پۈكمەي، ھاياتنى قىزغىن مېھرى – مۇھەببەت بىلەن باغاشلاشقا، ئۆزۈمنى تولۇپ – تاشقان ئۈمىد بىلەن، ئىجابىيلىق بىلەن مەن كۈتۈۋاتقان گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن مېھنەت ۋە ھىممەت بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بولسام كېرەك يەنى مەن مىلادى 1998 – يىلى غازىيانە ئاقسۇدا ياشاۋاتقان كۈنلىرىمدە !
(بۇ شېئىر 1998- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاقسۇ گېزىتىدە ئەزىز ئەيسا (يول) نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان)
ھايات ئىشقى
ئىككىلەنمەيمەن،
سۆيگۈ ئالدىدا.
زارلىمايمەن،
تەقدىر قوينىدا.
يانغىن…
ئوتتىن پۈتكەن يۈرەك.
ئىرادەم ھاياتقا-
خانتەڭرىدەك….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مۇئەللقتىكى مېنىڭ كۆك ئاسمىنىم
مەن سېنى مۇتلەق سۆيۈپ كەلدىم
ۋۇجۇدۇم بىلەن باغاشلاپ
بىر جۇپ كۆزۈم كۆرۈشكە
بۇرنۇم ھىدىڭنى سېزىشكە
ئېغىزىم سېنى قوشۇپ يېيىشكە
پۇتۇم مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ.
مەن سېنى قەلبىم قېتىدىن
چەكسىز سېغىنىپ كەلدىم بۈگۈنگە
بۇ سېغىنىش شۇ يەردە ئۇزاقتىن بۇيان
بۇ سېغىنىش دېڭىزدەك چوڭقۇر
بۇ سېغىنىش تەڭرى تېغىدەك ئېگىز
گەرچە مېنىڭ يىلتىزىم
كۆمۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ دەشتى چۆلگە…..

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghnish.mp3
يەنە شۇ تونۇش سەھەر، تونۇش بۇ باغچا،
ئوخشاش مۇڭدا غەزەلچى قۇشنىڭ سايرىشى.
قاغا قاقىلدىشىمۇ تۆنۈگۈنگە ئوخشاش،
قايتمىغان مۇدھىش سوغۇق بىزدىن تېخى!
كۆك ئاسمان، قۇياش نۇرى پارلىغان سەھەر،
مەن كېزەرمەن دۇنيانى ئۆزۈمدە يۈدۈپ.
زارىقىپ كۈتكەن دىلخۇمار تېخى كەلمىگەچ،
يارالغانمۇ ياشاشقا مەن سېنى كۈتۈپ؟!
ياشايمەنمۇ كەلمەس يار يولۇڭغا قاراپ،
سېغىنىشتا ئۇپۇق چېتىدىن سېنى ئىزدەپ.
ئاي تولۇندىن سالام يوللاپ ھەر كېچىدە،
مىسرا قىلىپ ھەر شېئرىمغا سېنى كۈيلەپ….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yengi_yilgha_sual.mp3
يىڭى يىل كەلدى، كونىسى كەتتى،
ئۆمۈردىن بىر بەت يىرتىلدى، ئۆچتى.
سورايمەن غەمكىن ئوزۇمدىن سۇئال,
قىممىتى بۇ ھايات نەلەرگە كەتتى؟!
گەر يېشىم ئاشسىمۇ قىرىقتىن بۈگۈن،
ئاشالمىدىم ئارزۇيۇم چېكىدىن ھالقىپ.
ياشايمەن قول سۈزۈپ ئۈمىدكە ھامان,
خەلقىمنىڭ دەردىگە ئۆزۈمنى زارىقىپ.
يامغۇرلۇق بۇ كېچە، مەن مۇڭغا پاتتىم،
ئۇزىتىپ يىللارنى ئارقامغا ئاتتىم.
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا بولۇپ مۇساپىر،
چۆللەردە نىجاتلىق كارۋىنى تارتتىم…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Yawayiliq.mp3
چەكسىز ئورمان
كۆزگە ھەسىرەتتىن تولغان ياش
ئاپىسىغا ئۆگەيلەنگەن
شاماللىق يېشىل دالا –
چىغىر يوللار سۆيۈشۈش ئۈچۈن كېسىشكەن
بىزنى باشلايدىغىنى شۇ بىرلا نۇقتا.
تەلۋە بۇلۇتلار ئالدىراش
شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدۇ
ھەممىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بىر
قۇياشنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن
يۇشۇرۇن سۇيقەست قىلـماقتا.
تەبىئەت ناخشىسىنى توختىماي ئېيتىدۇ
مەنمۇ تەڭكەش قىلىپ ئېيتىمەن
مېنىڭ مۇھەببىتىمۇ بۇ ناخشىلاردىن قېلىشمايدۇ
ئۇ قۇمدا، باغدا، تاغلاردا تاۋلانغان
مۇڭلىنىپ قان ـ قېنىمدا كۆيىدۇ …