كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Kutush.mp3

 

يازمۇ كېتىپ ـ
كۈزمۇ كېتەي دەيدۇ….
قىش يەنە كېلەي دەيدۇ .
باھار كۆزۈمدىن يىراقتا ئەمەس،
ئەمما ئۇ كۈتكەندە كەلـمەي ….
ئەجەپ يۈرەكنى داغلايدۇ!

 

ئەلكۈننىڭ خىيال باشقا
تۆت پەسلىدىن ئاتلاشقا ….
جاھان ئەپكارى مۇشۇمۇ ـ
ياشاي قانداق سۈكۈتتە مەن
باھارنى تولا كۈتۈپ،
قىشنى تولا سۆكۈپ
ھەر نەپەستە قاقشاشقا؟! ………

 

بۈگۈن ئۇنىڭ ئىسمى «ئالتۇن كۈز»
رايىم مېنىڭ ئاتاشتىن يىراق
بىراق
كۆزۈمنى يۇمۇپ ماڭدىم
تەكرار شەپقىتى يوق پەسىلدە تالدىم
تەبىئەت مامات تونى كىيگەن
ئايىقىمدا مىسكىنلىك
باھارنى چۈشەر ئۇيقۇسىدا
ھېجىران ناخشىسى ئېيتىپ يۇپۇرماق!

 

2015 ـ يىلى، 24 ـ ئۆكتەبىر، لوندون.

 
 

مەنبە: باغداش ۋە بوزقىر تورلىرى

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-35955-1-1.html
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8161

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !