مەۋھۇم جانان
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
21-04-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ياشلىق خاتىرەمدىن)
مەۋھۇمدۇر بۇ دۇنيا مەۋھۇم بۇ قەلبىم،
مەۋھۇملۇق ۋۇجۇدۇمدا قىلار غەلىيان!
سەھەردە چۈشۈمگە بىر مەۋھۇم جانان …
كەلدى كۆڭۈل تۆرىگە بولۇپ مېھمان!
ھەر چېتى مەۋھۇملۇققا تولغان بۇ جاھان،
گاھى تۇيىمەن ئۆزۈمنى مەۋھۇم بىر ئىنسان.
يىللار كەتتى خەتلىرىڭ ئەىسلىمە بولۇپ،
كۆرمىدىم ئەمما گۈلۇم سېنى ھېچ زامان!
بولدۇڭ سەن سىردىشىم دىلىمغا ھەمراھ –
غېرىبلىق يىراقتا جاندىن ئۆتكەندە.
تۇرسىمۇ دېڭىز- ئوكيان بىزنى ئايرىپ –
كۈتكۈزەر تەشنالىق ھىجران يەتكەندە!
كىردىڭ چۈشۈمگە جانان، ئۇڭۇمدىن غايىب،
بىلمىدىم قاچان بولدۇڭ ماڭا ھۆكۈمران.
ياشىدىڭ خىيالىمدا كېچە ۋە كۈندۈز،
تولدۇرۇپ سېغىنىشنى يۈرەككە ھامان!
مەھكۇم بولغان مەۋھۇملۇققا بۇ مۇھەببەت،
لەززەتلىك سېغىنىش بىلەن كۈندە ئۇلغىيىدۇ.
ئېيتقىن يار سۆيۈشىمىزنىڭ چېكى قانچىلىك؟
ۋەسلىڭنى كۆپ كۈتۈشتىن يۈرەك سىرغىيدۇ!
بولاي پەرھات، شېرىن ئۈچۈن دەريا قازغان،
مەيلى بولاي مەن غېرىب، چۆلگە پالانغان.
ۋىسالىڭسىز كۈن ئۆتمەس، ئىرادەم يۈتمەس!
چۈنكى سەن مەشۇق بولۇپ ماڭلا يارالغان!
مەۋھۇم جانان، ئاتەش يۈرەك ساڭا كۆيگەن،
چۈشۈمدە ئەمەس، ئۇڭۇمدا سېنى سۆيگەن.
ئىلاھىم ئەمدى بىزگە نېسىپ ئەيلىگىن –
ئېچىلىپ قىزىل گۈلدەك بەختىمىز كۈلگەي!
ياشلىق خاتىرەمدىن تەرمىلەر. 2016- يىلى نويابىردا قايتا تەھرىرلەندى.