ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Gulge2.mp3
جاھاندا گۈزىلىم سەندىن باشقا گۈل ھۆسنىلىك بولماس،
ئۇزلىقىڭ بۇ قەدەر بۇلبۇلنى ئاشىق بىقارار قىلماس.
مۇھەببىتىڭ ئاتەش بولۇپ لاۋۇلداپ دىلىمدا يانماس،
چۈنكى سەنسىز نە لەززەت، ھاياتنىڭ ھىچ مەناسى قالماس.
ئەلكۈن نېچۈن گۈلگە ئاتاپ بۇ غەزەلنى بۈگۈن يازماس،
زىكىر قىلىپ يۇلتۇزغا، تۈن ئىچىرە سېنى سورىماس!
ھىممىتىدىن مېھرى بىرلە ساڭا تەقدىمگە گۈل تۇتماس،
رەشىكلىك سالسىمۇ پىغان، ھىچ زامان ئاشىقىڭ يانماس.
ئېھتىمالىم سۆيەر شۇنچە، ئۆزگە يار سەندىن تېپىلماس،
گۇگۇم بىلەن تەڭ كۈتەرمەن، كۈنۈم سەنسىز ھىچ يورۇماس.
ئۇنتۇشقا يوقتۇر ئامال، ئەمەلگە تەدبىرىم يارىماس،
لەۋلەر يېرىلدى چاڭقىپ، كاشكى مېھرىڭگە يۈرەك قانماس!
*ئىزاھات: ئۇشبۇ شېئىر ياشلىق خاتىرەمگە يېزىلغان تالاي تېمىسىز قول يازمىلار ئارىسىدىن ئېلىندى. بۇ شېئىر 1994-يىلى 12-ئاۋغۇست ئاقسۇدا يېزىلغا ۋە شۇ ئەسلى يازما ئاساسىدا 2018-يلى 2-سېنتەبىر قايتا ئۆزگەرتىلىپ نەشىر قىلىندى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Sayragul.mp3
*مەن 2018-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەنگىلىيىدىن قازاق ئېلىگە كەلگەن كۈنۈم قازاق قىزى سايراگۈلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇشبۇ شېئىر قەھىرمان قازاق قىزى سايراگۈلگە ئاتاپ يازدىم.
خەلىقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.
سايرا گۈل، قازاق قىزى سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ۋەتەن ئۈچۈن سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ئادالەت دەپ سايرا- سايراگۈل،
سايرا گۈل، توختىما سەن، سايرا- سايراگۈل!
ئاۋازسىزنىڭ تىلى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ئەركىلىك جەڭچىسى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ھۆرلىكنىڭ ئەلچىسى سەن سايرا- سايراگۈل،
بۇركۈت بولۇپ پەرۋاز قىل، سايرا- سايراگۈل.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(لەپەر قوشىقى)
ئەر:
ئاي بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
كۈن بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
ئېيتقىن زادى نە بولاي؟!
بۇ كۈرەشتە ئۇيغۇرۇم؟!
ئايال:
ئاي بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ ،
كۈن بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ .
بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانىدا ،
ھەقتە ئەمما چىڭ تۇرۇڭ!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Taj_mehel.mp3
شاھلار سەلتەنىتىنىڭ ئۆچمەس ئىزناسى،
بابۇرنىڭ جەڭگاھتىكى يەككە قەلئەسى،
تاج مەھەل 1 مۇنارى مۇئەللەقنى سۆيگەن،
ئاستىدا ئۆركەشلەر ياممۇنا دەرياسى. 2
گاھ ئاڭلىنار ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى،
مۇڭغا پاتقان بەستىدىن ئەكس ساداسى.
بۇ يەردە «بابۇرنامە» 3 يېزىپ پۈتۈلگەن،
مىڭ ھىجراندىن ئۆرتەنگەن شاھنىڭ نىداسى.
بابۇر 4 بىلەن تەڭ ئۆسكەن بۈيۈك دەرەخلەر،
گۇۋاھ بولۇپ تاج مەھەل ئالدىدا تۇرار.
مەرمەر تاشلار ئىچىدە شاھنىڭ قەبرىسى،
بۈگۈن بىلەن ئۆتكەننىڭ ئارىسىدا ياتار.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Muzika.mp3
بەئەينى تۈندىكى جىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاقاندەك
غۇۋا بىر مۇزىكا قۇلىقىم تۇۋىدە ئاڭلىنىۋاتاتتى
پەرىزىمچە ئۇ كونىراپ كەتكەن بىر پىئانىنودىن كېلىۋاتىدۇ.
بەلكىم بۇ مۇزىكىنى بىر ئاق چاچلىق موماي چېلىۋاتىدۇ
چۈنكى ئۇ ياشلىقىدىكى نادامەتتە قالدۇرغان ئاشىقىنى سېغىندى …
بۇ مۇزىكا ئاستا – ئاستا پەنجىرىدىن ئۆملەپ كىرمەكتە
«خوش كەلدىڭىز» دېدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە
«سىز روھىمغا چۈشكەن چۈشكۈنلۈكنى تازلىيالامسىز؟» دەپ سورۇدۇم
ئۇ جاۋابەن ئاھاڭلىرىنى تېخىمۇ لەرزان ياڭرىتىشقا باشلىدى…
مۇزىكىنىڭ مىسكىن قەلبلەرنى ساقايتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
مۇڭلۇق مۇزىكا شائىرلارغا لىرىكا يېزىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ
ئۇ شۇنداق ساپ، شۇنداق بىغۇبار، شۇنداق ئاق كۆڭۈل،
ئۇ كىشلەرگە ھىسداشلىق قىلىشنىلا بىلىدۇ
ئۇ سىزنىڭ بۇرۇن يوقۇتۇپ قويغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Elkun_poem/Keche_erwahi.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
مەن كېچە ئەرۋاھى، مېنى ئازابلىغان ۋاقىت ئوغۇرلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن
دۇنيادىكى بارلىق ئوغرىلانغان ۋاقىتنى ھېسابلاۋاتىمەن …
خۇمالاشقان كۆزۈمگە كومپىيوتېر ئېكرانىدىكى سائەت لوندون ۋاقتى 12 نى كۆرسەتتى
بەلكىم پارىژ ۋاقتى ھازىر ئەتىگەن سائەت 1 بولدى، بېرلىن ۋاقتىمۇ ھەم ئوخشاش …
ئۈرۈمچى ۋاقتى قانچە بولدى؟ ئالتاي، قەشقەر، غۇلجا، خوتەندەك شەھەرلەرنىڭ ۋاقتىچۇ؟
بېشكەك، ئالـمۇتا، قازان، تاشكەنت، ئاشخابادنىڭچۇ؟
دۈشەنبە، ھىرات، تېھران، ئىستانبۇل ۋە رىياد ۋاقتلىچۇ؟
خوڭكوڭ، باڭكوك، توكيو، نىيۇيورك، چىكاگو چۇ؟
ئەمما بۇ دەقىقىدە، مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا
ئۇيغۇر ئۈچۈن «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دەپ ئاتاش جىنايەت ھىسابلىنىۋاتاتتى…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Elkun_poem/Ghojamuhammed.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
(مەرسىيە)
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
بەلكىم ۋىسالغا ئەمدى يېتىپسەن …
بەلكىم مۇھەببەت كۆيدۈرمەس سېنى،
جەننەت پەرىسىگە جور بولۇپسەن!
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
قەدىردان شائىر، بىزدىن يۈتۈپسەن.
ئەلۋىدا دېيەلمىدۇق بىز ساڭا،
جۇدا ئوتىغا بىزنى سېلىپسەن.
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
شېئىرىڭنى ئەبەد يادىكار ئېتىپسەن،
مەشرەپتەك ھەقنىڭ كۈيچىسى بولۇپ،
ئۆلمەس روھلارغا روھلار قېتىپسەن!
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
ئاخىرقى قۇرنى قاندا يېزىپسەن،
مۇھەببەت – نەپىرەت ئالىمدە كۆيۈپ،
مىسكىن دىلغا مۇسىبەت سېلىپسەن !
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
ئاخىر جەننەتتە ئەركىن بولۇپسەن،
شئېرىڭ مەشئەل بوپ يانار چوغدەك،
ئەلكۈن قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپسەن!
2018-يىلى 12- ئىيۇل، لوندوندا يېزىلدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Kuresh_Uyghur_Elkun.mp3
ئەلكۈن ئۆزى ئوقۇدى
شېئىرنى ئاڭلاش: Kuresh_Uyghur_Rabiye.mp3
رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
يىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،
بىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،
ھۆرلۈك ۋەسلىڭگە يەتمەي ئەي ۋەتەن،
ئۆرتەندى پىغاندىن بۇ يۈرەك ۋەتەن!
بولدى خار بۇ جان ئەرزىمەس ۋەتەن!
بولدۇق بىز سەك پارە ساڭا قانماي،
ياشايمىز سەندىن مەڭگۈگە تانماي،
ماڭىمىز بىز ئالغا يولدىن يانماي،
قۇتقۇزۇش بۇرچىمىز سېنى ۋەتەن،
قەرزىمىز قوغداش سېنى ئەي ۋەتەن!
ئۆتمەكتە ئۆمرىمىز ساڭا قىيماي،
كۈرەشچان ئەۋلادمىز سەپتىن قالماي،
ئاھىڭغا بۇ جان قانداق چىدىغاي؟
بولايلى يانارغا گۈلخان ۋەتەن،
بولايلى ياۋغا ئوق ئېتىلىپ ۋەتەن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Elkun_poem/Burun.mp3
رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
بۇرۇن …
سېغنىش سەۋدالىقىغا مۇپتىلا بولۇشتىن بۇرۇن
ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قېلىشتىن بۇرۇن
چاچلىرىڭ ئاقرىپ كېتىشتىن بۇرۇن
نەۋرىللىرىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن
نېمىنىڭ توغرا ۋە خاتالىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن
چىشلىرىڭ پۈتۈنلەي چۇشۇپ كېتىشتىن بۇرۇن
سەن ئۆزۈڭگە يەنە بىر پۇت قوشۇۋېلىشتىن بۇرۇن
توك ھارۋۇسىدا يول يورۇشكە كونۇشتىن بۇرۇن
بۇرۇن …
بۇرۇن …
بۇرۇن …
ھەممىدىن بۇرۇن
ئۆزۈڭ ۋە ئۆزلىكىڭگە ياتسىراپ كېتىشتىن بۇرۇن
ئۆزۈڭ ئۆز ۋەتىنىڭگە يات بولۇپ قېلىشىتىن بۇرۇن
ئوتنىڭ ئىچىدە ئەمەس تېشىدا كۆيۇپ كېتىشتىن بۇرۇن
ئەگەردە قولۇڭدىن كەلسە كەت –
كەت!
كەت!
كەت!
ئومرۇڭ نادامەت ۋە قايغۇغا غەرىق بولۇشتىن بۇرۇن
بۇ دۇنياغا سەن خوش دېيىشتىن بۇرۇن
سەن تەۋە بولغان ۋەتىنىڭگە كەت!
2018-يىلى 20- ئىيۇن، لوندون
*بۇ شېئىر ئەسلى ئېنگىلىزچە يېزىلغان ۋە شۇ ئاساستا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
ئېنگىلىزچىسىنى ئوقۇش ئۇلنىشى: http://www.azizisa.org/en/before
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Elkun_poem/Kechur_weten.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىمدىن سېنى سورايمەن،
تاڭ سەھەر ھاۋاسىدىن سېنى پۇرايمەن،
ھەر كۈنى سېنى كۈيلەپ غەزەل توۋلايمەن،
كەچۈر مېنى، كەچۈر مېنى، كەچۈر ۋەتەن!
سېغىندىم ۋەتىنىم، ساڭا قىيالمىدىم …
ئېقىپ سۈيىڭدە، ئوتۇڭدا يانالمىدىم،
زار بولدۇم مېھرىڭگە، بىر كۈن قانالمىدىم،
كەچۈر مېنى، كەچۈر مېنى، كەچۈر ۋەتەن!