سۈبھىدىكى چۇش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مەن ئەسكە ئالمايدىغان
ياكى ئەسكە ئېلىشنى مەن خالىمايدىغان
قورقۇنۇشلۇق چۇشۇمدىن
ئازابقا چىلانغان قەدىرسىز كېچە
ئاستا – ئاستا
گۇناھلار ئىچىدە ھالسىراۋاتاتتى.

 

ئۇ
قاراڭغۇ ئۆلۇۋاتقان
يورۇق توغۇلۇۋاتقان
سۈبھىنىڭ گىرۋىكىدە
ئەزرائىلنى كۈتكەچ
ئۆتكەن كۈنگە ئايلىنىۋاتاتتى.

 

مەن
قايتىدىن توغۇلۇۋاتاتتىم
ئادەملەرنى
ئالەمنى
ھەممىنى چۇشۇنۇپ بولغاندىن كېيىن.

 

پەرىشتىلەرنىڭ قانتى ئاستىدا
مەنمۇ ھەم قاراڭغۇ كېچىدەك
ئۆلۇم تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتىم
مۇھەببەتكە
ئازاپلارغا
نەپىرەتكە…
ئادەملەرنىڭ ھاياتتىكى
ھەممە ئادەتلىرىگە
نەيرەڭلىرىگە
كۆنگەندىن كېيىن.
كۆنۇپ بولغاندىن كېيىن.

 

مەن دۇنياغا خوش دېدىم
كەتمەسلىككە مەيىلىم ئەمەسلىگىنى بىلەتتىم
ئازابىمنى ھىچ كىمگە بىلدىرمىدىم
دۇشمەنلىرىمنىڭ كۈلىشىنى ھەم بىلەتتىم
شۇڭا روھىمدىن نەپىرەت ئەمەس
مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلىپ قالسۇن
دېدىم.

 

مەن ئويغاندىم
بۇ قاباھەتلىك كەچمىشنىڭ
سۈبھىدىكى بىر چۇش بولۇپ قېلىشىنى تىلىدىم
شۇئان قاراڭغۇنى قوغلىغان
نۇرلۇق قۇياش ئىچىگە كىردىم
ئۆزۈمنى ئازابتىن
بىر مەھەل ئازاد قىلدىم !

 

مەن ئويغاندىم ….
ئاق ۋە قارىنى پەرىق ئېتىپ ئويغاندىم
ئەمما بۇ سۈبھىدىكى چۇش ئىدى.

 

23- نويابىر 2020- يىلى.

 



باھا يېزىش چەكلەندى!