كۆك ئاسمان
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
28-04-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مۇئەللقتىكى مېنىڭ كۆك ئاسمىنىم
مەن سېنى مۇتلەق سۆيۈپ كەلدىم
ۋۇجۇدۇم بىلەن باغاشلاپ
بىر جۇپ كۆزۈم كۆرۈشكە
بۇرنۇم ھىدىڭنى سېزىشكە
ئېغىزىم سېنى قوشۇپ يېيىشكە
پۇتۇم مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ.
كۆك ئاسمان
مېنىڭ بىرلا كۆك ئاسمىنىم
مەن سېنى قاچان كۆرمەي
ھىدىڭنى قاچان پۇرىماي
سېزىمىڭنى قاچانلا سەزمەي
سەن بىلەن تەڭ چوڭ بولۇۋاتىمەن
قانداق يارلىشنىڭ يولىدا كېتىۋاتىمەن
سەن ماڭا شۇنداق ئۆگەتكەن –
بۇ ھايات قىممەت دەپ
ئىززىتىڭ بىلەن ياشىساڭ ھامان.
سەن بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ ياشاۋاتىمەن
سەن بىلەن ھەر كۈنى نۇرلىنىۋاتىمەن
قارا ئەنە ئاۋۇ بوۋاق
بۆشۇكىنىڭ ئاسمىنىدىن
ئۆز كېلىچىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ
بۇ دۇنيا گۈزەلكەن دەپ
ۋىلىق – ۋىلىق كۈلكىلەر تۆكۈۋاتىدۇ.
مېنىڭ كۆك ئاسمىنىم
ھەر بىر تىنىقىمدىن
ھەر بىر قەدىمىمدن
مەدىھيە پۈتمەس ساڭا
يۈرىكىم تەڭكەش قىلىپ سوقىدۇ
دۇتار تارىسىدىن كېلىۋاتقان
مۇڭلارنى ئاڭلىغاندا.
2016 – يىلى 27 – ئاپرىل، لوندون
بۇ شېئىر ئېنگىلىسچە يېزىلغان ۋ شۇ ئاساستا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى مەنبە:
http://www.azizisa.org/en/blue-sky