كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن يار
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
31-03-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سۆزلىيەلمەيمەن
ئوقۇدۇڭمۇ يار تىلىمغا ئەپسۇن
ئاخىرقى قېتىم بىز سۆزلەشكەن ئاخشام.
يازالمايمەن
قەلىمىم سىياسى قۇرۇپ كېتىپتۇ
مەن جۆيلۈپ ئويغانغاندا
قۇتىسى ئۇنىڭ چېقىلغان…
قورقۇپ كېتىپتىمەن چۈشۇمدىن
ۋاقىتسىز ئۈنىم ئۆچۈپتۇ
ساڭا غىڭشىپ مەن ئېيتىدىغان –
تۈنۈگۈنكى مۇھەببەت ناخشام!
سېنى سېغنىپ ھەر كېچە –
قۇياش پاتقان مەغرىپكە باقتىم
يۈلتۇزلاغا دەردىمنى ئېيتىپ
يۈركىمدىن ساڭا شىئېر يازدىم.
بۈگۈن يەنە يازغۇم كېلىۋاتىدۇ –
بىزگە كەلگەن ئاچچىق -چۈچۈك
ھىجىراندىن ئېلىپ ئىلھام!
بېكەتتە ھاياتنىڭ پويىزنى كۈتىۋاتىمەن
يامغۇر جور بولۇپ تامچىۋاتىدۇ…
شىئېرىي تۇيغۇم تەمكىنلىك ئىستىسە –
بېشىمدىكى تۇمانلىق ئاسمان –
مۇھەببەت چاقمىقى چېقىۋاتىدۇ!
ئىسسىق – سوغۇق ياشلار
قوشۇلۇپ ئېقىۋاتىدۇ …
ئەمما تىلەيمەن ئەپۇ قىل ئۈزۈمدىن
بولۇپ قالمىسۇن بۇ ئاخىرقى قېتىم
ساڭا ئاتاپ يازىدىغان شىئېرىم.
يىراقتىكى سۆيگەن يار
ئاشىقىڭنىڭ يۈركى يانار …
سېغىنامسەن ؟
سېغىنىمەن سېنى ھەر كۈن كەتكۇچە،
چولپان سەھەردە چىققۇچە!
تىرىك تۇرۇپ ئايرىلىش يامان
تىلىيمەن يار ساڭا بول ئامان!
ئايرىمىسۇن تەتۇر بىزنى قىسمەت –
تەكتى ماكانىمىزغا قايتىپ كەلگۈچە –
ئىككىنچى قېتىم قۇم ياغقۇچە!
ئوقۇمايمەن
يوللىما ئەمدى ماڭا ھىجران!
يۈرىكىمدە بىر سەن قېتىپ قالغان –
ئۆچمەس نامىڭ قەلبىمگە سېھىرلىك چولپان…
شۇڭا كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن يار
مېنى ھەم كەچكۈزەلمەيسەن
قاناتلىنىپ يېنىڭغا ئۈچۈپ بارىمەن ھامان…
بولسىمۇ ئارىمىزدا ئۇلۇغ ئوكيان.
ياشايسەن
يۈرىكىمدە سۆيۈلۇپ
كۈيۇلۇپ …
كۈتىمەن شۇ كۈننى سەبرەم بىلەن
شەھلا كۆزۈڭدىن
ۋىسال شەربىتى بۇلاق بولۇپ تۆكۇلگىچە،
كىرپىكلىرىڭ ئوقيا بولۇپ –
يۈرىكىمگە قادالغۇچە!
2015 – يىلى 31 – يانۋار، لوندون
بۇ شىئېرنى تۆۋەندىكى تورلاردىن ئوقۇيالايسىز:
http://bbs.bagdax.cn/thread-28177-1-1.html