
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharim_seni_kel_didim.mp3
باھار گۈلى نارگىز ناز بىلەن ئېچىلغاندا،
باغچامغا بۇلبۇل كېلىپ بەزمىگە قونغاندا،
ئاق لىباسستىن ئۆرۈك چېچىكى رومال ياپقاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
قىراۋلىق پەلەك تەبەسسۇم قۇياش تۇغقاندا،
پەسىل تۇرنىللىرى باھار ئىزدەپ ئۇچقاندا.
زەينەپمۇ مۇڭغا پېتىپ يارنى سېغىنغاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
قۇياش نۇرى جىلۋە تۆكۈپ پارلىغان سەھەر،
ئەيلەر كۆڭۈلنى ئىنتىزار خەستە شۇ قەدەر؟!
مەن رازى باھارغا گىياھ بوپ كۆكلىسەم ئەگەر،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Elkunning_suriti.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
(ياشلىق قەدمىمنى بېسىشنىڭ ئالدىدا مۇڭلۇق خىياللار قاينىمىغا چوككەن بىر بالا ئىدىم… 1985-يىلى سېنتەبىر، شايار)
ياشلىققا قەدىمىم يىتىشتىن بۇرۇن،
خىيالچان بالىتىم مۇڭغا چۆككەن.
كېچە يۇلتۇزىدىن بەخىت ساناپ،
سەھەردە قۇياش بىلەن تەڭ ئۆسكەن.
شۇنداق بالىتىم ھەممىگە قىزغىن ،
«نېمىشقا؟» دېگەن سۆز ماڭا ھەمراھ…
گاھىدا ئاتاجان تىرىكىپ كەتسە،
چۇشنەتتىم دۇنيانى تىلسىم جەڭگاھ…
چوڭ بولدۇم بوۋام ھېكايىسىدىن.
توت كۈندە يېشىم ياشلىققا يەتتى.
قەلبىمدە بىخ سۇرۇپ بولغۇچە تۇيغۇ،
سەبىي مەنزىلىم كەلمەسكە كەتتى…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yurtumda_bir_kun.mp3
كېۋەز شادىسى يازنى ئەسكە سالار،
كانايدا ياڭراق دېھقاننىڭ ئىسمى.
ئايىقىمدا توپلۇق يول، مۇزلۇق ئېتىز،
تۆكۈلەر يامغۇر بوپ تارىمنىڭ قۇمى.
ئاتام تىككەن تېرەكلەر مۈكچەيگەن،
خۇددى ئاتامنىڭ ھالىغا ئوخشاش.
ئانام توخۇسىنى دانلاشقا چىللار،
تېلىققان ئاسماندا نۇرسىز قۇياش.
تۆت تۈپ تېرەك يول بويىدا قىيسىق،
قىزىل لوزۇنكا تۇغ بولۇپ تۇرار.
›ئېلىپبە‹ ئۆگەتكەن موللا ئۆلۈپتۇ،
مۇڭگۈز قەبرىسىگە بولۇپ يادىكار.
بۈگۈن بۇرچىنى ئۇنتۇپ خوراز،
كاتىكىدە چىن چۈشتە تاڭغا چىللار.
ئانام باققان ئەركە قوزىچاقلار،
كېلەر يىل بۇ كۈنى قۇربان بولار.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قەلبىمدە ھىجران مىڭ مەرتە ئۆلۇپ
مىڭ مەرتە قايتا تىرىلگەن
كەچ كۈزدىكى غېرىب باغچامدىن
دېڭىز سۈيىدە نەملىشىپ ـ
دات بېسىپ كەتكەن ئاھۇ ـ زارىمدىن
مەن ئاشىق ئالتۇن رەڭلىك ياپراقنى
ماڭا تەۋە ھەممىنى قوشۇپ ـ
«كۈز ھىجران ئەمەسكەن» دېدىم !
سەھەردە تۆكۈلگەن شەبنەم ـ
ئۈچتۇم ياپراقتىن گېلەم ياسساپ!
مەن توغلۇپ ئۆسكەن ئەزىز ماكان
يېتىپتۇ سۈكۈتتە باغرى قانسىراپ …
ئاتام سەكراتتا خىيالغا چۆمگەن …
ئاپامنىڭ كۆزىدە ئەندىشىلىك دۇنيا
مەن بىر چاغ كۈيلىگەن ئاق ۋە قارا قاغىلار ـ
ئانام قەبرىسىنى مەن يوقلىغان بۈگۈن
بۇ دەملەرگە گۇۋاھچى بولدى ئۇلار –
ھەسىرەتلىك ۋىسالغا قوشۇپ مۇڭ – ناۋا.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Ottura_dengizda_izgu_tilekler.mp3
كۈن چۈشكەن بېشىغا يانار تاغلىرى،
مۇسسولىننىڭ پۇتى كۆيگەن دېڭىز.
يېمىشكە تولغان بوستان باغلىرى،
سوقۇلغان تاش قورغىنى ئەڭ ئېگىز.
بېلىجانلار سەييارە دېڭىزدا شوخ – شوخ،
شاراپ تەمى ئىدىشتىن كەتمىگەن يوقاپ.
بىر جۇپ گەۋدە ساھىلدا دۇنيادىن بىھۇش …
مۇھەببەت كۈيى ياڭراق دولقۇنلۇق شۇتاپ.
يالتىرار كۆمۈش رەڭدە بويالغان سۇلار،
قىزىرىپ كەتكەن ئۇپۇقتا سۆيگۈ يەلكىنى.
ئاھۇ ۋولقان باغرىدا بەختى يوق تاغلار،
تەۋرىتەر بۇ زېمىننى ھەر بىر سەلكىنى.
[تولۇق ئوقۇش]
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(تارىمنىڭ چۆل گۈللىرىنى سېغىنىپ)
چۆل گۈلى ـ
يۇلغۇن قىز قىزىرىپ
باھار ھۆسنىگە ھۆسىن قاتتى.
يانتاقجانغا كۈن بىلەن تەڭ
ئالەمگە كۈلۈپ باقتى.
تېرەك بوۋاي
باھار ئاپتىپىدا بېشىنى قاشلاپ
پوتلىسىنى يېنىغا تاشلاپ
يېشىل يوپۇرماققا ئاستا يۆگىنىپ ـ
چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا پاتتى!
[تولۇق ئوقۇش]
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ھەر كۈننىڭ تۈن كېچىسى،
ئۇ يېرىمى تۈنۈگۈندىن ئېشىپ قالغان.
ھەممە نەرسە كۆزگە مەۋھۇم،
شوخ يۇلتۇزلار بېقىشقان،
چىرايلىق ئاي بۇلۇت كەپىسىدىن –
ناز بىلەن سوزۇلۇپ چىققان!
ئۇيقۇسى سەگەك ئويغاق زېمىن،
دۇنيا گۈزەللىكىگە مەدھىيە ئوقۇپ،
ھەم رەزىللىككە نەپرەت ئوقۇپ،
سامان يولىغا ھەۋەس بىلەن باققان.
تۈڭلۈكتىن چۈشكەن تولۇن ئاي –
بۇ كېچە دوڭ مازاردا،
گۈلخان ياققان،
قورسىقى تازا ئاچقان –
بەڭگىنىڭ تاۋقىدا ئاش بولۇپ قاتقان.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
پېشانەمدىن تەپچىدى تەر،
كۆز قىرىمدىن سىرغىدى ياش.
ئىككىسى سۆيۈپ مەڭزىمنى،
بوينىمدا بولۇشتى ئاداش.
قۇلقىمدىن شامال ئۆتۈشتى،
چاچلىرىم زوق ئۇسۇل ئوينار.
بۇرنۇمدا نەپەس قىينىقى،
ھالى يۈركىم زەئىپ سوقار!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قۇش ئاۋازى زەپ شوخ ئاۋاز،
ھەر كۈن بېغىم مېھمىنى.
تىنمايسەن سايراپ سەھەردە،
ئېيتساڭچۇ بىلەي تىلىڭنى؟
مەنمۇ سەندەك بولسام ئىدى،
خۇشئاۋاز سەھەردە سايراپ.
قوغلىۋەتسەم شۇ دەردىمنى،
يوقالسىدى مەندىن ئازاب!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بىۋاستە ئاڭلاش: Kun_tun_tengleshkende.mp3
ھاياتنىڭ سېھرىگە تولغان بۇ يىللار،
مېھنەت كوچىللىرىڭدا ئالدىراش ئۆتتۇم.
ئارمان يۇلتۇزلۇرۇم ياندى ئۆچمىدى،
قۇتلۇقلاپ قولۇڭغا دەستە گۈل تۇتتۇم.
سۆيىمەن ھاياتنى دۇنيا گۈزەلدۇر،
بولساممۇ چۆللەردە ۋەسلىم بوستاندۇر.
تىلەيمەن بۈركۈتتەك پەرۋاز قىلىشنى-
كۆك ئاسمان ئەسلىدىن ماڭا ماكاندۇر!
قەلبىمنىڭ ئېيتمىغان ھېكايىسى كۆپ،
چايكىلار سۈكۈتتە دېڭىزلار گۇۋاھ.
ئۆتتى يىل سېغىنىشنى بېسىپ باغرىغا
ھەر پەسىل رەڭلىرى ماڭىلا ھەمراھ!