مۇھەببەت قەلئەسى
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media
باھا:0 دانە
04-03-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Muhabbet_qelesi.mp3
باغلىغان قەلبىمىزنى مەۋھۇم مۇھەببەت،
چارچىغان كۈتۈشلەرگە تويۇنغان تاقەت.
تۇنجى قېتىمدا بىزنى ئۇچراشتۇرغان يەر ـ
ئاشىقلارنىڭ ئىستانبۇلى ـ سۇلتان ئەخمەت!
بۇ باتۇر شەھەر، قەلئە دېڭىزدا قورغان،
يېڭىلـمەس روھلاردىن تاملىرى سوقۇلغان.
مەرمەر دېڭىزىنىڭ ئاستى ئۈنچىلەرگە لىق،
ھەر تېشىغا مۇھەببەتتىن پۈتۈك ئۇيۇلغان !
مەن دېگەنتىم دۇنيا گۈزەل سۆيگۈ بىلەن،
يۈزۈمگە يار ساچنى شامال ئۇرغاندا.
مۇھەببەت ئىلاھى بىزگە بەخت تىلىگەن،
بىز تۈنەپ شۇ كېچىدە يۇلتۇز سانىغاندا.
دېڭىزغا قوشۇلۇپ رىزقىمىز ئاققاندا،
دان ئىزدەپ چايكىلار بېشىمىزدا ئۇچقاندا.
پىچىرلىغان ئىدىڭ «بىز ئەڭ بەخىتلىك» دەپ ـ
گۈل چېھرىڭدىن مۇھەببەت نۇرى يانغاندا …
بۇ قورغاندا ئاشىق يوق ئەسىر بولمىغان،
مۇھەببەتكە مەڭگۈلۈك تەسلىم يازمىغان.
ئايرىلىشنىڭ يول خېتىنى قولىغا ئېلىپ،
بوينىغا ھىجراندىن زەنجىر باغلىمىغان!
سەن بىر گۇۋاھ سۆيگىمىزگە چاناققەلئە،
ياشنىغىن قەلبىمىزدىن ئۇزاقلاپ كەتمە.
تىنچىماس دېڭىز دولقۇنىدەك يۈرىكىمىز –
پۈتۈلمەي مۇھەببەتتىن تولۇق ھېكايە!
2013 ـ يىلى، ئاۋغۇست، چاناققەلئە
_________________________________________________________
بۇ شېئىر باغداش مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان، مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-45667-1-1.html