مەن سېنى كۆردۇم

“Menئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاۋاز ئۈلىنىشى: Men_seni_kordum.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

سەن بۇ كېچە يالغۇزلۇق كېمىسىدە
ھېسلىرىڭنىڭ ئەركى ئۈچۈن ئۈزدۈڭ
گۈمبەزگە ئوخشايدىغان ئاسمانغا باقتىڭ
جىمىرلاپ كۆز قىسىشتى ھارمايدىغان يۇلتۇزلار
مەن ئايدىن
سەن كۆرگەن كائىناتتىن
سېنىڭ كۆلەڭگەڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.
سەنمۇ مېنى كۆردىڭمۇ
تۆمۈر بالداقلىق كونا پەنجىرىدىن؟

 

سەن بۇ كېچە سېغىنىشنىڭ كېمىسىدە
ھىجران ئۈزىۋەتكەن مۇساپىنى
ھەسرەت قاينىمىدا قايتا كېزىۋاتىسەن
مەن سەنسىز سەۋداغا ئايلانغاندىن بۇيان،
دەستىسى تۆمۈردىن ياسالغان پالتا بىلەن
ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس ئورماندا
مۇستەقىل تۇرۇپ
ۋىسال دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىۋاتىمەن !

 

ئايرىلىشنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچىمەيمەن
چۈنكى ئۇنىڭ ۋىدالىشىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
شۇڭا سېنى كۈن سانىماي كۈتۈشكە ئادەتلەندىم.
سەنمۇ مەندەك قىلىۋاتامسەن؟
سەنمۇ شۇنداق كۈتۈشنى ئۆگنىۋالدىڭمۇ؟
مەن شۇنى ئېنىق بىلىمەن –
شۇڭا جاۋابىڭنى كۈتمەيمەن
پەقەت بۇ كائىناتلا بىزگە ساتقىن ئەمەس
شۇڭا سېنى يوقاتمايمەن.
شۇڭا سېنى ۋىسال ئېلىپ كېلىدۇ دەپ كۈتىمەن.

 

سەن مېنى كۆرۈۋاتامسەن؟
روھىم روھىڭنى كۈتۈشتىن ساقلىسۇن،
مەن سېنى تىرىك كۆرۈۋاتىمەن سەن قاراپ قېتىپ قالغان ئۇپۇقتىن
سەھەر چولپانىدىن
شەپەق قۇياشىدىن
سەن ئاسماندا كۆرەلەيدىغان جىمى نەرسىدىن
قارا ئەنە ….
سېنىڭ ئەكسىڭنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمەن!

 

ئەنە بىر تامچە ياش مەڭزىڭدىن سىرغىپ چۈشتى …
ئۇ مۇھەببەت ئىدى …
كىرپىكىڭ يېشىڭنى ئوق قىلىپ ئاتتى
ئۇ ئۆچ ئېلىش ئىدى ….
ئۇ ھەم سېغىنىشلىق سەھەرگە چۈشكەن سەبىر شەبنىمى ئىدى.

 

گۇگۇمدە گاھى كۆزلىرىم خىرەلىشىپ قالىدۇ
مەن كۆزئەينەك تاقاشقا كۆندۈم
سەنمۇ تاقامسەن؟
كۆز دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغىن
شۇنداق قىل، ۋىسال كۈنى بىز بىر – بىرىمىزنى تونۇيالايمىز.
بىلىمەن، بىزگە سالغان ئوتنى ھىچ كىم ئۆچۈرەلمەيدۇ
دۇنيادا ئۇنداق يانىدىغان بىر ئوت ھەم تۆرەلمىدى
ئۇ ئوت – مەندىكى سېغىندۇرغان سەن.
ئۇ ئوت – سېنىڭدىكى سېغىندۇرغان مەن!

 

2018-يىلى 8- يانۋار، لوندون.

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !