ئۇنۇتقان دۇنيا

“Unutqanئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Unutqan_dunya.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
ئېسىۋالدىم ئۆيۈمگە، كۈندە كۆرەي دەپ،
سىرلىرى كۆپ، بىلەلمىگەن دۇنيانى.
ئىزدەيمەن دېڭىزدىن، ئارالدىن ئۆتۈپ،
ئاۋارە تاپالماي خىلۋەت ماكاننى…

 
نىمجانلار كۆرۈندۈڭ خەرىتەمدە سەن،
پايانسىز قۇم بولۇپ، گىياھسىز قاقاس.
چاڭقىغان ئەزىم تارىم، تولغىنىپ ھالسىز…
ئۇيقۇدا تەكتى-ماكان شەپىسىز تىمتاس.

 
ئەسىرلەر ئۇخلاپمۇ قانمىغان چېغى،
سېھىرلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان چېغى.
شۇ سەۋەب ئۇنۇتقان دۇنيا ئۆزىمۇ،
رەڭلىرى زاماننىڭ چۈشمىگەن چېغى…

 
قىستايمەن گاھىدا ئۆزۈمنى زارىقىپ،
سىزسام باشقىچە قىلىپ دۇنيانى.
قالدىممۇ ئەقلىمدىن مەن ئادىشىپ،
كۆرمەيلا كېتەيمۇ مۇشۇ ئالەمنى …

 
بولماپتۇ قىلغىنىم ئېسىپ ئۆيۈمگە،
سېلىشتۇرۇپ مېنى تۇغقان تۇپراقنى.
ئوخچىدى يۈرەكتىن زەرداب كۆزۈمگە،
ياشايمۇ يوشۇرۇپ كۆيگەن پىراقنى…

 
تەڭ ئەمەس ھېچ بىر يەر ئانا تۇپراققا!
ھېچكىم ھەم بولالماس ئوخشاپ ئانامغا!
كۆرىمەن سېنى ھەر ۋاق ئەقىل كۆزۈمدە.
ئوغلۇڭمەن تۇنۇتاي سېنى دۇنياغا!

 
 

*ئۇشبۇ شېئىر «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا 2000- يىلى10-ئايدا مىيۇنخېن شەھرىدە يېزىلغان ۋە شۇ ئايدا «ئىستىقلال گېزىتى» نىڭ 10- سانىدا نەشر قىلىنغان.


 

ۋىسال مارىشى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Wisal_marishi.mp3

 
سۆيىمەن چىن دىلدىن سېنى جان ئانا،
كۆپ يەتتىم قەدرىڭگە ۋەسلىڭىسىز مانا.
سەن ئۈچۈن پەرۋانە، بولدۇم كېچە – تۇن،
كۆيۈشكە تەييارمەن بىر ئۆمۈر يانا !

 
ئايرىلىپ سېنىڭدىن مەن يېتىم ئانا ،
چۈشۇم ۋە ئوڭۇمدا بىرلا سەن ئانا.
ياشايدۇ سەن بىلەن كۈرەشچان ئوغلۇڭ،
تاپىدۇ بىر ۋىسال ئەتەڭگە ئانا !

 
نە مەيلىم ياشاشقا سەنسىز يىگانە،
يوقتۇر بۇ ھاياتىم سەنسىز ھېچ مەنە.
بۇرچدۇر قۇتقۇزۇش سېنى جان ئانا.
تەسسەددۇق بۇ جېنىم ساڭا پىدانە !

 
بىز كۈتكەن شۇ كۈننى ئۇنتۇما ئانا،
كېلىدۇ ئاز كۈندە بۇ كۈنمۇ ئانا.
بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!
قۇچىمىز بىز ۋىسال ئەبەدىي ئانا!

 

 

___________________________

شېئىر ھەققىدە ئىزاھات:

ئۇشبۇ شېئىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىي» نىڭ نەشر ئەپكارى بولغان “شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانىنىڭ 34- بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى مەۋزۇسى «بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!» بولۇپ، «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە سىز ئوقۇۋاتقان بۇ شېئىر ئەينى يىللاردا يېزىلغان شۇ ئەسلى نۇسخىسى ئاسسىدا شېئىرنىڭ تېمىسى «ۋىسال مارىشى» غا ئۆزگەرتىلىپ، مەزمۇنى قىسمەن تەھرىرلىنىپ، ئەلكۈن تورىدا قايتا نەشر قىلىندى.

2018-يىلى، 19-ئاپرېل، لوندون . مەنبە «ئەلكۈن تورى».

 

بولساڭمۇ سەن تۈلكە …

ئۇيغۇر ئەزىزى (ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن)
 

ئاۋاز ئۈلنىشى: Bolsangmu_sen_tulke.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

قۇتۇلارمىز قاچان زۇلمەت – كىشەندىن،
يېسە تويماس بالا قورساق بىشەمدىن.

 
يېشىم ئاقتى، قېنىم ئاقتى، چىقماس جېنىم،
كۆرمەي ۋەتەن ھۆر كۈنىنى “ئۆلمەس” تېنىم!

 
ئىسمىم بار نامىم “ئۇيغۇر”، ئەمەس مەن خىتاي،
ئىگىلمەس ھەرگىز بېشىم “ئۇيغۇر” ھۆر بولماي!

 
ئوخشىماس بەرىبىر ساڭا ھىچ يېرىم،
ئاتساڭمۇ، چاپساڭمۇ يەنە شۇ دىلىم!

 
بولساڭمۇ سەن تۈلكە ياكى باشقىسى …
ئەزەلدىن بىز ئوۋچى، سەندىن ئاشقۇسى.

 
قىلما غەم بېشىڭ قاشلاپ، بىزنى كۆپ ئويلاپ،
بېرىدۇ ئاز كۈندە “ئۇيغۇر” ساڭا خوپ جاۋاپ!

 
1999-يىلى 24- ئاۋغۇست، بىشكېك

 

“شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانى، 50-بەتتىن ئېلىندى.

 
 

چېچەكلىگەن تۇيغۇ

“Chechekligenئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Chechekligen_tuyghu_Elkun.mp3

شېئىرنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئوقۇدى

شېئىرنى ئاڭلاش: Chechekligen_tuyghu_Elkun.mp3

شېئىرنى كۈندۈزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 
چېچەك تولغان ھۆسنىگە سەھەر، بىراق كەمىنە كۆڭلى غەش،
كەمدۇر بىرى بۇ دۇنيانىڭ، بارمۇ ئۇيغۇر دەردىگە دىلكەش؟!

 
سوغۇقدۇر مۇساپىرغا، ھەر بىر كوچىسى گۆركار بۇ شەھەر،
بوزلىيالماس ئۇيغۇرلۇقۇم، بولۇپ تىلىم ئۆزگىگە ئەبجەش.

 
مۈشكۈلدۇر يەشمەك پەسلىنى، خازان بىلەن چېچەكتىن باشقا،
تەنھا كېچەم مۇڭلۇق ماڭا، كۆڭلۈمگە چولپان بولمىسا دىلكەش.

 
لوندون ئاسمىنى قەسىر، ئاستىدا بىر كوچا بار ئۇ- قەشقەر،
كەتتى پۈرسەت ئۇيغۇردىن، بولۇپ ئابىدە يۈرەكتە دىلغەش!

 
بەيگىدە ھايات يورغىسى، نېچۈن جانان سەندىن خەۋەر يوق،
تاقىتىم- تاق، پەيلىم يامان، ئۆتەرمۇ بولۇپ ئۆمۇر غەمكەش؟!

 

چىقسا بوران، ياغسا يامغۇر، مېنى ھىچ قورقۇتۇپ بولالماس،
يىلتىزىم بار تارىمدا چوڭقۇر، ئۇ كۆكلەر بولۇپ مېھنەتكەش!

 

ئادىمىيلىك زىننىتىدۇر، باھار -ئۇ شاھقا يارىشىم تون كەبى،
كۈلەر يۈزلەر، بولسا ھەمرا دىلى ئۈششۈككە مېھرى ئاتەش!

 

تۆكۈپتۇ چېچەك بۈگۈن، قەلبىڭ قېتىغا تۇيغۇلار قوشۇپ،
مۇڭغا پاتما سەن ئەلكۈن، كېلۇر باھار، گۈل سىرنى ئەمدى يەش!

 

8- ئاپرېل 2018-يىلى. لوندون

 
———————————————
بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى:
www.azizisa.org/en/a-blossoming-thought

قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

Qandaq_kutey_yengi_yil_A_Salam.mp3

شېئىرنى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

Qandaq_kutey_yengi_yil_Kunduzay.mp3

شېئىرنى كۈندۇزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 
يىل –
سەندىن بىرى يەنە كەتتى،
يېڭىنى كۈتۈۋېلىشقا يوق مەيلىم ئەمدى
زۇلۇمى زاماننىڭ خەلقىمگە زەپ يەتتى
تالاي دوست – يارەنلىرىم غايىب بوپ كەتتى …
خورلۇقى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چەككە يەتتى
ئەرك سۆيگەن ئەزىمەتلەر زىنداندا ياتتى
مىللەتنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى
زالىمغا دۇنيا چاپانلار ياپتى …
ئىنسانلىق مەنپەئەتكە ۋىژدانىنى ساتتى!
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا-
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

لەيلىقازاق

“Leyliqazaq.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى ئاڭلاش: Leyliqazaq.mp3

 

لەيلىقازاقمۇ ئەسلى ئىسمىڭ سېنىڭ،
ياكى ئەلچىمۇ سەن باھارغا، نەرگىس؟
ئېچىلىسەن بالدۇر كەتمەستە ئۈششۈك،
ياغسىمۇ ئۈستۈڭگە قار، سۇلماي ھەرگىز!

 

باھار كەلمەي سېنى تۇنجى كۆرىمەن،
كۈلگىنىڭنى كۈن بىلەن تەڭ تۇيىمەن.
گۈلىدۇر سەن ھاياتلىقنىڭ بىخلىغان،
شۇڭا دىلىدىن سېنى گۈلۈم سۆيىمەن!

 

ئاشىقلار گۈلى سەن، سۆيگۈ داغلىغان،
ھىجراندىن قىشتا يۈرىكى مۇزلىغان-
كەلسىكەن باھار دەپ كۆزنى ياشلىغان،
يېقىپ ئوت ئۆيىگە نورۇز باشلىغان!

 

لەيلىقازاق بەرگەڭ يۈرەككە تالىق،
باھارنىڭ ئىلھامى ساڭا ئاتاغلىق.
چۈنكى تەبىئەت گۈلى سەن مىسالى،
ئالمىشىشى پەسىلنىڭ ساڭا باغلىق!

 

بوراندا قارلىغاچ ئۇچۇپ كەلگەندە،
ئاتالغان كىچىك ئىسمىڭ بولۇپ نەرگىس،
سەن بىلەن ئىللىق جاھان، كۈلەر يۈزلەر،
بولالماس باھار پۈتۈن سەنسىز ھەرگىز!

 

سەن جەڭچى باھار ئۈچۈن قىش قوغلىغان،
سەن مەشئەل نورۇزنى بىزگە چىللىغان.
شۇڭا كۈيلەر ئەلكۈن ئۈمىدكە تولغان،
مۇھەببەت قاتلىرىڭغا مېھىر تىزغان!

 

2018- يىلى 19-مارت، لوندون

 

مەنبە «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى»

 
 

مەن شېئىر يازمىدىم

Men shier yazmidimئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Men_Shi’er_Yazmidim_Elkun.mp3
شېئىرنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئوقۇدى

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازمايتتى،
چۈنكى بىز قىيدىشىپ قالدۇق.
كۆپ چېكىتلەر قويۇلغان ئىككىمىز ئارىسىغا
سۈكۈتكە تەقدىر بىزنى باغلايتتى!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر ھەم مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى ھېسلىرىمىز بۇغۇلغان
تىزىلغان مىسرالار بۇزۇلغان …
ئارىمىزدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك كەڭ
بوشلۇق تۇغۇلغان،
باھارنى ئۇزاق كۈتكەن گۈللىرىمىز ئاخىر
ئېچىلمايلا توزۇغان!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى بىزنىڭ تۇيغۇمىز –
مۇھەببىتىمىز
غورۇرىمىز
كەچمىشىمىز …
بىزگە تەۋە ھەممە نەرسىلەر ئوغرىلانغان،
قاراقچىلار قاراڭغۇ كوچىدا
بىزگە تۇيدۇرماي تۇرۇپ
ھەممىنى يوشۇرۇپ ساتقان!

مەن سېنى كۆردۇم

“Menئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاۋاز ئۈلىنىشى: Men_seni_kordum.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

سەن بۇ كېچە يالغۇزلۇق كېمىسىدە
ھېسلىرىڭنىڭ ئەركى ئۈچۈن ئۈزدۈڭ
گۈمبەزگە ئوخشايدىغان ئاسمانغا باقتىڭ
جىمىرلاپ كۆز قىسىشتى ھارمايدىغان يۇلتۇزلار
مەن ئايدىن
سەن كۆرگەن كائىناتتىن
سېنىڭ كۆلەڭگەڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.
سەنمۇ مېنى كۆردىڭمۇ
تۆمۈر بالداقلىق كونا پەنجىرىدىن؟

 

سەن بۇ كېچە سېغىنىشنىڭ كېمىسىدە
ھىجران ئۈزىۋەتكەن مۇساپىنى
ھەسرەت قاينىمىدا قايتا كېزىۋاتىسەن
مەن سەنسىز سەۋداغا ئايلانغاندىن بۇيان،
دەستىسى تۆمۈردىن ياسالغان پالتا بىلەن
ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس ئورماندا
مۇستەقىل تۇرۇپ
ۋىسال دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىۋاتىمەن !

 

ئايرىلىشنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچىمەيمەن
چۈنكى ئۇنىڭ ۋىدالىشىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
شۇڭا سېنى كۈن سانىماي كۈتۈشكە ئادەتلەندىم.
سەنمۇ مەندەك قىلىۋاتامسەن؟
سەنمۇ شۇنداق كۈتۈشنى ئۆگنىۋالدىڭمۇ؟
مەن شۇنى ئېنىق بىلىمەن –
شۇڭا جاۋابىڭنى كۈتمەيمەن
پەقەت بۇ كائىناتلا بىزگە ساتقىن ئەمەس
شۇڭا سېنى يوقاتمايمەن.
شۇڭا سېنى ۋىسال ئېلىپ كېلىدۇ دەپ كۈتىمەن.

 

سەن مېنى كۆرۈۋاتامسەن؟
روھىم روھىڭنى كۈتۈشتىن ساقلىسۇن،
مەن سېنى تىرىك كۆرۈۋاتىمەن سەن قاراپ قېتىپ قالغان ئۇپۇقتىن
سەھەر چولپانىدىن
شەپەق قۇياشىدىن
سەن ئاسماندا كۆرەلەيدىغان جىمى نەرسىدىن
قارا ئەنە ….
سېنىڭ ئەكسىڭنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمەن!

 

ئەنە بىر تامچە ياش مەڭزىڭدىن سىرغىپ چۈشتى …
ئۇ مۇھەببەت ئىدى …
كىرپىكىڭ يېشىڭنى ئوق قىلىپ ئاتتى
ئۇ ئۆچ ئېلىش ئىدى ….
ئۇ ھەم سېغىنىشلىق سەھەرگە چۈشكەن سەبىر شەبنىمى ئىدى.

 

گۇگۇمدە گاھى كۆزلىرىم خىرەلىشىپ قالىدۇ
مەن كۆزئەينەك تاقاشقا كۆندۈم
سەنمۇ تاقامسەن؟
كۆز دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغىن
شۇنداق قىل، ۋىسال كۈنى بىز بىر – بىرىمىزنى تونۇيالايمىز.
بىلىمەن، بىزگە سالغان ئوتنى ھىچ كىم ئۆچۈرەلمەيدۇ
دۇنيادا ئۇنداق يانىدىغان بىر ئوت ھەم تۆرەلمىدى
ئۇ ئوت – مەندىكى سېغىندۇرغان سەن.
ئۇ ئوت – سېنىڭدىكى سېغىندۇرغان مەن!

 

2018-يىلى 8- يانۋار، لوندون.

 
 

ئاي قوتانلغان كېچىدە

“Ayئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى ئاڭلاش: Ay_qotanlighan_kechide.mp3

 

ئۆزۈمدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق
توغراقتەك كونىراپ كەتكەن سېغنىشىم
ۋىسال قىرغىقىدا كۈتۈش بىلەن ھالسىرايدۇ،
ھىجىراننى دۇنيادا يوق تىل بىلەن –
قىساس ئەپسۇنى ئوقۇپ قارغايدۇ.
 
ھەر كۈن ئاخشام …
بوينۇم ئارمىنىمغا قىسىلىپ تۈنەيدۇ ،
«ئاي قوتانلىغان» بۇ كېچە ئىچىدە –
بوۋامنىڭ شۇنداق دېگىنى يادىمغا كېچىپ،
ئۆزلۈكۈمنى ئېسىمگە ئېلىپ –
ئۆيۈمدىن ئۇزاق
يارىمدىن يىراق
ئارمىنىمغا قەست قىلغان تۇزاق
ئاي دېغىغا مۆكۈنگەن شەيتان …
ئۇ ئوغرى –
شۇڭا ماڭا ئوغرىدەك قارايدۇ!

ئاتىجان

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاتىجان

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Atijan.mp3

 

ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.
(مەرسىيە)

 
ئۇچتى ئۆمۈر باغىدىن يورۇق بىر يۇلتۇز،
پەرىشتە جەننەت تىلەپ دۇرۇت ئوقۇدى.
تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم ئەلكۈن،
“ئاتىجان” دەپ بۈگۈن مەرسىيە توقۇدى …

 
سەن تىككەن ئاق تېرەك يالىڭاچ بولۇپ،
بۇ كۈزدە غازاڭلار چۈشكەندە سەن يوق.
باراڭدا ئۈزۈملەر سارغىيىپ پىشىپ،
بولغاندا مەي بىر تال يېيىشكە سەن يوق!

 
قوتاندا قوي مەرەپ سېنى سورايدۇ،
يەم بېرەرىگە چېۋەر قولۇڭ ئەمدى يوق.
خورازمۇ ماتەمدە، سۈكۈتلۈك سەھەر،
قالدى ئۆيۈڭ تۇرۇكسىز ئەمدى سەن يوق!

 
قاپلىدى ئاسمىنىمنى مۇدھىش بۇلۇت،
زار كۈتكەن نىجات قۇياشى بۈگۈن يوق.
سەن نۇرلۇق ئاي ئىدىڭ قەلبىمگە يانغان،
تۈن بولدى بۇ كۈنۇم كۆرەرگە سەن يوق!