كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

كۈتۈش – ئۇ نازۈك قەلىبنىڭ ئىنتىزارى، سەبىرنىڭ ئىمتىھانى، ھاياتىنىڭ ئۈمىد ئىچىدىكى ئىمكانى، ئۇنىڭ تەمى ھەم شىرىن ھەم ئازابلىق! 

 

كۈتۈش – ئۇ، ئەگەر سىز تىپ-تىنىچ كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگىز قۇم بارخانى ئۈستىگە چىقىپ، ئاۋال ئادېمىزاتتىن خالى بۇ ماكاننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ، كارنىيىڭىز يېرىلغۇچە، ئاۋازىڭىزنىڭ بارىچە «ئەركىنلىك!!!»  دەپ توۋلىسىڭىز، چەكسىز بوشلۇق ئىچىگە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەكىس سادالار ئىچىدە ئاستا- ئاستا قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاۋازىڭىزڭىزغا سەبىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالسىڭىز، ئاندىن تىمتاسلىق ئىچىدىكى قاراڭغۇ كېچىگە غۇلىچىڭىزنى بولۇشىغىچە ئېچىپ، كېچىنى باغاشلاپ تۇرۇپ، بېشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى گۈمبەزگە ئۆخشايدىغان خۇددى قاراڭغۇلۇققا يورۇقلۇق ئاتا قلىىش ئۇچۇن شاملاردەك پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان سان-ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باقسىڭىز، روھىڭىز ھاياجاندىن خۇددى تېنىڭىزدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، شۇ چەكسىز يۇلتۇزلار تامان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرشېرىن تۇيغۇ ھۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ۋاقىتتكى چەكسىز بىر لەززەتتۇر. 

 

كۈتۈش – ئۇ سەبىرنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسىدۇر.

 

كۈتۈش – ئاشىقلار ئۈچۇن بىر ئىمتاھان، ئۇنىڭ يېتىپ بارماقچى بولغان بېكىتى ۋىسالدۇر. 

 

كۈتۈش – ۋەتەنسىزلەر ئۈچۈن كۈرەش دېمەكدۇر. ئىشغال قىلغۇچى كۇچلەردىن يوقاتقان ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈن – ئۇلارنىڭ ۋىسالىدۇر.

 

كۈتۈش – بوۋاق ئۇچۇن يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىڭىنىڭ مېھرىگە ئېرىشىشدۇر. 

 

كۈتۈش – ئۇ ھاياتنىڭ يېڭى باشلىنىشى. ئۇ يېگىتلەر ئۇچۇن ئەر بولۇش بولسا، قىزلار ئۇچۇن ئانا بولۇشدۇر. 

 

كۈتۈش – ئاجىزلار ئۈچۈن پۈرسەت ۋە كۈچلىنىش دېمەكدۇر. 

 

كۈتۈش – ئۇ ھاياتنىڭ ئادملەرگە ھەدىيە قىلغان ھەقسىز دەرسىدۇر. 

 

كۈتۈش – ئۇ تومۇز ئىسسىقتا تامچە سۇغا زار بولۇپ، قۇرۇق دەريانىڭ ئېقىنىدا مۇرىسىدە خۇرجۇن ۋە قاپاق يۈدۇپ سۇ ئىزدەپ ماڭغان، ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق زامانلار بولغان بىر جاھانكەزدىنىڭ سەپرىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇسۇزلۇق تەشنالىقى كۈتۈشتەك شېرىن بولسا، جاھانكەزدىلىكى ۋىسالغا يېتىش ئۈچۈن باسقان يولىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئاددىي بىر جاھانكەزدى دېمەڭ، ئۇ ئاشىقدۇر، ئۇنىڭ قەلبى كۆيگەنلىكى ۋە كۆيەلىگەنلىكى ئۇچۇن ئاشىقدۇر. قەلبىدە مۇھەببەت ۋە نەپىرەت ھەر ۋاقىت ئوخچۇپ تۇردىغان، ھەق ۋە ئادالەتنى ئىزدىگەن، ئۇنى ھىمايە قىلغان بىر سەيياھدۇر. بۇ جاھانكەزدى شۇ قۇرۇق دەريانىڭ بىر زامانلاردا ئەركەك سۇلارغا لىق تولۇپ ئاققانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ دەريا ئېقىنىنى توختىماي كېزىۋەرسە، ھامان بىر كۈنى دەريانىڭ سۇلىرى يىغىلغان كۆلنى تاپالايدىغانلىقىغا، ھامان ئۆزىنىڭ تەشنالىقتا چاڭقىغان ئۇسسۇزلۇقىنى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشنىدۇ. 

 

ئاتىلىرىمىز بىزگە «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەيلى سىز قانداق قىيىن شارائىتتا ياشىماڭ، مەيلى سىزنىڭ ھايات مۇساپىڭىزگە قانچىلىك بەخىتسىلىكلەر ئەگەشسۇن، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭىزنى ئۈزمەڭ، ئىنسانىي مۇھەببەتتىن گۇمانلانماڭ، بۇ دۇنيا ئەزەلدىن يامانلاردىن ياخشىلار كۆپ بولۇپ كەلگەن دۇنيادۇر. سىز ئەتىنىڭ ھامان بۈگۈندىن گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئۈمىد ئادەمنى ياشنىتىدۇ، غەم -ئەندىشە بولسا چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. مەن، سىز ۋە ھەممىمىز كۆزىمىزدىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزۇپ كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەرنىڭ ھامىنى ئاىىرلىشىپ،  ۋىسال بىلەن قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىڭ.  

 

ھاياتقا ئۈمىدلىك بېقىش، ئەتىنىڭ ھامان بۈگۈندىن گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئىرادە قىلىش بولسا ئۇ كۆڭۈلگە پۈككەن ئارزۇ -ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىيەت قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن تەڭ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن مېھنەت تەرلىرى تۆكۈش ئارسىسىدىكى ئىزچىل پىداكارلىقنى تەقەززا قىلىدىغان توختاۋسىز ھايات كۈرىشىدۇر. 

 

دېمەك، بۇ ئەسىر ئاجىزلار ئۈچۈن ياشاش كۈرۈشى دېمەكدۇر. سىز كۆزلىگەن، يەتمەكچى بولغان ھايات مەنزىلىرىنى تەدبىرلىك لاھىيلەڭ، دۇنيا ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ ئەممد كۈچلۇۈكلەرنىڭ كۇچىگە ئىشىنىدۇ. ھايات مۇساپىڭىزدە، سىز ئۆزىڭىزگە خۇددى ھايات -ماماتلىق جەڭگە كىرىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تەييار تۇرۋاتقان بىر جەڭچىدەك مۇئامىلە قىلىڭ. ھاياتنىڭ خوشاللىق ۋە لەززىتى ئارمانلىرىڭىزغا دەرمان بىلەن قوشۇلۇپ، سەبىر ۋە تاقەت مەلھەملىرى بىلەن سىزگە ۋىسال كۈنىنى بالدۇر نېسىب قىلسۇن! 

 

سىز ئۇنۇتماڭ ۋە ئېسىڭىزدە بولسۇن، كۈتۈش ھەم شېرىن ۋە ئازابلىق ئەمما چىدام ۋە سەبىر – تاقەت بەدىلىگە كۈتۈشتىن كېيىنكى ۋىسال خۇددى گۈلدۇرمامىلىق بورانلىق يامغۇردىن كېيىن تەبەسسۇم بىلەن چىققان ھەسەن-ھۇسەنگە ئوخىشايدۇ چۇنكى ئۇ يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشىلىنىش مۇقەددىمىسىدۇر. 

 

سىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، ئەگەر سىز ئۈمىدۋار بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ۋە ئۆزگىلەرگە سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان بولسىڭىز، ھاياتىڭىزغا توغرا نىشان بېكىتسڭىز، پېشانىڭىزدىن تەر ئاققۇزۇشنى ئۆزىڭىزگە دائىملىق ھەمراھ قىلسىڭىز، ئەقىل، تەدبىر ۋە مېھنىتىڭىزنى بىرلەشتۇرسىڭىز، سىزنىڭ ھايات كۈرىشىدىكى ئارمانلىرىڭىز ھامان بىر كۈنى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. «كۆڭۇل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك، سىز ھامان زەپەر بىلەن كۈتۈشنىڭ ۋىسالىنى كۈتۈۋالالايسىز. ئۈمىد سىزنى ئەنە شۇ سىز يەتمەكچى بولغان ئارمانلىرىڭىزغا يەتكۈزىدىغان ماياكدۇر. 

 

 2020-يىلى، 15-ئىيۇل.

 



باھا يېزىش چەكلەندى!