گۈل تىكىنى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

باغۋەن ئىدىم
باغچىدا پەرۋىشكە قول سۇندۇم
ۋايسىدىم ـ
ئاغرىدى تىكەن قادالغان بارمىقىم.

 

شەبنەمگە ئوخشاش
ئىككى تامچە قان تامچىدى…
قان رەڭلىك ئەتىرگۈل قاتلىرىدا
سەل توختاپ سېڭىپ تۈگىدى…

 

ئاخىر گۈل پۇتاقلىرى كېسىلدى
چېگىشكەن نوتىلار يېشىلدى!

 

ئارىدىن دەقىقە ئۆتمەي
ئەتىرگۈل شېخىدىن تۇپراق يۈزىگە
تويى بولغاندا خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ
يىغلىغان ئۇياتچان كېلىنگە ئوخشاش‏
تامچە ياشلار توختىماي تۆكۈلدى.

 
مەن، سەن …
پىشمىغان مۇھەببەت
ھەممىسى چاڭقاق تۇپراقنى سۆيۈپ
بارمىقىمدىن ئاققان قانغا ئوخشاش –
ئاستا – ئاستا سىڭىپ تۈگىدى!

 

مىلادى 2015-يىلى 26-ئاپرىل لوندون.

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !