يوپۇرماق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

كۈزدىكى سېغىنىش

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
ئۈزۈلدۇڭ ۋاقىتسىز تېنىڭدىن جۇدا.
ياكى داپ چالدىمۇ ساڭا شاماللار؟
ئۈچتۇڭ بۈگۈن ماكانسىز بولۇپ سەۋدا…

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
تاڭ سەھەردە ھىجران ناخشىسى ئېيتىپ.
كېزەرمەن ۋىسال تۇغقان بۇ كوچىنى،
نەپسىمگە سېغىنىش ھېسلىرىنى قېتىپ.

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
سارغىيىپ رەڭگىڭ يېشىلدىن تۆنۈگۈن.
بولمىغىن ئەمما سەن ھىجرانغا ئەلچى،
خازاندەك توزۇمىسۇن سۆيگۈ بۈگۈن!

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
سارغىيىپ ئالتۇندەك ھۆسىن – جامالىڭ.
كەتسەڭ گەر پەسلىنى پەرۋاسىز ئىزدەپ،
كۆكلىگىن گۈلۈم بولۇپ باھاردا مېنىڭ؟!

 

29 ئۆكتەبىر، 2017- يىلى. لوندون

 
 

يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

شېئىرنى ئاڭلاش: Yurkim_yansa_meylimu.mp3

شېئىرنى كۈندۈزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Yurkim_koyse_meylimu_Aykun.mp3

شېئىرنى ئايكۈن ئوقۇدى

 

پەسىلنىڭ رەڭلىرى تۆكۈلگەن دەملەر،
ئۇچمىدى خازاندەك ھاياتتىن كىملەر،
مۇسىبەتتىن ئاقساق ئېغىر قەدەملەر،
پىغاندىن يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

 

سۈكۈتتە مەن سەھەر دەريا بويىدا،
بەزمىگە چۈشكەن قۇشلار دان كويدا،
چۆگىلەر تۈگمەندەك دۇنيا ئويۇمدا،
ئازابتىن بۇ يۈرەك كۆيسە مەيلىمۇ؟

 

قارغايلار ئاسمانغا قاراپ سەپ تارتقان،
تاغ باشىغا تۇمانلار ئۇپۇق ياپقان،
ۋادىلار سارغىيىپ يالىڭاچ ياتقان،
خازان بولۇپ ئۆمۈر كەتسە مەيلىمۇ؟

 

تارىمدىكى ئالتۇن كۈزىنى مەن سېغىنىپ،
توغراق ياپرىقىدەك كۈزدە سارغىيىپ،
تەڭرى سۆيگەن كۆككە ئىلتىجا قىلىپ،
ھايات ئۆتۈپ كەتسە تۇراي مەيلىمۇ؟

 

پەسىل بىلەن تۇيغۇم تۇغۇلۇپ تۇرسا،
سۆيگۈم بىلەن نەپرەت كۈرەشكە تولسا،
كۈلكەم بىلەن يىغام ئايرىلماس بولسا،
پىغاندىن بۇ يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

 

سۇ يۈزىدە لەيلەپ ئاقار يۇپۇرماق،
ئەكسىم تىترەپ تۇرار ئۈستىدە بىراق،
قويۇلغان ھاياتقا سېھىرلىك سوراق،
ئەلكۈن پىغاندىن ئۆلسە مەيلىمۇ؟!

 

16-ئۆكتەبىر 2017- يىلى، لوندون.

 

كۈزدىكى سېغىنىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

كۈزدىكى سېغىنىش

يەردە ياپراق ئۆلۈمنى كۈتكەن بۇ سەھەر،
جۇدالىق شامىلى غۇيۇلداپ ياندىن ئۆتەر.
بىر توپ قاغا دەرەخ ئۇستىدە ھازىدار …
ئاھ يار، سېغىنىشىڭ بۈگۈن يۈرەككە يېتەر!

 

سېغىزخان تاقلاپ يولۇمدىن توغرا ئۆتتى،
ئاڭلارمەنمۇ بىر خوش-خەۋەر ياردىن شۇئان.
مەن كۈلسەم دەقىقە ھايات لەززىتىدىن –
بولماسمىدى ھىجران غايىپ ئارىدىن پىنھان ؟!

 

«كۈز- سەن ھىجران ئەمەس» دەپ نەزمە يازساممۇ،
ياپراق ئاياق ئاستىدا چەيلىنىپ ياتتى.
باھارنى كۈز بىلەن تەڭ چىللاپ باقساممۇ،
قىش دېدى «مەنىسىز باھار كەلمەسكە كەتتى!».

 

كەتمەكچى يىل بىلەن تەڭ ئالتۇن كۈز بۈگۈن،
بىز ئۇچراشقان شۇ كۈننى ئۆتمۈشكە تاشلاپ.
بىلمەيمەن يەنە نەچچە كۈز ئۆتەر بەلكىم،
كەلمىسەڭ قىشتىن بۇرۇن باھارنى باشلاپ؟!

 

مەيلىمسىز ھىجرانغا قۇل مەھكۇم مۇھەببەت،
ۋىسال كۈننى كۈتىدۇ تاقەتسىز پەقەت.
كۈز رەڭگىدەك سارغايدى ئەلكۈن يۈرىكى،
ياشامدۇ كۆيگەن ئوتنى يوشۇرۇپ ئەبەد؟!

 

17- ئۆكتەبىر (01:08) 2017- يىلى. لوندون

 

‏ خەيرلىك دۇنيا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
Xeyrilik dunya

ئەسەرنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Heyrilik_dunya.mp3

 

خەيرلىك دۇنيا!
ھەر كۈن سېنى سۆيۈپ تۇغۇلدۇم
سېنىڭدىكى جىمى بار نەرسىنى-
ئاي، كۈن، يۇلتۇز، تاغ، دەريا، دېڭىز …
شۇڭا سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۇپ ياشايمەن!
چۈنكى مەن ئادەم!

 

شۇڭا ھەر نەپەستە
ھەر سەھەردە
مەن ئىنسانلىقنى كۈيلەيمەن،
ھارمايمەن…
ئۆزىنى ئادەم دېگەنلەردىن-
بىر قوشۇق ئادىمىيلىكنى تىلەيمەن!

 

2017- يىلى، 3- ئۆكتەبىر. لوندون.

تومۇزدا سېغىنغان ۋەتەن

“Istanbulئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Tomuzda_seghinghan_weten.mp3

 

ئۈنچىدەك تۆكۇلۇپ تۇرغان شېئرىم،

قەلبىمنىڭ لاۋىدا كۆيۇپ كۇل بولدى.

ھۇزۇر ۋە راھەتلەر ماڭا يار بولماي،

ھەر كۈنى ھاياتقا سوئاللار قويدى!

 

مۇھەببەت سۆيگۈسىز پەقىر بۇ دۇنيا،
ئۇيغۇرغا سۆيگۈ جامى تۇتالمىدى.
شاھ مەشرەپ توقۇغان نەزمە خوتەندە،
مۇقامنىڭ مۇڭىدىن تېخى يۈتمىدى.

 

سۆيىمەن تەتۈرگە چۆگلىسىمۇ دۇنيا،
پەخىرىم سەن نامىڭدىن كەچسىمۇ ئىشان.
ياشايمەن سەن بىلەن مەن مەۋجۇت بولۇپ،
ئۈزۈلمەس رىشتىگە باغلىنىپ پىنھان!

مومام قەسىدىسى

Momam qesidisiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى
باغ ئىچىدە مۈكچەيگەن –
مەسىدەخان مومام سېۋىتىگە لىق ئالما تېرىدۇ 
قىزىل ئالمىلار
سېرىق ئالمىلار 
كۆك ئالمىلار …
ھەممىسى مەي بولغان
ھەممىسى بىر – بىرلىرىدىن چىرايلىق 
كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

 
ئالمىلار خۇش پۇراق چاچىدۇ 
چۈنكى ھەممىسى ئىچىدىن قۇرتلاپ كەتكەن   
ئەمما ئانا بۇ ئالمىلار بىلەن
يەيدىغانغا زاغرا نان يوق  
ئۇچىغا كىيىدىغانغا كىيىمى يوق – 
يېتىم قالغان بەش بالىسىنى باقىدۇ.

 
مومام قولىدا بىر سېۋەت قىزىل ئالما 
بەدۆلەتنىڭ ياغسىرىغان ئىشىكى –
غىچىلداپ ئاستا ئېچىلىدۇ.
مومام ئۆزى بىلەن تەڭ مۈكچەيگەن 
غېرىبلىققا چۆككەن ئۆيىگە كىرىدۇ
شۇئان نۇرسىز كۆزى ئالدىدا
خۇش – خۇي بوۋامنىڭ –  
خىزىر سۈپەت سىماسى كۆرىنىدۇ…. 

قار گۈلى 

ھر ەۇلڭئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
قار گۈلى
ئاپئاق قاتلىرىڭغىچە-
تۆرەلگەنمۇ سەن قاردىن؟
ئاق رەڭىنى ئۆزۈڭگە ئاپسەن
ھەسرەت بېغىمغا كىرىپ قاپسەن
چىقتىڭمۇ يا كۈتمەي باھارنى –
ئۈششۈك تېخى كەتمىگەن يەردىن؟!

 
ئاپئاق قار گۈلى-
ئاپئاق قار رەڭ ھۆسنىڭ بۈگۈن-
ئاسمانمۇ ئاپئاق، يەرمۇ ھەم…
ياپراقلىرىڭدا يالتىرار شۇ دەم –
مەن ئىزدىگەن زەمزەم!

 
قار گۈلى
سەن تۇپراقنى سۆيگەن بۇ دەمدە-
ئېسىمدە باھاردىن ئۇزاقتىكى قىش …
مەۋجۇتلۇقۇم قار بىلەن رەڭ تالاشقان-
نەپسىمگە قىرو ياماشقان
ئۇ بىر ئۇنتۇلماس كەچمىش.

سەھەر تىنىقلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
كۆپ – كۆك ئاسمان،
ئاستىدا مەزمۇت –
شاخلىرى پۈتۈنلەي كېسىلگەن دەرەخ،
ياندۇرۇلغان يېنىدا ئاخشام –
ئۇچۇرۇلۇش ئۇنتۇلغان چىراق .
 
مەن كەزگەن بۇ كوچا –
ئاخشامنىڭ تاتلىق ھەسرىتىگە پاتقان
تىنىقىمدا تېلىققان ئەلەم –
ئۇيقۇسىنى ئەمدى ئاچقان .
 
كېلىدۇ ئۇزاق – ئۇزاق قىرلاردىن
سەھەرنىڭ نىداسىنى ئۆزىگە قاتقان
ئەمەس ئۇ پىكاپلارنىڭ گۈدۈكلىرى –
كوچىنى بېشىغا كىيىپ ھۇقۇيۇتقان …

گۈل تىكىنى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

باغۋەن ئىدىم
باغچىدا پەرۋىشكە قول سۇندۇم
ۋايسىدىم ـ
ئاغرىدى تىكەن قادالغان بارمىقىم.

 

شەبنەمگە ئوخشاش
ئىككى تامچە قان تامچىدى…
قان رەڭلىك ئەتىرگۈل قاتلىرىدا
سەل توختاپ سېڭىپ تۈگىدى…

 

ئاخىر گۈل پۇتاقلىرى كېسىلدى
چېگىشكەن نوتىلار يېشىلدى!

تۇنجى مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

سۆيگۈ يانغىن
تەلۋە ساداقەت
كۈتۈشلەردىن چەكسىز ھالسىرىغان
قەلب قۇلۇپنىڭ تومۇرى چېگىشكە

ماماتقا يېقىن تۇنجى مۇھەببەت!

 

ئۇچراشقان ئوتلۇق كۆزلەر
ئەركى بىلەن باقالمايدۇ
مۇرات يولىدا ئاشىق دۈم يېتىپ يىغلايدۇ…
مەشۇق ھىجران دوقمۇشىدا تەنھا
خىيالىدا سۆيگىنىنى ئويلايدۇ …
يەنە قانچە كېچىنىڭ ئۆتىشىنى ـ
ئۈنسىز سانايدۇ…
مۇھەببەت ھەر باشقا سېھرىگەر
ئۇ كونا يولىدا شۇنداق قاترايدۇ!