پىغانلىق سۆيگۈ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
days in London

(شېئىرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

Pighanliq_soygu_Asiye1512018.mp3

 

ئىلاۋە:  
ئىلاۋە: بۇ شىېئىر توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قىستۇرۇپ قوياي – مەن ئۇشبۇ شىېئىرنى 20 ياشنىڭ ئەمدىلىكتە قارسىنى ئالغان، گۆدەكلىكىمگە خاتىمە بېرىپ، ياشلىق قەلىمىمدىن مۇھەببەت مىسرالىرى ئۆزلۈكىدىن تۆكۇلۇشكە باشلىغان بىر ۋاقىتلىرىمدا يېزىپتىكەنمەن. مانا بۈگۈن ھېسابلاپ باقسام ئارىدىن نۇرغۇن يىلللار ئۆتۇپ كېتىپتۇ… يېقىندا مەن بۇ شىېئىرىنى كونا يازمىلىرىم ئارسىدىن تېپىۋالدىم ۋە سىلەر بىلەن ھەمبەھىر بولۇشنى ئىستىدىم. مۇھەببەت – بۇ ھەممىمىز كەزگەن ۋە كېزىدىغان يوللار، مۇھەببەت – بۇ باسسا قەدىمى تۈگىمەيدىغان چىغىر يولللار … مۇھەببەت – ئۇ تەقدىرگە ۋە زامانغا ئەسلا تىز پۈكمەيدۇ …. ئۇ قېرىمايدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ! شۇڭا ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز، ھاياتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى مۇھەببەت، ئاخىرقى نوقتىسى بولسا مۇسىبەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن شائىر/ شائىرەلەر ئۈچۈن مۇھەببەت مەڭگۇ يازسىمۇ ئۆلمەيدىغان ۋە قېرىمايدىغان بىر تېمىدۇر. مېنىڭ «ساراڭ ياشلىق» نىڭ ئىزگۈ مىسىرالىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ شىېئىرىمنىڭ ياشلىق باھارى مۇھەببەتلىك ئارمانلىرى بىلەن جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان، كېلىچىكىگە ئۈمىدلىك باققان ئۆت يۈرەك ياشلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر تۇيغۇ ۋە ھېسلارنى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ شىېئىر 1988- يىلى 12- ئايدا شايار ناھىيسىنىڭ تويبولدى يېزىسىدا يېزىلغان..

 

مەن ئىنتىزار باھار يازمىغا،
سوغۇق-قىشتا تىترىگەن ئۈچۈن.
يۈرەك كۆيەر پىغانى بىلەن،
يار ۋەسلىگە چاڭقىغان ئۈچۈن.

 

كەچتە چىقتىم ئۆستەڭ بويىغا،
ئىزىم چۈشتى ئاق قار يۈزىگە.
تېرەك بېشىدا ئالا قاغا،
مۇڭلىنار قىشنىڭ غېرىب كۈيگە…

 

ئەسلىسەم ئۆتكەن شېرىن چاغلارنى،
بۇ خىلۋەت يەردە يار بىلەن بۇرۇن.
سۈرگەنتۇق باھارغا نەزمە توقۇپ،
مۇڭدۇشۇپ سۆيگۈ بابىدا ئۇزۇن.

 

مۆھلىتى ئۇزاق، مۇدھىشدۇر بۇ تۈن،
شەپقەتسىز شامال نەشتەرى بۈگۈن.
ياردىن يوق خەۋەر، سۈكۈتتە ۋىسال …
قىينالدى جانىم، جانانسىز بۇ كۈن !

 

تۆكۈلدى ياپراق ئۇشىگەچ بۈگۈن،
مۇزلىدى دەريا ئېقىشى توختاپ.
كەل يارىم سۆيۈشەيلى بىز يەنە،
جور بولسۇن بۇلبۇل غەزەل توۋلاپ…

 

ئاھ! مۇھەببەت تەشنامەن ساڭا،
قىلىسەن قاچانغا شوخ قەلبىمنى؟
قاپتۇ ھەسىرەت، ئازابلىق ھىجىران،
كىم بىلەر سۆيگۈن پىغانىنى ؟

 

1988- يىلى 12- ئاي.  شاياردا يېزىلغان.

 

مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/thread-27054-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !