كەچ كۈز لىرىكىسى
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
14-04-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئالتۇن كەچ كۈز ـ
گۈزەللىك ئاتا قىلغان ـ
تەبىئەت ئۆزىدىن تويۇنغان بىر ۋاق.
ياز ئاپتىپىدا كۆيۈپ كەتكەن ـ
دەرەخ ئۇستىدە سۇلغۇن….
سارغايغان يۇپۇرماق.
يېشىللىقتىن ئەسىر قالمىغان ـ
ئىسمى ئۇنىڭ خازانغا
ئايلانغان
ئىسسىق ھارارىتى تامان سوۋۇغان،
باھار گۈللىرى توزىغان….
بۇ يۇپۇرماق!
يېڭى پەسلىگە ـ
يېڭى ۋەسلىنىڭ ئىنتىزارى بىلەن …
ھايات ماكان بوشلۇقتىن ـ
تەبىئەتنىڭ خۇشلۇقىدىن
ئۆزى كەلگەن تۇپراققا
چىداپ تۇرۇپ ھىجران ـ
پىراققا
ۋاقىتسىز ئۇزىغان….
يوپۇرماق!
بىراق ـ
مېنىڭ يېشىلمىگەن تەقدىرىم
ھىجران قەلئەسىگە مەھكۇم قىلىنغان ـ
تىلسىم
ئالتۇن كۈزگە ئوخشاش …
قاراقچىلار قولىدىكى ـ
ئوغرىلاپلا قاچقان
بىر تال ئالتۇن رەڭ ياپراق.
شۇ دەقىقىدە ـ
ئايىغىم ئاستىدا بىچارە خازان،
سېزىمسىز پىتىرلىغان…..
مەن ئورماندا تېڭىرقىغان
سۇئاللارنىڭ كۆپلۈكىدىن،
گۇڭگا بېشىمنى ئۆزۈم ئېلىپ ماڭغان
جادۇگەرنىڭ كەپىسىنى نىشان ئالغان،
قولۇمدا مىسران قىلىچ ـ
گۇگۇم چۈشكەن ئۇپۇقتىن ـ
نۇر ئىزدەپ ـ
غايىپ بولغان بىر غەۋۋاس!
مېنىڭ تىلسىم ۋەتىنىمدە ـ
يىراق ـ يىراقلاردىن ئاڭلىنىدۇ ـ
تارىمدىكى قويلارنىڭ مەرەشلىرىمۇ
توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىمۇ،
تارىم توغراقلىرمۇ ئالتۇن رەڭ ـ
ئۇ ئەسلى تەكتى ماكانغا كۆمۈۋېتىلگەن
ئالتۇنلارنىڭ
يەر يۈزىدىكى كۆلەڭگىسىمۇ ؟!
2014 ـ يىلى 29 ـ ئۆكتەبىر. لوندون.
بۇ شئېىر ئۆز ۋاقتىدا باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان. مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-26820-1-1.html