قۇياشقا قاراپ كېتىپ بارىمەن

Quyashqa qarap

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
بىۋاستە ئاڭلاش: Quyashqa_qarap_ketip_barimen.mp3

 

شېئىرنى كۈندۇزئاي ئوقۇدى
Quyashqa_qarap_ketip_barimen_Kunduzay.mp3

 

زېمىن بىلەن بوشلۇق ئارلىقىدا
خۇددى پەرۋانە درامىسىغا ئوخشاش
ئۆكسىگەن ئارمىنىمنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ
قەدەملىرىمنى ئېغىر بېسىپ
ئويچان كۆزلىرىمنى
زېمىن بىلەن ئېگىز چوقلار سۆيۈشىدىغان
ئۇپۇقلارغا تىكىپ
قۇياشقا يېقىنلىشاي دەپ كېتىپ بارىمەن.

 

ئەنە، ھەر يىلى تومۇزدا گۈلخان بولۇپ كۆيۈپلا تۇرىدىغان
ماڭا ئوخشاش
كالىفونىيەنىڭ پەرۋانە ئورمانلىرى كۆرۈندى.
خورلۇقنىڭ ئالەمگە پاتماس قىساسى بولۇپ
قەلبىمگە چىگىلىپ كەتكەن غەلىيان يىپى
ئۇچ قىتئە
ئىككى ئوكيان ئارىسىغا سوزۇلدى …

 

ئەسلىدىنلا بۇ زېمىن كەڭ ئىدى
ھەممە ئادەملەر سىغىپ ياشايتتى.
ئەمما بۈگۈن مېنىڭ ئېلىم
ئاتا -بوۋىسى ياشاپ كەلگەن
ئۆزى تۇغۇلغان زېمىنىغا سىغمىدى.

مەن دۇنيادا
پەقەتلا ئۆز خەلقىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن
مەن سېغىنىش مۇساپىسىنى ئەزەلدىن ئۆلچىمىگەن
چۈنكى ئۇ قەلبىمىزگە ئابىدە بولۇپ تۆرەلگەن.
زېمىننىڭ سېخىيلىقى بىزگە گۇۋاھ
چۈنكى بۇ يەردە كۈن چىقسا
كېچە ئۇيغۇر ئاسمىنىغا ئاي تۇغىدۇ.

 

بىلمەن
كۆيۈشنىڭ ئازابىمۇ بىزگە راھەت
جەنۇبنىڭ چۆللىرى
تەكلىماكانغا ئوخشاش ئىسسىق دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا شۇ تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارىمەن.

 

تۆنۈگۈن كېچە چۈشۈمدە بوۋامنى –
يۇرتۇمنى كۆردۇم ….
مەن كىچك بىر بالا ئىدىم
تاڭ سەھەردە ئوتۇنغا مېڭىپتىمىز
بىزنىڭ يۈز-كۆزلىرىمىزگە
يانۋاردىكى توپا يولدا چاڭ توزان قونغاندەك
ئاپئاق قىروۋ قونۇپتۇ.
يەنە شۇ ھېلىقى ئۇنتۇلماس كەچمىش
ئەلكۈننىڭ قەلبىدە ئوت بولۇپ يېنىپتۇ!

 

مەن قۇياشقا قاراپ كېتىپ بارىمەن
ئەمما ھەر كۈنى بىر ياش قېرىپ كېتىپ بارىمەن
چۈنكى يۈرىكىمدىكى كۈيۈك يېشى
قىزىمنىڭ يېشىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى
پىغان زەرداپ بولۇپ
قانغا ئايلىنىپ كەتتى
پاختىدىنمۇ يۇمشاق بۇ يۈرەككە
چەك -چېكىدىن
دەز –
كەتتى !
كەتتى !

 
مەن قۇياشقا يېقىنلىشاي دەپ
ئوتنىڭ تېشىدا بولسىمۇ بىر كۈيۈۋالاي دەپ
مەن جەنۇبقا قاراپ كېتىپ بارىمەن.

 
8-مارت، 2019-يىلى، كالىفورنىيە
مەنبە ئەلكۈن تورى

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !