قۇش مىلتىقى كۆتۈرگەن بالا
-
سەھىپە:Nadir témilar، Shé'irlar
باھا:0 دانە
14-03-2016
قۇربان بارات
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﻳﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯜﻡ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻠﯩﺪﻯ ﺩﺍﻻ .
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ،
ﻗﯘﺵ ﺋﺎﺗﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻻ .
ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻛﺘﻪﻡ ، ﻳﯜﮔﻪﻧﺴﯩﺰ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﺩﻯ ﺋﯘ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻣﻪﻟﯩﺪﻩ .
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻗﯘﺯﻏﯩﺪﻯ ﻏﻪﺯﻩﭖ ،
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭘﺎﻙ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﮬﻠﯩﺪﻩ .
ﺋﻪﺷﯘ ﻗﯘﺵ مىلتىقنى ﻛﯜﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻻ ،
ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﻗﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ !
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﯞ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻏﺎ ،
ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﺋﻪﻳﻠﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ .
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻣﯘﯓ ﺗﯜﻛﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ،
ﺳﻮﯞﺍﺩﺍﻥ ﺷﯧﺨﯩﺪﺍ ﺳﺎﻳﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ .
ﻛﺎﻛﻜﯘﻘﺎ ﺋﻮﻕ ﺋﯜﺯﺩﻯ ﺋﻮﯞ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ،
ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﻣﯜﻛﯜﻧﯜﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ .
ﻛﯚﻛﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ دىلكەش ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ،
ﭘﺎﻻﻗﻼﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ – ﺩﻩ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺟﺎﻥ .
ﺋﯘ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻡ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﻪﺭﮔﻪﻧﺪﺍﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﺴﺎﺳﻰ قان .
******
ﺋﯘ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﭼﺘﻰ ﻧﯩﺪﺍﺳﻰ .
ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ،
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﮬ ﺷﯘ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﺪﺍ .
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ ﺩﯦﺮﻩﻙ ،
ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘخ ﺳﺎﺩﺍ .
ﺑﯘ ﺳﺎﺩدىلىق ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺵ ﻛﯜﯕﯜﻟﻪﺭﮔﻪ ،
ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﺘﻰ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ ﯞﻩ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ .
ﺑﯘ ﺳﺎﺩﺍ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺩﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ ،
ﻗﯘﺯﻏﺎﺗﺘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ، ﺷﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ .
ﺑﯘ ﺳﺎﺩﺍ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ،
ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ .
ﺋﯘ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ ،
ﻳﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ، ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻨﻰ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ .
ﻗﯧﺮﯨﻼﺭ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯘ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﺳﺎﺩﺍﻧﻰ ،
ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ .
ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻜﻪﻥ ،
******
ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ …..
ﭘﺎﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ، ﯞﻩ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ،
ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺭﺗﯩﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﻰ .
ﻣﻪﻥ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ،
ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ئۈستىدىن ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ ﻗﺎﺗﯩﻠﻨﻰ .
ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﭘﺎﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ ﺷﯘﻡ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨﻰ .
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﻣﺘﯩﻠﻪﭖ ،
ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻳﻨﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯚﻛﺘﯜﻡ ﺋﯘﻧﻰ .
******
ﺳﯧﻨﯩﯖﻼ ﻣﯜﻟﻜﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎ ؟
ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﯔ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ جاي ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟
دەل – دەرەخ، ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻗﯘﺵ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﮔﯩﻴﺎ ؟
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻱ ! ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻛﻪﯓ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ،
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭ .
ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ،
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ .
ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺟﺎﻧﻨﻰ ،
ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﺎﻧﺎﻟﻤﺎﺱ ﺗﯘﻟﯘﻕ .
ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯜﺷﻤﯘ ؟
ﺳﺎﯕﺎ ﮔﯜﺵ ﻛﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ .
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ – ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﯘﻳﺎﻕ ﻣﺎﻝ ،
ﻳﯜﺭﻣﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﺎ ﭘﺎﺩﺍ ﯞﻩ ﭘﺎﺩﺍ ؟
ﻳﻪ ﻛﯜﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ ﮬﻪﯞﻩﺱ ،
ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺗﯜﻛﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ؟
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﺘﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻝ ﻗﯘﻻﻕ ، ﺗﻮﻟﻐﯘﻣﺎﻱ ﺑﻮﻳﯘﻥ !
ﭼﯜﺷﻪﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ،
ﺗﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ .
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯘﻧﯘﯕﺪﺍ ﺗﺎﻏﻼﺭ – ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ،
ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﺍﻻ .
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ،
ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﮬﻪﯞﻩﺳﻤﻪﻥ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ .
ﺋﯘﻻﺭﺳﯩﺰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ،
ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﺎﻕ .
ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ،
ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﺎﺭ ﺷﺎﻣﺎﻝ .
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﯘﻡ كۆچكىنىدەك ،
ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ .
ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻣﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﻏﺎﺭ ﺷﺎﻗﯩﺮﺍﭖ .
ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﺠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺗﻼﺭ ،
ﺋﯚﺗﯜﺷﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺍﭖ .
ﺧﯩﻠﻤﯘ -ﺧﯩﻞ ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩ ﭼﯘﻗﺎﻧﯩﺪﺍ ،
ﺳﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﺋﯜﻧﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ،
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ .
ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ! ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻧﺎﺩﺍﻥ ،
ﺑﺎﮬﺎﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﮔﯩﻴﺎﮬﺴﯩﺰ ؟
ﺳﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﺳﯩﺰ ……!
ﻣﻪﻥ ﺭﺍﺳﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﯘ ﻳﺎﺵ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ،
ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻕ ، ﺑﻮﺳﻰ ﺩﻩﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ .
ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺮ شېئىر ﺑﻮﻟﯘﭖ ،
شېئىرىمنى ﭼﯜﺷﯜﻧﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻥ ……. !!!
بۇ يەردە «كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.