رىسالەت مەردان شېئىرلىرى

Sha'ire Risalet Merdan

سېنى قۇملۇق قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن 

 

قارا،  قەھۋە چەينىكى تاراقلاپ ناخشا ئېيىتماقتا
ئۆرۈك ئوتۇنىنىڭ خۇش پۇرىقى 
ئارچا دەرىخىنىڭ يۇمران شېخى 
كۈتۈشۈمگە بولماقتا ھەمراھ

 

تۆت ئەتىراپ قۇم 
توغراق يوپۇرمىقىدا قۇياش نۇرى 
سېنى ساقلايمەن قەھۋەخانىدا 
ئىشىك ئالدىدىكى كاۋابداندا 
تۈتەپ تۇرار جىگدە ئوتۇنى 
مېنىڭ يۈرىكىم جىمجىت ھالدا 
ئايرىلىش ناخشىسى ئېيتىدۇ
كۆزۈمگە ياش تولغان 
ئەگەر كەلسەڭلا 
قۇملار ئارىسىغا كىرىپ كېتىمىز 
تاغلار ئارىسىغا سىڭىپ كېتىمىز 

 

* * * * * *

 

قۇمدا ئۈزۈش


قۇم ئېغىر ھەمدە سىرلىق پېتى
ئۈسسۈپ كىرەر مېنىڭ قەلبىمگە
چىنە-قاچىلارنى سۈرتىۋاتقىنىمدا ….

 

ياكى ئۆي تازىلاۋاتقاندا
قۇم ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرار
ئۆمۈچۈكتەك ئۆمىلىمەيدىغان،
سۇۋادان تىرەكتەك قەددىنى تىك تۇتقان
بىر ئۇچۇم سىرلىق، سېرىق ئالتۇندەك قۇم

 

قۇمنى چېچىلغاق دەپ كىم ئېيتىدۇ
ھازىر ئۇنى چېچىپ ئاپارساڭ ياپون يۇرتىغا
يۇرت شاماللىرىدا يېنىپ كېلىدۇ
-ھاي، كەلدىڭىزما ؟
-ۋو، بۇ نىمە دىگىنىڭىزا
-ئاۋۇ يەردىن قاراپ تۇرۇتۇ
ئىگىز قەد كۆتەرگەن قۇملار دۇنياسىدا
ئۆينىڭ قېشىدا
مەن بارماقچى بولغان تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا
بىر تال قۇم بار يۈرەك شەكلىدە
بىر تال قۇم بار دېڭىز رەڭگىدە
مەن ئۈزمەكچى بولغان
مەن سۆيمەكچى بولغان.

 

* * * * * *

 

سەن بىلەن مەن

 

سەن بىلەن مەن
بىر تال ياپراق بىر ئورماندىكى
بىر تال قوشۇق بىر ئاشخانىدىكى
سەن قوشۇقنىڭ سېپى بولساڭم
مەن رازىمەن ئىسسىق تاماققا
چۆمۈلۈشكە تا بېشىمغىچە . . .

 

سەن رەنجىپ قالساڭ،
مەن ھېساممەن يۈزۈمدە قورۇق ھەم كۈلكە
سەن خوش بولساڭ ئەگەر
مەن بەخىتتىن بۆلەك ئىزدەيمەن نىمە ؟
سېنى رەنجىمىسىكەن دەيمەن
سېنى ئەنسىرىمىسكەن دەيمەن
سەن بىر ياخشى ئادەم، ماڭا بەخىتنى كۆرسىتىپ قويغان.
سەن بىر تام مېنى شامالدىن دالدا قىلغان
مەن قۇياشقا ئىنتىلىمەن،
مەن ئاي نۇرىنى سۆيىمەن
مەن سېنى ياقتۇرىمەن
قۇياشتەك، ئاينىڭ نۇرىدەك

 

بىز خىيالىمىزدا ياشايمىز

سەن بىلەن مەن
مۇئەللەقتىكى كىچىك قەلئەدە،
قوغلىشىپ ئويناۋاتىمىز
ئويناۋاتىمىز چەكسىز قۇم ئارا
چەكسىز چەكسىز رىئاللىق ئارا

 

* * * * * *

 

قارا تاش

 

ھەممە قارا نۇر ئىچىگە چۆككەندە
يورۇقلۇق نېرىقى تامغا كۆچكەندە
بىر قارا تاش پەيدا بولدى تۈپتۈز يولدا

 

پاقىرىمايدىغان، نۇر چاچمايدىغان
قاتتىق بولسىمۇ پۇتلاشمايدىغان
مىڭلىغان تاشلار ئىچىدە
پەرىقسىزلىكى بىلەن پەرىقىنىپ تۇرىدىغان
شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئارىسىغا
يانتۇ نەزىرى بىلەن كىرىپ كېلىدىغان
يامغۇر ياغمىسا يامغۇرنى ئويلايدىغان
يامغۇر ياغسا چاك-چاك يېرىلىدىغان
بىر تال تاش، يېرىم كىچىدە
مېڭىۋاتقان، خىيال ئىچىدە
بىر ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىگە پۇتلاشقان.

 

تاش دەپ ئاتىلىدۇ ئادەتتە
ياش دەپ ئاتىلىدۇ كۆزدىن چىققاندا
ئەسلىمە ئىچىدىن سىرغىپ ئاققاندا
قاشتەك قارىلىقى بىلەن
يېرىم كىچىلەرگە سىڭىپ كەتكەندە

 

* * * * * *

 

مۇزىكىدا ئۇخلاش

 

چەكسىز بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلايمەن
چەكسىز بىر مۇھەببەتتە كۆكلەۋىتىپ
كەلگىن جېنىم
كۆزلىرىڭگە بىر چۆكەي
مېنى ئىپ كەلگەن شاماللار
ئېپ كىتەر مەندىن غۇسسسىنى
كۆڭۈل ئازادىلىكى نىمانداق ياخشى
گەرچە ياشاش بولسىمۇ جاپالىق

 

كۆك ئاسماندەك تىنىق كۆڭلۈمدە
كۆكلەپ تۇرار سۈزۈك مۇھەببەت
كۆكەرمەكتە ھەتتا ئىچىمدە
جىمىپ قالغان ئارمانلىرىممۇ

 

چەكسىز قۇملۇق ئىچىدە
چەكسىز بىر كۆيۈم بار
چەكسىز سۆيۈم بار
مەن مۇزىكا ئاڭلاۋىتىپ
مۇھەببەتنى ھېس قىلغاندا

 

قولۇمدىكى كۆپۈك خىياللار
ئۇچار-ئۇچار، كىتەر يىراققا
مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
كۆزۈمنى يۇمۇپ
مۇزىكىنىڭ ئەللەيلىشىدە

 

* * * * * *

 

خاتىرە كۆيدۈرۈش

 

كۆيدۈرۋەتتىم
170 پارچە شېئىرىمنى ۋە قوشۇپ ئۆزۈمنى
بارماقلىرىم ئىسسىپ قالدى بىر پەس ئىسسىقتىن
جىملىق رەڭگىنى يوقاتتى
سۈكۈتتىكى بۇلبۇل مۆكتى بوستان ناملىق قەپەزگە
ئۇ يەردە بىر قاپقان بار
يارىدار بۆرىنى تۇرىدۇ كۈتۈپ
شېئىرلارنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن كۆرە
كۆيگەن چاغدىكى ئىسسىقى راھەتتۇر راھەت

 

خاتىرەم كۆيۈپ كەتتى، تارىخ كۈلگە ئايلاندى
ئۆلۈم يېقىنلا يەردە
بىلمەيمەن، يەنە شۇنچىلىك ياشىيالامدىم يوق
خاتىرىلىرىمدەك بىر كۈن تۇپراققا ئايلىنىپ كىتەرمەن
شېئىرلىرىمدە تۇغۇلۇپلا يوقاپ كىتەرمەن
جىمجىت سۆزلەرنىڭ قوينىدا تولغىنىمەن
يارىدار قۇشتەك خاتىرىگە ئىز قالدۇرغانتىم،
گۈزەل چۆچەك ئەمەس، بىز بىلگەن ئاشۇ قىسقا ئۇچىرىشىش
سالام، قىسقا، مېڭىپ كەتكەن ئەبجەق ماشىنا
خۇددى سەندەكلا جىمىپ قالغان تېپتىنىچ كۆڭۈل
كۆڭۈلدەكلا چالغىپ تۇرغان سىياھسىز قەلەم
قەلىمىگە ئەگەشكەن بەخىتسىز سەنەم

 

خاتىرىلىرىمنى كۆيدۈرىۋەتتىم، شېئىرلىرىمدىن قىساس ئالدىم
قىساس ئالماقچى بولساڭ كېلىپ ئۆلتۈرۋەت مېنى
شېئىرسىزلاندۇرۇپ مەغلۇپ قىلدىڭ مېنى سەرسان سېيىڭدا
خىيالىمدىكى مەنلا بىلىدىغان سوغۇق كوچىدا
خاتىرەمنى كۆيدۈرۋەتتىم…ھا-ھا-ھا

 

* * * * * *

 

يەنە ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئۇخلايمەن

 

يەنە ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئۇخلايمەن
غەرق بولىمەن چۈشلەر قوينىغا
چىرايلىق ئاپتاپ،  دېڭەز بويىدا
خىيالىمنى قىلىپ تاماشا.  

 

قاراڭغۇلۇقتا يانار ئۈمىدىم،  
چەكسىز سەۋىر چەكسىز كۈتۈشۈم
قۇمدىن ئۆگەندىم سەۋرىر تاقەتنى
يۈتتۈرمىدىم تاغدەك غەيرەتنى  
بۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى جىممىدە
بوران ئارا،  توپىلار ئارا،  
ئەتىمۇ ھەم ئۆتۈپ كېتىدە
سەۋىر تاقەت،  سۈكۈت ئىچىرە.  

 

يەنە بىر مىنۇت قاپتۇ
مېنىڭ قاراڭغۇدىكى ئۈنسىز تۇيغۇم
شاماللاردىن سورار ئۆزىنى
توپىلاردىن ئىزدەر سۆزىنى
ئۇخلاي
چۈشلەر دۇنياسىدىلا
ئەركىن ئازادە راھەتمەن قەۋەت
گەرچە ئەتە بولىسىمۇ ئوخشاش

 

* * * * * *

 

ئايتۇلۇننىڭ ئانىسى

 

ھەمىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز
قۇرىغان ياغاچتەك،  توزىغان چاچتەك
سېغىنىشىمىز لەيلەر ھاۋادا
كۆز ياشلىرىمىز تۆكۈلەر ئاستا
ئايتۇلۇننىڭ ئانىسى
سېغىندۇرار بالىلىرىنى
سېغىنىدۇ ئۇمۇ بىر جايدا
نامەلۇم شەكىلدە تۆكۈپ يېشىنى

 

ئۇنى كۆزى بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىن
يۈزى ھەم قولى بار جىمجىت تىلەكتىن
كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتىدۇ ئەمما
كۆرەلمەيسەن ئەمما بۈرجەكتىن

 

كۆز يېشىڭنى،  غېرىبلىقڭنى
كۆرسەتمىگىن ئەمدى بۆلەكتىن
بەلكىم ئۆكۈنۈش يوق
سېنى كۈتەر كېلىدۇ: بىر كۈن
ئايتۇلۇن كېلىدۇ
نەدىن بىلىسىەن  ياخشى ۋە يامان

 

ئوراپ تۇرغان ئاناڭنى
ئاققان سۇمۇ ۋە ياكى ھاۋا
پەقەت باردۇر ئوتلۇق سېغىنىش
ئوخچۇپ چىقارھەممە يۈرەكتىن

 

* * * * * *

 

ئۇھ

 

بەلكىم باشلىنىشى تۇنجى قەدەمنىڭ
مېنى كۈتكىن ۋە ياكى كۈتمە
قۇملۇقتىكى ئاخىرقى يولدا
بەلكىم ساقلا ۋە ياكى كەتكىن
قەلبىڭدىكى جىمجىت دوقمۇشتىن
كۆز يېشىمنى سۈرتۈپ جىممىدە
قاراپ تۇرارمەن تەنھا ئارالدا
ساڭا خوش دىسەم ئاڭلىيالـمايسەن
كۈتكىن دىسەم بىلـمەيسەن
مېنىڭ بۇينۇم قىلدا باغلاغلىق
تۇرمۇش دىگەن قېرى خوتۇننىڭ
قولىدىكى ئويۇنچۇقلار بىز
تاسادىپ قالساق ئۇچرىشىپ
كۆزۈڭگە قاراپ
سوراپ باققۇم كېلىدۇ بىردىن
راستىنلا
ئاشۇ دوقمۇشتا
منى جىمجىتقىنە  كۈتكەنمىدىڭ

 

چۈشۈمدە سەن مېنىڭ
سېنى باغرىمغا باسىمەن ئاۋايلاپ
كۆزلىرىڭگە قارايمەن تىكىلىپ
قار ياغقان بولىدۇ ئۇ كۈنى
ئاپئاق كۆڭلەڭلىك بىر قىز
سۆيىدۇ لەۋلىرىڭىدن بال تېتىپ،

 

ئاسمان كەڭلىكىدىكى كۆڭلىنى ئېلىپ
يىتىپ بارار سېنىڭ قېشىڭغا
يىتىپ بارار بىر تال ياپراقتەك
سەرسان كۆڭلىدىن مارجانلار تىزىپ
يىتىلەپ بارار ئۇنى يىراققا
ئاۋۇ ئاسمان زىمىن تۇتاشقان جايدا
بىر ئۆيىمىز بولىدۇ چوقۇم
بىز ياشايمىز ئىشىقىمىز ئار

 

مېنى ئۇنۇت دىسەڭ ئالدىمدا
قىزىرارمەن قارارمەن يەرگە
ئاھ شۇ كۈنلەر كىلەرمۇ بىر كۈن
قۇچاق ئېچىپ بىزگە دۇنيادا
چۈشلەر مېنىڭ
چۈشلىرىمدە سەنمۇ ھەم مېنىڭ
باغرىڭغا گەر باسساڭ ئاۋايلاپ
ئاپتاپتىكى قار كەبى
ئېرىپ ئېرىپ كىتەرمەن
سىڭىپ سىڭىپ كىتەرمەن.

 

* * * * * *

 

قۇم گۈلى

 

قۇم سورۇلىدۇ سورۇلىدۇ
ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا ئوخشاش
لەپىلدەپ بىر رومانتىكلىققا چۆكمەكچى بولۇپ

 

قۇم بىلەن يامغۇر
ئېتىزلىقتىكى بىر تال غۇنچىدەك
يىراق قارلىق تاغلارنى ئەسلەتكۈچى
پادىچى قىزنىڭ بوينىدىكى بۆرە ئوشۇقىدەك
يالتىراپ تۇرار

 

ناخشا ئاڭلاۋاتىمەن
قولۇمدا پاكىز قۇم دانچىسى
مەنمۇ شۇنداق كىچىك زەررىچە
كىچىك زەررىچە
ھاياتلىق زەنجىرىدە

 

ئۇلۇغ تۇيغۇلار تۇپراق ئالدىدا
پاكىزلىنار
سۆيۈنەر
بىر تال قۇم دانچىسىدەك
ئاددىي بىر مەرۋاىتقا ئايلىنىپ قالار
مەن قۇمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،
يامغۇرنى،
تاشنى
بۈيۈك تاغلارنى سۆيگەنگە ئوخشاش

 

* * * * * *

 

قۇمغا سالام

 

قۇم ياغقاندا قەھىر غەزەبتە
ياكى لەيلەپ لەيلەپ
قۇم دانچىسى ئىكەنلىكىمدىن قاتتىق ھەيرەتتە قالىمەن

 

تۇپراق دانچىسى شورلۇق قىسمەتتەك
ياكى بىر رومانتىكلىقتەك
ياغار-ياغار توختىماي
مەن تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا
قۇم دانچىلىرىغا ئايلىنىۋىتىپ
سۈكۈتلۈك ياشاشنى باشلىدىم
باشلىدىم پولۇ يىيىشنى
باشلىدىم بازاردا كىتىۋىتىپ
قۇملارغا سالام قىلىشنى
قۇملار قايرىلدى ئارقىسىغا

 

قۇملار يىغلىدى، كۆزلىرىدىن
تۇغراقلار ئېقىپ چۈشتى،
توغراقلار كۆكلەپ چۈشتى
مىڭ يىللاپ ياشنىغان توغراق ياپرىقى
نەچچە مىڭ يىللاپ ياشىغاندەك
قېرىپ كەتكەندەك
ياكى
بوۋاق بالىدەك
قۇم بوۋاينى قايتا تونىدى.
يېشىللىق ئىچىدە قۇم
قۇم داۋانلار ئىچىدە بىر تال چىچەك
قۇم بولۇپ يېيىلغۇم كەلدى
تاكى ئارا يۇلتۇزدىن
خوتەننىڭ قاشتىشىغىچە. . .
قۇم ياغار لەپىلدەپ
قۇمغا سالام قىلدىم
دېرىزىمدىن ئاسمانغا قاراپ.

 

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

 

* * * * * *

 

توققۇز تاش

 

يار ئۈستىدىكى ھېلىقى ئۆي
ھېيىتلىق نوقۇت يەۋاتقان بالىلار
ھويلىنى سۈپۈرىۋاتقان ئايال
چۇقىرىشىۋاتقان، قوغلىشىۋاتقان
بۇ ھېيىت شۇنداق باشلاندى
توققۇز تاشتىكى سەھەر پەيتىدە

 

مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم قەشقەردە
يۈزۈمنى يۇدۇم سېغىنىش ئوتىدا
قۇياش ئايەملىك ئىسسىپ تۇراتتى
ھيىتلىق سالام بەردىم
-سالام قەشقەر!
-سالام توققۇز تاش!
مەن ھازىر بۇ يەردە
مەن ھازىر ھېيىتگاھتىن ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلايمەن
ئاندىن كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالىمەن
ئاندىن تەلمۈرىمەن كىچىك بالىدە
دېرىزىدىن يىراق يىراققا

 

توققۇز تاش نۇرلانغان چاغدا
ھېلىقى ئايال
سۈپۈرگىسىنى كۆتىرىپ
قايتىپ كىرەر ئۆيىگە
قايتىپ كىرەر سەھەردىن
روزى ھېيىت خوشاللىقىغا

 

-مەھەممەت تۇرغۇنجان ، قايتىپ كەللىمۇ ؟
ئىگىلىپ سالام بىرىۋاتقان ئاسماندىكى ئاي
سۈپۈرگىنى قويدى جايىغا….

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ، قەشقەر

 

* * * * * *

 

ئاچچىق ئانار

 

بىر دانە ئانارسەن مەندەك قىپقىزىل
ھاياتقا كۈلگەنسەن ياپراقلىرىڭدا
شاخلاردا تۇرغانسەن خىيالغا پېتىپ
ئاچچىق تۇيغۇدا

 

سېنى بىر چىشلىدىم،قالدىم ئارماندا
تىللىغۇم كەلمەيدۇ، سېنى، ئۆزگىنى
بىر تال ئانارمەن بەلكىم ھاياتتا
ئىچىمدىكى غەمناك تۇيغۇنى
دىگۈم كەلدى ساڭا ئاستىلا

 

ئاچچىق ئانارسەن
تاتلىق تۇيغۇغا  بولغان مۇپتىلا
ئاچچىق ئانارسەن
كۆزلىرىمگە ئۇلاشتۇرغان ياش
مەن ھاياتتا ئاچچىقمۇ تاتلىق
ئويلاپ باقمىدىم ھازىرغا قەدەر
بىر تال قۇممەن ۋە ياكى ئانار
ئانار دانچىسى جىمجىت ھاياتتا

 

ئاچچىق ئانار
سېنى سۆيدۈم ئاستىلا
سېنى ئۆزۈم دەپ ئويلاپ
قاسراقلىرىڭنى سويۇپ تاشلىدىم
يالىڭاچ ھاياتتەك چېچىلغىن ماڭا

 

* * * * * *

 

بۈگۈن شېئىر يازىدىغان كۈن

 

بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق
قەلبىمدە قۇياش پارلايدۇ ئەمما
بۈگۈن ماڭا ئىلھام يوق
ئارقاـ ئارقىدىن تىزىلار مىسىرا

 

مېنى ئۇنتۇ ۋە ياكى ئەسلە
سېنى ھامان ياد ئەتتىم تۇرمۇش
مۇشتلىرىمنى تۈرمىدىم ئەمما
بولمىدى مەندە غەمكىن ئاھ ئۇرۇش

 

كەلگىن ھەسرەت قۇچاقلا مېنى
بۈگۈن شېئىر يازىدىغان كۈن
ئۇيقۇ كەلمەس كۆزلەرگە كىچە
يېڭى باشلىغان بۇ قەدەم ئۈچۈن
بۈگۈن شېئىر يازىدىغان كۈن
قەيسەرلىكنىڭ سۆيۈپ لىۋىنى
كۈتمەس بولدۇم ھېچكىمدىن ئۈمىد
بۈگۈن شېئىر يازىدىغان كۈن
جىمجىتقىنە سۆيۈپ ئۆزۈمنى

 

* * * * * *

 

دېرىزە تۈۋىدە ساقلايمەن سېنى

 

ئىشىك قىيا ئېچىلىدۇ،
قىيا ئېچىلىپ تۇختاپ قالىدۇ.
مەن ئۇنى كىرسىكەن دەيمەن، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ

 

كىرىۋاتقان، چىقىۋاتقان جان
ئىشىك ئېچىلىدۇ غىچىرلاپ
مەن ھېچكىمنى كۆرەلمەيمەن
مېنىڭ كۆرگىنىم پەقەت بىر سايە…

 

سېنى ساقلاۋاتىمەن
قېنى كەلگىن
ئىشىكىم ئوچۇق.
ياز شامىلىدەك،
كۆز يامغۇرىدەك….

 

* * * * * *

 

ياغلىق دۇكىنى

 

مەن كىملىكىنى تونۇپ بولغىلى بولمايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا
ياغلىق دۇكىنى ئالدىدا
ياغلىق تاللاۋاتقان بىر توپ شايارلىق ئايال
چۇۋۇلدىشار ياغلىقلار ئارا
-قىزىل، يېشىل، سۈترەڭ ياغلىقلار
سېتىلىۋاتقان، سېتىپ ئېلىۋاتقان تۆت چاسا رەختكە
كۈڭۈل چوڭقۇرىدا بىر مۇھەببەت بار
ياغلىق ساتىدۇ كىتابخۇمار ساتقۇچى
ياغلىقلار ئىچىدە
ئۇ بىر تال ئاق كۈنلۈك
كۆزلىرىدە ياغلىقنىڭ سۈرى

 

ياغلىق ئالغان ، چەگكەن ئاياللار
ياغلىق دۇكىنىدىن
قارلىغاچقا ئۇخشاپ
ئۇچۇپ چىقار پايانسىز كۆككە
ۋە قايتىپ چۈشۈپ زىمىن يۈزىگە
ياغلىقىنى مەھكەم تېڭىپ
قايتار بازاردىن
قايتار ئۆيىگە
بىر يورۇق يۇلتۇزدەك
بىر ئاينىڭ پارچىسىدەك
قۇياش نۇرىدەك
ياغلىق ئىچىدە نۇر چېچىپ راسا….

 

* * * * * *

 

تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە

 

قۇمدىن توزغىۋاتقان ئېغىر رومانتىكىلىق
ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىگە قايتىدىغان يول
بىر يول، بىنا ۋە باشقىلار
تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە
يىلتىز تارتىپ كىتىپتۇ قۇمدا،
سۇسىز ھاياتتا ئۇسسىدىم راسا
قۇمنىڭ خىيالىدا يۇيۇنۇپ،

 

قۇم
رىئاللىقتا تۇرار پاقىراپ
ئۈستىلىڭنىڭ ئۈستىنى كۈچەپ سۈرتىۋاتقاندا
يالغان كۈلۈپ قويىسەن پاكىزلىقىڭ ئۈچۈن
تۇيغۇلاردەك نىپىز بىر قەۋەت توپا
سېنى ئادەملەردەك قىلار مەزمۇت

 

قۇملار ئىچىدە بىز قەھرىمان
قۇمغا ئايلانغان
قۇرىغان
قاتقان
يىلىكلىرىدە تارىخ ئاققان جەسەتلەرگە سالام قىلىۋىتىپ

 

مېنى سۆيىۋاتقان قۇملارغا
قۇملارنىڭ قۇملىرىغا
رەھمەت ئېيتىمەن
سۇسىز ماكاندا
سۇ بولۇپ ئاققان …

 

 

 


 

رىسالەت مەردان تەرجىمھالى

 

قۇمۇل بوستانلىقىنىڭ پەخىرلىك قىزى رىسالەت مەردان 1977-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى قومۇل شەھىرىگە قاراشلىق شارلار تېغى تاراتى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى قومۇل دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈزۈپ ئۆز يۇرتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئەدەبىيات كەسپىدە مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن. 2001-يىلى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش بويىچە ئەدەبىيات تولۇق كۇرس دېپلۇمىنى ئالغان. 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستۇتىدا ھازىرقى-بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرگەن.

 

رىسالەت مەرداننىڭ ئىجادىي ھاياتى 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ‹‹قومۇل گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ھەيران قالدىم›› ناملىق مىكرۇ ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بۇيان ئۇ ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹تارىم ››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹كروران››، ‹‹يېڭى قاشتىشى ›› قاتارلىق ژورناللاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ‹‹ قومۇل ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلىرى››، ‹‹ ئېلى دەرياسى››، ‹‹كروران››، ‹‹كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش›› قاتارلىق ژورناللاردا 20 پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات ماقالىسى، ‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ›› ‹‹ تارىم ›› قاتارلىق ژورناللاردا 5 پارچە ھېكايە، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› قاتارلىق ژورناللاردا 15 پارچە تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ‹‹مەڭگۈلۈك ئارىلىق ›› ناملىق ھېكايە-پوۋسىتلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇنىڭ يەنە ‹‹ ئۆگەي ئانا ›› ناملىق رومانى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 

‹‹سىم-سىم يامغۇر ›› ناملىق روماننى شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرىياتىغا تاپشۇرغان رىسالەت مەردان، 2008-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك يازغۇچى دى. كىلەزىئۇنىڭ ‹‹ئورانىيا ›› ناملىق رومانىنى، كانادالىق داڭلىق ئايال يازغۇچى مارگارىت ئاتۋۇدنىڭ ‹‹يىگىلى بولىدىغان ئايال ›› ناملىق رومانىنى ‹‹غەرپ ئەدەبىياتى ھېكايىلىرى ›› ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا تاپشۇردى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدىكى ئارزىگۈل تۇراپ، گۈلشەن بەسىر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ‹‹ بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئايال قەلەمكەشلىرى ›› ناملىق تەتقىقات كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشىرىياتقا تاپشۇردى. يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئۇ يەنە ئېنگىلىزچىدىن ئاگاسا كىرىستىنىڭ ‹‹ئۇلار باغدادقا كەلدى›› ناملىق رومانىنى، ئېلزابىت گىربىتنىڭ ‹‹تاماق، ئىبادەت، مۇھەببەت›› ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈردى.

 

ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ يېزىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى زور تەسىرگە ئىگە بۇ قەلەم ساھىبىنىڭ ئىزدىنىش يولى كەڭرى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلغان ئەدەبىيات ئاشناسىدۇر. رىسالەت مەردان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيئىتىنىڭ ئەزاسى. لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ 16-قارار ئالىي تەرجىمانلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !