قار گۈلى 

ھر ەۇلڭئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
قار گۈلى
ئاپئاق قاتلىرىڭغىچە-
تۆرەلگەنمۇ سەن قاردىن؟
ئاق رەڭىنى ئۆزۈڭگە ئاپسەن
ھەسرەت بېغىمغا كىرىپ قاپسەن
چىقتىڭمۇ يا كۈتمەي باھارنى –
ئۈششۈك تېخى كەتمىگەن يەردىن؟!

 
ئاپئاق قار گۈلى-
ئاپئاق قار رەڭ ھۆسنىڭ بۈگۈن-
ئاسمانمۇ ئاپئاق، يەرمۇ ھەم…
ياپراقلىرىڭدا يالتىرار شۇ دەم –
مەن ئىزدىگەن زەمزەم!

 
قار گۈلى
سەن تۇپراقنى سۆيگەن بۇ دەمدە-
ئېسىمدە باھاردىن ئۇزاقتىكى قىش …
مەۋجۇتلۇقۇم قار بىلەن رەڭ تالاشقان-
نەپسىمگە قىرو ياماشقان
ئۇ بىر ئۇنتۇلماس كەچمىش.

 
“كاككۇكنى قوغلىغان ھۇقۇش-
ھەر نەپسىدە قان تۆكەرمىش…”
بىر تۈپ تېرىكى قالمىغان-
تېرەك مەھەللە دەپ ئاتالغان
كۆۋرۈكى يوق توپا يولىدا
ئوتۇنچى دېھقان –
پۇتى ئۈششۈتكەن يىرتىق ئۆتۈكنى
ھۇرۇن ئېشىكىنى
ھەممىمىسىنى تەڭ سۆرەپ ماڭارمىش…

 
قار گۈلى
ساچى ساڭا ئوخشاش بىر موماي-
سوغۇق ھۆكۈم سۈرگەن-
قولى ئۈششۈگەن-
غېرىب كۇلبەسىدە مۇساپىر ئوغلىنى
ئاندىن ئوتۇنچى ئېرىنى كۈتۈپ…
بۆشۈكتىكى نەۋرىسىگە
ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ
قىش كېچىشىنى ئۆتكۇزەرمىش…

 
قار گۈلى
سېنىڭ رەڭگىڭ ئاق
سەن پاكلىقنىڭ سىموۋۇلى.
كىرلىشىپ قارداپ كەتكەن
مەھكۈم كەچمىشىمنىڭ ئەكسى!

 
قار گۈلى-
سەن ھاياتنىڭ نىشانى
سەن باھارنىڭ ئەلچىسى
كۆرۈندۈڭ كۆزۈمگە بۈگۈن –
تاغدا ئەمەس بېغىمدا ئۆسكەن.
نۇر بولۇپ چاقنىدىڭ ئومىد يۇلتۇزۇم
مەيۈسلۇك قەلبىمدە-
چولپان بولۇپ ئالەمنى ئۈزگەن!

 
2014 يىلى يانۋار، لوندون

 
(بۇ شېئىر 2017- يىلى 12- ماي قايتا تەھرىرلىنىپ نەشىر قىلىندى)

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !