سېغىنىش (2)

Seghnish2ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Seghnish2.mp3

 
ھايات، كۆپتۇر سېنىڭ-
ئاچچىقىڭدىن تاتلىقىڭ
يىغاڭدىن شاتلىقىڭ…
شۇڭا ئالمىدەك يۈرىكىمگە سىغىپ كېتەر
مەندىكى سېنىڭ بارلىقىڭ! 

 

ئەمما چىدىماس يۈرىكىم
مەن تىرىك تۇرۇپ
كىرپىكىڭدىن تامچە ياش سىرغىسا،
چۈنكى بۇرۇنقىلار دەپتىكەن-
«ئۈلۈمدىن باشقىسى تاماشا! »

سېغىنىشتىن بۆلەك زارىم يوق – 
شۇڭا ھاياتنىڭ مەن كۈتمىگەن 
ساراڭلىق كوچىلىرىدا تالاي ماڭدىم.
ئەمما ساراڭ بولالمىدىم …
ئەمما قانداق سۆيىلىشنى ۋە سۆيۈشنى-
سېنى سۆيۈشتىن ئۈگەندىم!

 
سېغىنىش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولدۇم
ھەممىنى ئارقامدا قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشلاپ.
تالاي كۈن، يىللار مېنى  
سېنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش ئۆتۇپ كەتتى …
بىغۇبار ئارمانلىرىم ۋىسال يەلكىندە 
ھەممىسى ۋاقىتسىز تۇنجۇقۇپ كەتتى … 
ھايات دېڭىزىنىڭ قايناملىرىغا 
مېنى تاشلاپ. 

 
گەر سەن ئوڭۇمدا تۇرساڭمۇ يىراق –  
ھەتتا تۆنۈگۈن سېنى چۈشۈمدە كۆردۇم. 
بىز ئايرىلغانغا بولۇپ قالدى بىر زامان – 
ئەمما سەن بىلەن مەۋھۇملۇق كوچىسىدا
رەت-رەت ئۇچىرىشىپ تۇردۇم. 

 
ئېھ، ھىجران گەردىشى،  سەن مېنى 
سۆيگۈمىزگە ئەرۋاھ قىلغاندىن بۇيان! 

مەن سېنى سېغىنىپ تۇرۇپ
يۈرىكىمدىن ئۇنۇتماسلىققا ۋەدە بىرىپ تۇرۇپ … 
سېنى روھلار ئالىمىدە چەكسىز سۆيدۈم 
چۈنكى رىشتىم كېچەلمەس مەيلىمدىن- 
سەندىن …
قەلبىم چىدىماس كۈن ساناپ كېتىۋېرىشكە – 
سېنى، ئۆزگىنى، ھەممىنى 
رىۋايەتكە ئايلىنپ كەتكەن كونا مۇھەببەتنى – 
ھىجران ئوتىدا كۆيدۇرۇپ!  

 
راست، سېنى سېغىنىمەن 
سېنى سېغىنىشىم 
تىنماس دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ.
ئۇ گاھ كۆتۈرۈلىدۇ، گاھ پەسلەيدۇ 
ئەمما توختىمايدۇ. 
ھەسىرەتلىك ئاھلىرىم پىغانى شامالدا 
پەسىل ئىزدەپ ئۇچقان تۇرنىلار قانىتىدا
پۈتۇن جاھانغا تارايدۇ! 

بۇ كېچە سەن بىلەن تەڭ
سەن كۆرگەن ئاسماننى مەنمۇ كۆرۈۋاتىمەن
ئەمما سەن ھاياتمۇ تىرىكمۇ – بىلمەيمەن.. .
‏‎سېنى جازا لاگېرىدا بولمىسىكەن دەيمەن  – 
‏‎تەڭرىمدىن بىرلا سېنىڭ –
ھەر كۈنى ئامانلىقىڭنى تىلەيمەن!

 
مەن كۆرۈۋاتىمەن …. 
سەندىن ئايرىلىشنى سېزىۋاتىمەن 
يۇلتۇزلار ئەجەل ئېلىپ قېچىۋاتىدۇ …
سېغىنىشلىق يۈرىكىم قان رەڭلىك ئۇپۇقتا روھسىز  –
چارىسىز … 
ئايرىلىش تۇغقان مۇڭغا قېتىلىپ 
ئاھلار تۆكۈۋاتىدۇ … 
ئاھۇ ياشلىرىم ئۇلۇغ دېڭىز بولۇپ
لەھەڭلىرىم 
مۇھەببەتنىڭ دۈشمەنلىرىنى 
بۇ دۇنيادىكى بارلىق نائىنساپلارنى –  
يۇتۇۋاتىدۇ! 

ئازابلىرىم تۇنجۇقۇپ-تۇنجۇقۇپ تۇرۇپ،  
ھېسلىرىم ئۆكسۈپ، ئۆكسۈپ تۇرۇپ،   
ئاي كەينىگە 
ئاستا – ئاستا مۆكۈۋاتىدۇ ! 

 
ئېھ تاشتىن قاتتىق ئايرىلىش
يەنە ئايرىلىش … 
ئەمما كۆزلىرىڭدىن ياش ئەمەس-
تەبەسسۇم كۈلكەڭنى كۈتىمەن!

ھامان بىر كۈنى-
بىزگە ۋىسالنىڭ ئاسىيلىق قىلمايدىغىنىغا –
ئىشىنىمەن! 

شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغىنغا –
مۇھەببەتنىڭ بارچە نەپىرەت ئۈستىدىن –
غالىبلىقىغا ئىشىنىمەن! 

قىسمىتى چېگىش بۇ ھايات- 
ماڭا كەلگەن ھىجراننى-
سېنى مەۋھۇملۇقتا سۆيۇش بىلەن
ھەر كۈننى سېغىنىش بىلەن يېڭىمەن! 

 
ئېھ چولپان چىققان يەردىكى يار
سېنى سېغىنىمەن …
سەن كۆرگەن يۇلتۇزغا قاراپ.

ئېھ يۈرىكىمنى ئەسىر ئالغان يار
سېنى سېغىنىمەن …
سېغىنىمەن …
سەندىن ئايرىلغان كۈنلەرنى ساناپ !

 
2018-يىلى، 22-ئاۋغۇست



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !