ئىستانبۇل ۋە ئۇيغۇر

“Istanbulئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

تۆنۈگۈن كەچ ۋە بۈگۈن ئەتىگەندە ئىستانبۇل ئاسمىنىدىن تۆكۇلگەن شىددەتلىك يامغۇر بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كوچا – كويلىرىنى يۇيۇپ، تازلاپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋەتكەن ئىدى. 

 
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك قېرىندىشى بولغان تۈركىيە تۈركلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئاجايىپ جەڭگىۋارلىقى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ئۇچ قىتئەنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەردە تالاي قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يارتىپ كەلگەن بولسا، بۇ داستانلارنىڭ داۋامى بۈگۈنمۇ ئۈزۇلمەي ئېيتىلىۋاتاتتى. مانا بۇ غالىبىيەت شەھەرنىڭ ئەشۇ پىداكار خەلقى مۇندىن دەل بىر يىل ئىلگىرىكى 15- ئىيۇل كېچىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى بىر تۈركۈم ھەربىي توپىلاڭچىلارنىڭ ئەكسىل ئىنقىلاب قوزغاپ، ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا قارشى ئاۋام خەلىق ھەركەتكە كېلىپ، كوچىلارغا چىقىپ تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئىسسىق قانلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان ۋە بۇ غالىبىيەت كۈنىنى داغ- دۇغلۇق خاتىرلەۋاتقان، غەلبە تەنتەنىسىنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ھارارىتىگە ئىيۇل ئېيىدىكى قايناق ئىسسىق ھاۋاغا قوشۇلۇپ يانغىن كەبى يېنىۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ غەزەپ بىلەن قۇيۇلغان يامغۇر كىشىگە ۋەتىنى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان 250 نەپەر شېھىتلەر شەنىگە ياش تۆكۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بېرەتتى…. 

 
مانا بۇ قەھرىمان شەھەر نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ پاناگاھى ئىدى. بۇ شەھەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرغىمۇ ئۆز كەچمىشلىرى بىلەن ۋەتەن سۆيۈشنىڭ جاسارەت شەجەرىسىدىن دەرىس بېرىۋاتاتتى! 

 
مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كوچىلىرى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا تولغان بۇ شەھەرگە ئەزەربەيجاندىكى سەپرىمنى تۈگۈتۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم. 

 
بۈگۈن كەچلەردە سۇرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەن لىق تولغان ئىستانبۇلنىڭ ئاق سارايدىكى كوچا دوقمۇشى ئالدىدىن كېلىشكىنىمىز بويىچە يىللاردىن بۇيان مېھنەتلىك ئەجىرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش نازارەت ھەيئىتى ۋە «تەدبىر» نەشىرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئىتى مەمتىلى ئاتۇش ئەپەندىلەر بىلەن يۈسۈپ پاشادا كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىدە بولدۇم. كەمىنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە 2013- يىل قاتناشقاندىن بۇيان مەزكۇر ئىلمىي ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. 

 
بىز سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرى، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىۋىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇش لاھىيە تۈرى قاتارلىق خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ پىكىر ئالـماشتۇردۇق ۋە ئەمىلىيلەشتۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرلەشتۇق.

 
بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مىللىتىمىزگە سۇنماقچى بولغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» لاھىيە تۈرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە بۇ ئىش تۈرىگە غوللۇق ياردەمچى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن بولۇش ھەققىدە بېرىلگەن تەكلىپىنى شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۇم. بۇ ئىش تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتى، جۈملىدىن ياش ـ ئۆسمۇرلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى، شۇڭا ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە دادىل قەدەملەر بىلەن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتتۈم.

 
ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيەسى، ئېچىلىدىغان ئىملىي يىغىنلار، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش …. ئىشقىلىپ قىزغىن سۆھبەتلەر ئىچىدە ۋاقتىمىز تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. 

 
سۆھبىتىمىز قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە بىر مەھەل داۋام قىلغاندىن كېيىن، بىز ئىشخانىسىدىن ئايرىلدۇق. سالقىنلاشقان ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مەيىن شاماللىق ئاخشىمى بىزنىڭ قەدەملىرىمىزنى يېقىن ئەتىراپتىكى تارخان ئۇيغۇر رېستۇرانىغا ئاپرىپ بولغان ئىدى. 

 
ئەي ئىستانبۇل، سەن تۈركلەرنىڭ قەھرىمانلىق شەھرىسەن، سېنىڭ قەھرىمانلىق شەجئەلىرىڭگە تولغان بۇ كوچىلىرىڭدا نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سەن تېخى ئاڭلاپ باقمىغان تالاي داستانلارنى ئېيتمىغان ئىدى ھە …

 
مەن ئەتە غەرب ئۆلكىسىگە كېتىمەن، خوش قال ۋە ئامان بول ئىستانبۇل! 

 
ئۆز قېرىندىشىڭ بولغان ئۇيغۇرنى خۇددى 3 مىلىيۇن سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆز قوينىڭغا ئالغاندەك قوينۇڭغا ئېلىپ، قېرىنداشلىق مېھرىڭنى يەتكۈزىشىڭنى ھەر ۋاقىت سەندىن تىلەيمەن ئىستانبۇل! 

 
2017 – يىلى فاتىھ، ئىستانبۇل

 
 
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
http://www.akademiye.org/ug/?p=8767

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !