ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر
-
سەھىپە:Elkun élkitabliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
04-11-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(مەزكۈر تېما باغداش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ قايتا نەشىر قىلىندى)
2011 _ يىلى 7_ ئاينىڭ 2_ كۈنىدىن 8_ كۈنىگىچە موڭغۇلىيەدە ئېچىلغان “3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيى” غا قاتنىشىش سەپىرىدە يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرىلەر
( «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» – كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
سۆز بېشى
بىز تۇغۇلغان ۋە ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا سانائەت دەۋرىنىڭ كرىزىسلىرى ئىچىدە ھالسىراۋاتقان، ئىقتىسادىي بوھران ۋە باشقا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كۈندىن كۈنگە بۇلغىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىزغا بولغان چوڭقۇر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان مۇھىت سۆيەر ئالىملىرىمىز “دۇنيا ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى” نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قارشى تۇرۇش ئىقتىدارلىرى بىلەن كۈرەشلەر ئاقتۇرۇۋاتقان، ھەر شەيئىلەر ئۆز-ئارا رىقابەت بەيگىسىگە تولغان بۇ دۇنيانىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى بىر مەزگىل ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىنساننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىغان، بۈگۈنكى زامانىۋى مەئىشەتلەردىن يىراق بولغان ساپ ھاۋالىق …….
پايانسىز ئۇپۇقنى سۆيگەن ياپ-يېشىل يايلاقتا قەدەملىرىڭىزنى ئاتا-بوۋىلىرىڭىز بىر زامانلاردا ئات چاپتۇرۇپ ماڭغان چىغىر يوللارغا تاشلاپ, قۇلاق تۈۋىڭىزدىن غۇر–غۇر ئۇتۇپ تۇرىدىغان شاماللارغا سىرداش بولۇپ ماڭسىڭىز ياكى قارىغايلىق تاغ ئېتەكلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆك بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئىشىتكەچ، كۆك تەڭرىنى سۆيۈپ تۇرغان ئاق باش چوقىلارغا ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، غۇرۇر تۇيغۇسى بىلەن نەزىرىڭىزنى چەكسىز كەتكەن يايلاقلارغا تاشلىسىڭىز، كېچىلىرى يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكىدىغان بۇ زېمىندا تۇرۇپ، يۇلتۇز سانىغاچ بوۋىمىز ئوغۇزخان ئىلتىجا قىلغان كۆك ئاسماندىكى كۆك تەڭرىگە بېشىڭىزنى تىك كۆتۈرۈپ باقسىڭىز ۋە ياكى بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيە (رۇس يەر) نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېلىق تۇتۇپ يېگەن بايقال كۆلىنىڭ (باي-قال-كۆل) نىڭ تىنچ ۋە تەمكىنلىكتە سىزگە مېھرى بىلەن باققان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز، سىز يەنە ئېتىڭىزنى چاپتۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يورغىلاپ، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا كېلىپ ئوچۇملاپ يۈرىكىڭىز قانغىچە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن كەلگەن تاغ سۇلىرىنى ئىچسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قەيەردە دەپ بىلىسىز ۋە قانداق ھېسلاردا بولىسىز ؟
مانا بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي بۇلىقى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ 100 يىللاردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدۇر! بۇ تۇپراق شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تارىخىي قىممەتلىرى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىلتىماسى قىلىشى نەتىجىسىدە 2004_ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىسى ئەتراپىدىكى 121، 967 گېكتار تۇپراق “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىيەت ئىزنالىرى” نامىدا خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مانا بۇ تۇتىيا زېمىندا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانلىغىدا بولۇپ ئۆتتى.
بۇ قۇرۇلتاي ئۇلانباتوردا باشلاندى
بۇ نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ قۇرۇلتىيى 2011_ يىلى 2_ ئىيۇلدىن 8_ ئىيۇلغىچە ھەممە تۈركىي ۋە ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ تۇغۇلۇش بۆشۈكى بولغان جاي موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا “ئەسلىمىزگە قايتىش، تارىخىنى ياد ئېتىش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش” تۇيغۇلىرى بىلەن بىر ھەپتە داۋام قىلدى.
مانا بىز بۈگۈن بۇ زېمىندا، 21_ ئەسىرىدە تارىختىكى چىڭگىزخاننىڭ دۆلىتىدە، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتساق، تارىخ بەتلىرىنى بىرقانچە ئەسىرلەر ئىلگىرى سۈرسەك، ئەجدادلىرىمىز تارىختا قۇرغان سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە- ئورخۇن بويلىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى ياشىغان تۇپراقلارنى تاۋاپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىش نىشان قىلىنغان بۇ يىغىن 2011-_ يىلى 2-_ئىيۇل خەلقئارا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلىرى ۋە موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىپخانلىغىدا موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا رەسمىي باشلىنىپ 7-ئىيۇل بايانگول مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ئاياغلاشتى.
بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتيغا ياۋروئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىكى ئارال دۆلەت ياپونىيىدىن تارتىپ ئەڭ غەربىيدىكى ئارال دۆلەت ئەنگىلىيەگىچە، ئېستونىيە، ۋېنگىرىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كورىيەلەردىن، ياۋروئاسىيانىڭ سىرتىدىن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىلەردىن كەلگەن يازارلار، شائىرلار، ژۇرنالىستلار، تارىخچىلار، ئارخېئولوگلار، سەنئەتكارلار ۋە قەلەمكەشلەر دوستلىرى ھەم موڭغۇلىيىلىك يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ جەمئىي 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2011_ يىلى 2_ ئىيۇن ئۇلانباتور ۋاقتى سائەت 5 دە موڭغۇل دۆلەتلىك سودا-سانائەت سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە باشلاندى.
“ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۇلگەندىن كېيىن ، “ئورال–ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلپ، بۇ ئېچىلىۋاتقان يىغىن “3_ نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” 2010_ يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلدە ئېچىلغان “2_ نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئاساسلىق خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىش ئېلىپ بارىدىغان 5 خىزمەت دائىرىسىنىڭ بىرى بولغان “تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى” كاتېگورىيىسى ئىچىدە ئورال-ئالتاي تىللىق رايونلاردا ساقلىنىۋاتقان تىل ۋە تەرجىمە مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى چۈنكى ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرى موڭغۇلىيىنىڭ يايلاقلىرىدا ئۆز تەرەققىياتىنى باشلاپ ياۋروئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇغراپىيىلىك رايونلارغا تارقالغانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ تىل سىستېمىسى قىسقىلاشتۇرۇپ، ياشىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن “ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەر” دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمما رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 100 نەچچە يىل داۋام قىلغان رۇسىيە ۋە سوۋېت مۇستەملىكىسىنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەبىدىن ئاساسەن دېگەندەك ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىش ۋە نەشر قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يوقىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوندىكى خەلقلەر ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ شۇ تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا ناھايىتى زور مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.
بۇ يىغىندا رايوندىكى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرى ئارىسىدا قانداق قىلغاندا بىرلىكتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى تېما قىلىنىپ ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە رايوندا تىل ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگلىز تىلى قاتارلىق باشقا دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ئارىلىق ئورال-ئالتاي رايوننىڭ ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، تىل مەسىلىلىرىنى يورۇپ بېرىش نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە بۇ خىزمەتلەر نەتىجىلىك ئىشلەنسە رايوندا كوممۇنىست دەۋرلىرىدىن قالدۇق مىراس بولۇپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۈرلۇك نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىلدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، يىراق يوللارنى بېسىپ كەلگەن ۋە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھورى تەكاكى ئەپەندىگە، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى تونۇلغان شائىر، 2010_ يىللىق “نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى” نىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسۇتىلگەن، ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقى خەتتاتى دوكتور گ . مەند-ئوويو ئەپەندىگە مىننەدارلىق بىلدۈرۇلدى.
نۆۋەت بىلەن سوز نۆۋىتىنى ئالغان موڭغۇل شائىرى گ مەند-ئوويو ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىغىنغا ئاتىغان تەبرىكىنى بايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ موڭغۇلىيىدە ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئىلمىي-مۇھاكىمە يىغىنىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى موڭغۇلىيىدە ساقلانغان تارىخىي ئىزلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق ئورال-ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆتكەن تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇ تارىخنى كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر ئەھمىيىتى زور يىغىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، موڭغۇلىيىنىڭ يېڭىدىن ياش دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە موڭغۇلىيىدە كان بايلىقلىرىنىڭ ئېچىشى سەۋەبىدىن تارىخىي ئىزلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، موڭغۇلىيىنىڭ موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ساقلاپ قېلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتسە، ئۇ يەنە ئانا تىل توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئەسىرنىڭ كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللار يوقىلىپ كەتتى. بىر مىللەتنىڭ تىلى قانچە ئاجىزلاشسا شۇ مىللەت خەلقىمۇ شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا ھەر-بىر يازغۇچى ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك!”
مەند-ئوويو ئەپەندى سۆزنىڭ ئاخىردا باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھورى تەكاكى ئەپەندىگە، ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى دالمىرە تىلەپ بەرگەنوۋ خانىمغا، ۋە بۇيغىننىڭ ئېچىلىشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن باشقا تەشكىللىگۇچى ….. خانىم ئەپەندىلەرگە مىننەدارلىغىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى تاماملايدۇ.
ئارقىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان، بۇ قۇرۇلتايغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋە سابىق ياپونىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھورى تەكاكى ئەپەندى قۇرۇلتاينى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئېچىلىشىغا، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قارتا ياخشى تىلەكلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مۆھتەرەم موڭغۇلىيىلىك ئىلىم ئەھلىلىرى، يازغۇچىلار، شائىرلار، ئاۋۋال سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغانلىغىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرمەن. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ يىل خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قورۇلغانلىقىغا 91 يىل بولىدۇ. بۇ جەمئىيەت ئۆزنىڭ باش قەلىبنامىسى بولغان سۆزلەش ۋە يېزىش ئەركىنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پرىنسىپى بىلەن 1_-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2_-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىمۇ ئۆزنى ساقلاپ قالالىدى ۋە ئۆلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ئەلۋەتتە بىز خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن پەخىرلىنىمىز. …………
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە جەمئى 60 بەت، ھەجىمى چوڭ بولغاچقا ئوقۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن PDF شەكلىدە بىر ئېلكىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىندى. ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۈلنىشتىن ئوقۇڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_kitap/Orxun_boylirigha_seper.pdf
———————————————————————————————
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەلىرى:
باغداش تور بېكىتى مۇنبىرىدىن ئۇقۇش:
ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر (1- قىسىم)
http://bbs.bagdax.cn/thread-27441-1-1.html
ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر (2- قىسىم)
http://bbs.bagdax.cn/thread-24299-1-1.html
بۇ ماقالىلەر باغداش مۇنبىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورىغا ئەينەن كۆچۈرلۈپ نەشىر قىلىندى:
http://www.azizisa.org/orxun_boylirigha_seper
«ئورخۇن بويلىرىغا سەپە» 1-2- قىسىم ماقالىلەر باغداش تورى مۇنبىرى ئاساسىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورىدا بىر ئېلكىتاب قىلىپ نەشىر قىلىندى. ئېلكىتاپنى چۈشۈرۈش مۇقىم ئادىرېسى:
http://www.azizisa.org/elkun_kitap/Orxun_boylirigha_seper.pdf