كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
12-03-2020
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى مېھرىگۈل ئوقۇدى
Kozungdin_tamche_yeshing_sirghisa.mp3
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
يۈرىكىم سەن بىللەن بىللە يىغلايدۇ…
سۆيگەچكە سېنى نەپسىمگە قوشۇپ،
ئاشىق سەۋداسى مېنى تىلغىيدۇ.
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
مە ئۆزۈمنى يارىماس سېزىمەن.
ساڭا دىل ئازارى يەتمىسۇن دەپ،
قەلبىمدىن ئەڭ گۈزەل ئۈنچە تىزىمەن.
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
ئۆزۈمنى ئەيىبكار بەڭۋاش بىلىمەن…
سەندىكى نازلىق مەندە بولمىغاچ،
نادانلىق كوچىسىدا پىغان چېكىمەن!
سۆيدۈم سېنى يار قەلەندەر كەبى،
دەرۋىش ئاشىقىڭ سۆيۈشكە ھازىر.
لېكىن كۆزۈڭدىن يېشىڭ ئاقمىسۇن،
بولاي پەرۋانەڭ يېنىڭغا زاھىر!
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
يۈرىكىم سەن بىلەن بىللە سىرغىيدۇ…
بىلمەي چوڭ بولدۇم قانداق سۆيۈشنى،
قەددىمنى سۆيگۈ يولى سىلكىيدۇ!
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
مۇھەببەت باغىدىن گۈل سۇلۇيدۇ.
سەن ئېيتما ھاياتنىڭ كەملىكىنى،
سۆيگۈدىن قەلبىمىز تەڭ ئىللىيدۇ!
2020 – يىلى 12- مارت