«ئىندىجېنىس پىپول» لار: ئايقىز ۋە جەك
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
22-11-2021

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(Indigenous people: Aykiz and Jack)
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ھايات ۋە مامات ھەلقۇمىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى توك-توك قاچقۇنلىرى ئارىسىدا يېقىندا ئەينى يىللاردىكى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان سوۋېتلەرنىڭ ھىدىروت بومبىسىدىنمۇ كۈچۈك «ئىندىجېنۇس» بومبىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى ۋەھىمە ۋە ساراسىمگە ساپتىمىش ….
بۇ «ئۇيغۇر» -دۇنيا قوۋملىرى ئارىسىدا كەمدىن كەم تېپىلىدىغان بىر ئەزىز مىللەت، ياق، تەكلىماكاننى ئەبەدىي ۋە ئەبەدىي ئۆزىنىڭ ئاتا ماكانى قىلىپ، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالىلەرنى قۇرۇپ ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەت.
«ئەمدى تىلىڭ قۇرۇسۇن، ئۇيغۇر يەرلىك خەلق ئەمەس»
«ئۇيغۇرلار ئىندىجېنۇس پېپول ئەمەس»
«بىز ئىندىئانلار ئەمەس…»
«ھۇ ۋەتەن خائىن، تىلىڭنى تارت! »
«ئۇيغۇرنى ئىندىجېنۇس پېپول قىلىپ، پالنى، پۇستانى سېتىۋەتتى… ئۇلارنى يوقىتايلى ھۇررا …ھۇررا …!!!»
ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ۋابادىنمۇ يامان «ئىندىجېنۇس پېپول» پىس-پاس بومبىسى مىلادىيە 2021-يىلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇبارەك مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقنىڭ 88-يىللىق خاتىرە كۈنىدە دەھشەتلىك پارتلىغان ئىدىكى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىىڭ ئەڭ غەربىدىكى شوتلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز ئارامىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى.
ۋەتەندىن مۇساپىر بولۇپ چىققىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ھازىر بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ شوتلاندىيە كىنەزلىكىنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ياشايدىغان ئىككى ئۇيغۇر تۆنۈگۈن كەچ تېلېفوندا ئۆز – ئارا دەرد تۆكۈشۈپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ھىچ بولمىسا ئاتىسى ۋە ئانىسى كۆرمىگەن شوتلاندىيەدە ئۆز ئارا ئۇيغۇرلۇق مېھىر – مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشۈپ، ئازابقا لىق تولغان ۋەتەننى سېغىنىش ھىجىرانىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇشقا، كېلەچەككە ئۈمىد بېغىشلاپ ياشاشقا تىرىشىۋاتاتتى. مانا ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قېرىنداشلىق مېھرىگە تولغان تېلېفون پاراڭلىرىنىمۇ بۇ بالايى – ئاپەت «ئىندىجېنۇس پېپول» بۇلغىۋەتكەن ئىدى.
ئۇلار ئىككى يىل بۇرۇن بۇ دۆلەتكە باشقا – باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن. ئۇلار بۇرۇن تونۇشمايتتى، مۇشۇ گلاسگوۋ دېگەن شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن تونۇشقان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ياخشى سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ يۇرتى خوتەندىن، ئىسمى مەتتۇرسۇن ئىدى. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى سەمەت، ئاقسۇدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ پارىڭى «ئىندىجېنۇس» بىلەن باشلاندى.
مەتتۇرسۇن تېلېفوندا سەمەتكە ۋايسىدى.
-ئاداش، مەن بى ئوقۇمىغان ئادەم. ئەمدى ئاران ئېنگلىزچە 26 ھەرپتىن ساۋىدىم چىقتى. ئۆتكەندە مەن «پېتىشىن» دېگەن بىر گەپنى ئاڭلاپ، بۇ نېمە گەپتۇ دەپ چۈشىنەلمەي بېشىم قاتقان قايلاڭلا… بۇمۇ يەتمىگەندەك بى ھەپتە بولدى يا، ئەمدى مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن «ئىندىجېنىس پىپول» دەپ گەپ قىلىدىغان «ئۇغۇيلار» پەيدا بولغان ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا يوق بى گەپكەن بۇ، ئاتام- ئانام ئاڭلاپمۇ باقمىغان. تولا ئاڭلىدىم قايلاڭا. بۇ قاندۇ گەپتدۇ، بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا؟
-ۋاي مەتتۇرسۇن ئاغىنەم، قاراڭلار، ماڭىمۇ شۇ ئېنگلىزچە بىلمىگەننىڭ دەردى. مەنمۇ بۇ گەپلەرنى چۈشەنمىگەن ئىدى. كېيىن ئېنگلىزچە بىلىدىغان بىر – ئىككى بالىلاردىن سورىسام، «بىزمۇ بىلمەيمىز، بىز خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان…» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپنى بىرەر ئۇيغۇرزۇۋاندىن ئۇيغۇرچە مەنىسىدە چۈشىنىۋالاي دەپ، بىركىمدىن سورىيالماي يۇلغۇن تورى لوغىتىدىن سورىسام، ئۇنى «مۇراجىئەت»، «ئىلتىماس» دەپ ئۇيغۇرچە چۈشەندۇرۇپتۇ. كېيىنچە ….
مەتتۇرسۇن، ئادەتتىكىدەك سەمەتنىڭ گېپى تۈگەر – تۈگىمەيلا، ئۆزىنىڭ گېپىنى باشلىدى.
-ئاداش قايلاڭلا، ئۇ گەپنىمۇ قويۇپ تۇرايلى. ۋەتەندە مىللەتنىڭ بېشىدا ئۆت كۆيۈۋاتىدۇ. 5-6 مىليون ئۇيغۇر ئۆلۈۋاتسا، ئېشەككە سوناي چالغاندەك ئىشيا بۇ؟! رادىئودىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار پراگادا كاتتا قۇرۇلتاي ئېچىپتۇ دەپ خوش بولۇۋاتاتتىم قايلاڭلا، ئۇ يىغىنى تۈگە – تۈگىمەيلا «ئىندىجېنىس پىپول» جېدەلنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇيغۇرلار توردا بىر – بىرلىرىنى بەك تىللىشىپ، ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇپ قاپتۇ، بىر – بىرلىرى بىلەن بەك سەت ئۇرۇشۇپ كېتىپ بايتىيا…. بەك كۆڭلۈم يېرىم ئاداش…. بۇ «ئىندىجېنۇس» بەك يامان گەپمۇ، بى بىلاۋايلىيا ئاداش … چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلا يا…
سەمەت ۋەتەندە بىر تىببىي ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئۇ ئۇچ پەرزەنتلىك بولۇپ، بالىلىرىنىڭ چوڭى ئايقىز ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىل 5- سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغىنىغا قارىماي، ئېنگلىسچىغا تېزدىنلا تىلى كېلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ كىچىك تەرجىمانى بولۇپ قالغان ئىدى.
-ئاداش، ئۇنى بىر دېمەڭلار، مەن بۇ «ئىندىجېنىس پىپول» گەپنى يېقىندىن بۇيان تولا ئاڭلاپ زېرىكتىم. يۈرىكىم سۇ ھازىر، مەن ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىدا ھېلىقى بەتبەشىرە ئىشتانسىز ياۋايى قەبىلىلەرنىڭ رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىچىمگە قورقۇش چۈشتى. مەن كوچىدا ماڭساممۇ بىرەرىنىڭ مېنى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى تونۇۋېلىپ، مېنى «ئىندىجېنىس پىپول» دەپ چاقىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. مەنمۇ زادى مۇشۇ بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھىچ چۈشىنەلمەي يورۇيمەن. مەن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇنقەرز بولغان ۋەتىنى بار، ئۇزاق تارىخى بار، مەدەنىيەتكە باي ۋە مۇكەممەل تىلى بار بىر قەدىمكى مىللەت دەپ بىلىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۆز تىلى يوق ياۋايى مىللەتتەك، باشقا تىلدىكى بىر ئاتالغۇنى ئۆز تىلىمىزدا ھەزىم قىلىشنىمۇ بىلمەي، تىلىمىزنى «ئىندىجېنىس پىپول» دەپ گاچىدەك چاينىشىپ، ئۆز-ئارا بىر – بىرلىرىمىنى ئىتتەك چىشلىشىپ يۈرگەن ھاماقەتلىكىمىزگە ھەيرانمەن، بىر ئاتالغۇنى چۈشىنەلمەي مۇشۇنداقمۇ ئۇرۇشىدىغان ئىش بارمۇ ئەمدى؟. ھە راسىت، مېنىڭ ئېسىمگە بىر ئىش كەلدى ئاداش، بىز بۇ بالايى «ئىندىجېنىس پىپول» كەلىمىسىنى شوتلاندىيەنىڭ سكوتلارىدىن سوراپ باقايلى. مېنىڭ قىزىمنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى سكوت، ئۇنىڭ ئىسمى جەك، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ياخىشى بىلىدۇ. ئۇ ماڭا بىر قانچە قېتىم «ئۇيغۇرلار شوتلاندىيىلىك سىكوتلار بىلەن تەقدىرداش مىللەت» دېگەن ئىدى. قىزىم ئەتە مەكتىپىدە شۇ مۇئەللىمىسىدىن سوراپ باقسۇن، بەلكىم شوتلاندىيىلىكلەر بۇ ئاتالغۇنى بىزدىن ياخشىراق ۋە پەرقلىق چۈشىنىشى مۇمكىن.
بۇ ئىككى سىرداشلار سالام – سائەتلىرى بىلەن ئەتە يەنە بۇ ھەقتە پاراڭلىشىشقا كېلىشىپ، خوشلاشتى.
ئىككىنچى كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 8 دىن ئاشقان بىر ۋاقىتتا مەمەتۇرسۇننىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى.
-سالامۇئەلەيكۇم، مەتتۇرسۇن، ياخشى تۇردۇڭمۇ ئاداش؟
-ئاللاھغا شۈكۈر، ياخشى ئاداش، ئۆزۈڭ چۇ؟
-ياخشى ئاداش، ھە شۇ ھېلىقى «ئىندىجېنىس پىپول» چۇ؟
-ھە نېم بوپتۇ ئۇ ئەبلەخكە، مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا بېشىم ئاغرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى سەمەت ئاداش.
-سەبىر قىلايلى ئاداش، ياخىشى بىر گەپ بار.
-قېنى قۇلىقىم سەندە.
-ئايقىز بۈگۈن مۇئاللىمىسى جەكتىن «ئىندىجېنىس پىپول» نى سوراپتۇ. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 16- ئەسىردىن باشلاپ دۇنيادا «كۈن پاتماس ئىمپېرىيە» نى قۇرغان مۇستەملىكىچى ئېنگىلىزلار باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قۇراللىق بېسىۋالغاندىن كېيىن، شۇ دۆلەتتىكى خەلقىنى «ئىندىجېنىس پىپول» يەنى «يەرلىك خەلق» دەپ ئاتىغان ئىكەن ۋە بۇ ئاتالغۇ شۇنىڭدىن كېيىن تەدىرىجىي ھالدا دۇنياغا بىر سىياسىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە تارقىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشتىن مەھرۇم بولغان، مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرگە قوللىنىدىغان ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
جەكنىڭ ئايقىزغا چۈشەندۈرۈشىچە «شوتلاندىيىلىكلەر يەنى سكوت مىللىتى ئۆزلىرىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرى بىلەن شۇ سىلەر يامان كۆرگەن «ئىندىجېنىس پىپول» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بىزنىڭ دۆلەت بايرىقىمىز، پۇلىمىز، ئېنگىلىزلار بىلەن ئېنىق چېگرالىرىمىز، پارلامېنتىمىز، قانۇنىمىز، ئەسكەرلىرىمىز… ئىشقىلىپ بىر مۇستەقىل دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسىلىرىمىز بار، پەقەتلا كەم يېرى بىز بىر مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس بەلكى بۈيۈك بېرتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقدىكى ئىچىدىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر دۆلەت. بۈيۈك بېرتانىيە ھازىر بىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى بىرلەشمە كىنەزلىك – دۆلەتلەر ئىتتىپاقى بىر گەۋدە دۆلىتى، بۇ بىرلەشمە دۆلەت ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋېلىس ۋە شىمالىي ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت تۆت كىنەزلىكتىن يەنى غەيرى -رەسمى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە دۆلەتلەر ئىتتىپاقى. ئەمەلىيەتتە دۇنيا تارىخىدا ھەر بىر مىللەت ۋە دۆلەت بىز شوتلاندىيىلىكلەر، سكوتلاردەك ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلىمىگەن ۋە 7 ئەسىردىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلمىغان. گەرچە بىز شوتلاندىيىلىكلەر ھازىر مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەش قىلمىساقمۇ، بىرلەشمە پادىشاھلىق ۋە دۇنيادا بېرىلگەن ھەق – ھوقۇق ئىچىدە، ھەر كۈنى مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. گەرچە ياۋروپادىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئېنگلىزلار بىزنى تۇنجى قېتىم مىلادى 1298- يىلى بېسىۋالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بىز بىر كۈنمۇ توختاپ قالماي شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق ۋە قېلىپ كېلىۋاتىمىز.
بىز سكوتلار 723 يىل ئېنگلىزلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاپ كەلگەن، ئۆزىمىزنىڭ تىل ۋە يېزىقى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تىلى بولغان ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئاسمىلاتسىيە بولۇپ، پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ۋەتىنى شوتلاندىيەنىڭ يەرلىك خەلقى، بۇ زېمىننىڭ سكوتلارنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھوقوقىمىزنى ھەر ۋاقىت قوغداپ كەلدۇق. بىز شوتلانىيەنىڭ يەرلىك خەلقى- يەنى بىز «ئىندىجېنىس پىپول». بىز ئۆزىمىزنىڭ قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ياشايمىز. شوتلاندىيە مىللىي پارتىيىسى ھازىر شوتلانىدىيەدە ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇۋاتقىلى 14 يىل بولدى. بىز مۇتلەق كوپ ساندىكى شوتلاندىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى بىلەن 2014-يىلى 18-سېنتەبىر شوتلاندىيە مۇستەقىللىقىنى ئۈچۈن ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزگەن ئىدۇق ۋە بۇ سايلامدا بىز مۇستەقىل بولالمىدۇق ئەمما بۇ سايلام نەتىجىسى بۈيۈك بېرتانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن خەلقىنى نارازى قىلدى. شۇڭا ھازىر مۇستەقىللىقنى خالايدىغان سكوتلار شوتلاندىيە مىللىي پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شوتلاندىيەنىڭ بىرىتانىيىدىن ئايرىلىپ، ئۆز مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن 2- قېتىملىق ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈشنى جىددىي سىياسىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىۋاتىدۇ».
شۇڭا مېنىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ئېيتىدىغىنىم، ئەگەر سىلە «يەرلىك خەلق» يەنى «ئىندىجېنىس پىپول» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولساڭلار، بۇ سىلەرنىڭ بەختىڭلار، يەنى بۇ دېمەكلىك – تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان يەنى بۈگۈن خىتاي «شىنجاڭ» دەپ مۇستەملىكە ئىسىم قويۇۋالغان بۇ زېمىن سىلەرنىڭ دېگەن گەپ. بۇ ئاتالغۇنى مۇندىن كېيىن خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە قانداق قىلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش، ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي ئىرادىسى ۋە سىياسىي ئېڭىڭلارغا باغلىق. ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم، سىلەر ھازىر ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئۆزۈڭلارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن بىر يولى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشاش. مۇستەملىكىلىكنىڭ زۇلمىنى، ئادالەتسىزلىكنى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزاق تارتقان شوتلاندىيە سكوتلىرى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ.»
-رەھمەت سەمەت ئاداش… يۈرىكىم بەك ئاغرىپ كېتبايتۇ…
سەمەت تېلېفوندا مەمەتتۇرسۇننىڭ يىغا ئارلاش بوغۇلۇپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدى ئەمما تېلېفون سىگنالى ئارىدىن دەقىقە ئۆتمەيلا ئۈزۈلدى.
2021- يىلى 20- نويابىر، لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى.