ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار

لوندون قەشقەر كوچىسىنىڭ كۆرۈنىشى.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگلىيىگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 – يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.

 

ئەنگلىيىدە، يەنى بۈيۈك بىرتانىيەدە 2016-يىلىغىچە 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- 1990- يىللار ئارىلىقىدا ئەنگلىيىگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.

 

ئەنگلىيىگە تۇنجى قېتىم ۋەتەندىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 – يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 – يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.

 

ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2000 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلاردىن مانچېستېردىن كامىل ئەزىز، لوندوندىن ئۆمەجان كەرىموف قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلالايمىز.

 

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساننىڭ تەخمىنەن %20 نى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. ئەنگىلىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولغاندا 50 ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ۋەتەندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەنگىلىيىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا كىرگۈزۈلمىدى.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى شەھەرلەردە ياشايدۇ:

 

لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار – ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 300 دىن كۆپرەك، ئاساسلىقى لوندوننىڭ شىمالىدىكى تۈركلەر مەركەزلىشىپ ياشىغان رايونلاردا ياشايدۇ.

 

مانچېستېردىكى ئۇيغۇرلار – ئاساسلىقى مانچېستېر ۋە برادفورد ئەتراپلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى 50 ئەتراپىدا.

 

بېرمىنخامدا تەخمىنەن 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

 

شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

 

نىۋكاسېتل شەھىرىدە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

 

ۋە بىزگە مەلۇم بولمىغان ئەنگىلىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىش تارىخىنىڭ قىسقا ۋە سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك تاكى ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر مۇستەھكەم جەمئىيەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىدى ياكى جەمئىيەت قۇرۇلسىمۇ، يۇقىرىقى ئەۋزەلسىز شارائىتلار تۈپەيلى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

 

ئەمما 2004- يىلى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ يېتەكىچلىكىدە ئەنگلىيىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز مۇزىكانتلاردىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيىگە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا، ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىپ باش قوشۇشىغا، مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىشتا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتى ياۋروپادا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشقا مۇئەييەن ئاساسلارنى سالدى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە سىمۋولى قاتارىدا ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا خەلىقلىرىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كەڭ تونۇشلۇق بولۇپ قالغان بىر سەنئەت گۇرۇپپىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

 

ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇششاق تىجارەت، قۇرۇلۇش ۋە كۆزەتچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرى مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكلىرى ۋە باشقا كەسپىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق تۇرمۇش كاپالەت ياردىمىدە ياشايدۇ.

 

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخنىڭ ئىزناسى بولغان «لوندون قەشقەر كوچىسى» لوندوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. لوندونغا كەلگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بو كوچىنى ئالاھىتەن زىيارەت قىلماي قايتمايدۇ.

 

ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

 

بۈيۈك برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار
https://www.bbc.com/uzbek/news/story/2007/12/071218_britan_uyghurs_ar.shtml

 

لوندون كوچىلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «كىچىك» ئىزلىرى
https://www.bbc.com/uzbek/news/story/2008/01/080110_qeshqer_ar.shtml

 

لوندون قەشقەر كوچىسى
http://www.azizisa.org/london_qeshqer_kochisi

 

لوندون قەشقەر كوچىسىغا زىيارەت
http://www.azizisa.org/london_qeshqer_kochisigha_ziyaret

 

ئەنگىلىيەدە ئوقۇش ھەەققىدە
http://www.azizisa.org/engiliyede_oqush

 

سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (1)
http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye1

 

سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (2)
http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye2

 

ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار
http://www.azizisa.org/hormet_qimmet_hikmet

 

ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى 2000-يىلى لوندوندا
http://www.azizisa.org/urumchi_ansambil2000

 



باھا يېزىش چەكلەندى!