مەن، پويىز ۋە تەبىئەت

Men poyiz we tebiet.jpg

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Men_poyiz_we_tebiet.mp3

 

يەنە شۇ پويىز
مېنى تەبىئەتكە ئېلىپ بارىدىغان
يۈگۈرۈپ ئۈلگۈردۈم.
يەنە شۇ ئوخشاش قۇياش
دېرىزىدە پارلايدىغان…
ئۇنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ يۈردۈم!

 


تاغلاردىن، باغلاردىن ئاشتىم
قۇياش نۇرىنى پەرەڭ ئاسمىنىدىن
گاھى بۇلۇت، گاھ ئورمان ئارىسىدىن كۆردۇم.
ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان قىلىپ –
دۇنيا ھەققىدە يېڭى ھېكايە توقۇدۇم.

 

ئۆزىگە ئاسىي كەچمىشلەر…
يۈرەككە لىق تولۇپ كەتكەن مۇھاببەت
توختىماي كۈيۈۋاتىدۇ
كېلەچەكنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكىدە
ئۆيىنى سېغىنغان مۇساپىر بۈگۈن
ئەتە تاڭنىڭ قانداق ئېتىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ
تېخىچە سىرلار يېشىلمەس
قەلبلەرگە چىگىلگەچ تۈگۈن!

 

مەن شېئىر يازدىم،
نەزمە يازدىم
بۇ دۇنيانى گۈزەل دەپ تەرىپلەپ،
ئەمما كۆز يېشىمنى يوشۇرۇپ كەلدىم
چۈنكى دۇنيا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ دەپ.

 

مەن چوڭ بولدۇم
كۈلكە بىلەن يىغا ئوتتۇرىسىدا
تۆرەلگەن دۇنيانى چۈشەندىم.
بوۋام ئېيتقان كارۋان ناخشىسىنى
مەنمۇ ئاخىر ئېيتىشنى ئۆگەندىم!

 

ئەللەي ناخشىسى ئېيتماقتا قېرى قىش
ئۇ – ئۇ قاتتىكى كونا كەپىدە
ئەسلىمىمىز بىزنىڭ يەنە شۇ ئەبگا پەسىلدە
مەن كىرپىكىمگە قىرو قوندۇرغان قىش ئۇستىدىن
نېسىگە قالغان باھارىم ئۈچۈن
تەبىئەتكە ئەرز قىلىپتىمەن چۈشۈمدە!

 

ئېھ تەبىئەت
پەسل بىلەن شېئىرىم چېلىشتا ئەبەد
رىتىمى پويىز يۈگۈرگەندەك تىز
ئۇنتۇلماقتا بىر تال يۇپۇرماق
ئۆتكەن كۈزدە يەرگە چۈشكەن
شۇ دەملەرگە گۇۋاھ بولغان ئۇ –
ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقاندا بىز!

 

يەنە شۇ ئوخشاش پويىزدا
ھايات ئۆز قېلىپىدا
بۈگۈن كونا بېكەتكە يەنە كەلدىم
ئۇ مېنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ
ئازراق مۈگدەپتىمەن…
تۇياقلىرىدىن بوران چىقىرىدىغان
بوۋام مىنىپ يورۇش قىلغان
جەڭ ئاتلىرىنى چۈشەپتىمەن!

 

بۇ تومۇر جانىۋار
قۇياشنى نىشانلاپ ئۇدۇل كېتىۋاتىدۇ
يۈرىكىمدە ئوت كەتكەن دۇنيا
قىران يىگىتنىڭ يېشى بىلەن تەڭ
تېخىچە كۆيۈۋاتىدۇ
ھەممە ئىش دېرىزە سىرتىدا بولۇۋاتىدۇ….

 

مېنىڭ دەردىمنى چۈشىنىدىغان
ماڭا بەختىنى تۇيدۇرىدىغان يېشىل دالىلار
مەيىن شاماللار
ئىللىق چىراي بىلەن سالام بېرىۋاتىدۇ:

 

«ئەي قۇملۇقتىن كەلگەن مۇساپىر
تەكلىماكانىڭغا سالام –
تەڭرى تېغىغا ئامانلىق دېگىن!
پەسىل ئالمىشىپ باھارنىڭ كەلگەندە –
سەنمۇ بىزدەك يېشىل بولۇپ
قۇم بارخانىلىرىڭ كۆكەرگەندە
بۇ تىلەكلەرنى ئۇنتۇمىغىن! «

 

رېلىسقا باغلانغان پويىز
خۇددى مەن ھاياتقا باغلانغاندەك
مېنى نىشانىغا ئېلىپ ماڭغان
ماڭا سەپەرداش قۇياش
ئۇپۇق ئىچىدە غايىپ بولغان…

 

ھايات ھەر يەردە تېنىمسىز
جاھان ئەينىكىگە ئوخشاش
پويىز ئاخىرقى بېكەتكە كەلگەندە
دېرىزىدە گۇگۇم مەشرەپ ئوينايدۇ –
تورنىلار قۇياشقا قاراپ ئۇچقان
ئاي شولىسى كەپتەرخانا ئۈستىگە چۈشكەن
«دەردىڭ يامان» نى ئېيتقان
دۇتارچىنىڭ قولى تىترىگەن
داپنىڭ ئۈنى سوغۇقتا بوغۇق
چۆل – ئاۋاتتا بىر توپ قىز – يىگىت
«بەخىتلىك بىز» دەپ ناخشا توۋلايدۇ!

 

22 – فېۋرال، 2016 – يىلى. لوندون

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !