سۈرەت
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
19-12-2018
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
خىيالىم دەرۋىشى پىنھان
يۇلتۇزلارغا ئاستا پىچىرلايدۇ
سەرسان ئىنتىزار بۇلۇت ئارىسىدا لەيلەر
ئۇنتۇلغان يالغۇز ئارالدىكى كونا قەلئە
چۆلگە قاراپ مۇڭلۇق يىغلايدۇ…
مەن ئىزدىگەن تىنچلىق
مۇگدەپ قاپتۇ كۈيۇقاپ ئۆيىدە
تەسەللىگە يېقىن ئاسمان يالتىرار
لاي گۈمبەز ئۆگزىسى ئۆرۇلۇپ چۈشكەن …
سىم – سىم يامغۇرغا ئايلانسا ياشلار
ئۇستىدە سەييارە مۆكۈشمەك ئوينار .
دۇنيانىڭ ئىشى باشقا –
ھەر كۆزدىن ئاققان يىغا باشقا
كۈشەندە قىسمەت مېنى ئىتتىرەر
تىك قىيادىن ئۇدۇل تاشلاشقا ….
قارا ئەنە، بېشىڭنى ئېگىز كۆتۇرۇپ قارا
بەخىتسىز بىر يۇلتۇز شۇڭغۇپ ئۇپۇقنى ياردى
گۈلخان لاۋۇلدار يىراقتىكى ئورماندا
ھەسرەت چۇقانى يېلىنجاپ كۆيەر
پىژ -پىژ …..
سادىر دۈشمەنگە ئاتقان قۇرام تاشتا
نۇزۇگۇم مۆكۈنۇپ ياتقان قومۇشلۇقتا ….
ھايات رېتىمى توختىماس
ئارمان پەسىل شامىلىدا ئۇچماس
غورۇر ئىسيانى غەلۋە كۆتەردى
كىنايە ئارىلاش ئاچچىق كۈلكە
رەڭگى قىزارغان بىر تامچە ياش
مەڭزىمنى سۆيدى
قىساس قەلبىمگە ئېچىلماس قۇلۇپ سالىدى …
سەن ماڭا ئەمدى سەبىردىن دەرس سۆزلىمە
چولپاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرمايمەن
تاڭنىڭ قاچان يۈرىشىنى بەلگىلىمە ماڭا –
چۈنكى سەن بار يەردە يانىدىغان جىن چىراغمۇ يوق
ھەر ئىككىلىمىز دۇنياسى قاراڭغۇدا مەۋجۇت ئەمەس
بىز ھەممىمىز سەرگەردان
ۋاپا قىلمايدىغان بۇ قەدىرسىز مېھىرنى –
مەۋھۇملۇق مازىرىغا ئاپرىپ كۆمۈۋېتەيلى
پۇشايمان ئارقىمىزدىن گۈل بولۇپ ئۇنىمىسۇن
قەرز بولۇپ بىز ياشىمايلى بۇ ھاياتتا!
تەن ئالغىنىم ئالغان، ئامالىمۇ يوق!
قەبرىگە قويۇلدى ئۆلگەن مۇھەببەت …
ساراڭلىقمۇ تەڭ ئۇزۇتىلدى
قەلبىم قەسىرىدە مەن قالدىم تەنھا
ئۆزۈمگە قايتا ئېرىشتىم ئاخىر
ئەمدى تېنچلىققا قېنىپ مەن شېئىر يازاي ….
تاڭ ئاتقاننى بىلمەيدىغان كۈندۈزدىكى ئاي
بولسۇن جىمىكى ۋاپاسىزلارغا گۇۋاھ!
گۇگۇم ئۇپۇق ئېتىكىدە ئۆيىگە ئالدىرار
مەن كەچ قالدىم دەپ ئۆكسىمەيمەن
قەلبىم تۈن ئۈچۈن شام بولۇپ كۆيەر
پىغانلىق رورھلىرىمىز تەڭ شاد بولسۇن
ئەقىدىلەر ئۇنتۇلسىمۇ مەيلى دەيلى بىز ….
چۈنكى روھىمىز رەھىمسىز قىسمەتكە باغلاقلىق
جىسمىمىز مەۋھۇملۇق دۇقمۇشىدا قېتىپ قالغان
بىزنى ئەزرائىلمۇ تونۇمايدىغان
ھامىنى كېلىدىغان ئەجەل ساقلاغلىق!
خوش ساڭا ئاخىرقى رەت –
بىزنى راست سۆزلەتمەيدىغان
يالغان بىلەن گاھى گۆللەيدىغان
كۈن چىققاندا كۆلەڭگىگە ئايلىنىپ قېلىپ
ئۇچراشساق بىر – بىرىنى تونۇمايدىغان
مەۋھۇملۇققا ئەسىر بولۇپ كۆنۈپ قالغان
بىزگە رىياكار كونا مۇھەببەت.
ئۇ ئايلانسۇن ئەمدى
قەلبىمىزدە ئۇنتۇلغان ئەسلىمىگە ئەبەد
بولۇپ قالسۇن رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن
خاتىرىمىزدىكى بىر پارچە سۈرەت!
2018-يىلى، 17- ئۆكتەبىر. لوندون.
مەنبە ئەلكۈن تورى