چۈش
-
سەھىپە:Elkun hékayiliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
13-12-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Chush.mp3
يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇخلايدىغان ئۇيقۇمۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى. ھەپتە -ھەپتىلەپ ئالدىراش ئىشلەش داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىنكى يەتكەن ھارغىنلىق سىزنى ئاجايىپ ئىزىۋېتىدىكەن. بۈگۈن شۇ ھارغىنلىق ماڭا قاتتىق يەتتىمۇ بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن….
مەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئەمما يۈرىكىم سىقىلىپ، نەپسىمنىڭ بۇغۇلۇۋاتقانلىغىنى سېزىۋاتىمەن…… ئەسلى بۇ راھەتسىزلىكنى تۇيۇپ كېلىۋاتقىنىمغا نەچچە يىللار بولغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ئۆلگۈر جاننىڭ راھەتسىزلىكى مېنى شەپقەتسىزلەرچە قىيناشقا باشلىدى…… ئادەمنىڭ دائىم بۇرۇقتۇم، روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشمۇ بىر خىل كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى چوڭ بولغانسېرى بىلىۋاتىمەن. بۇرۇتۇم خەت تارتقاندىن بۇيان بۇ دەردىمگە دەۋا تېپىش ئۇچۇن سەۋەپ ئىزدەپ تالاي يۇلتۇزسىز كېچىلەرنى كۆز يۇمماي ئۆتكۈزۈۋەتتىم……… تەبىئەتنىڭ سېخىلىغىنى باغاشلىغان، سەبىيلىككە ۋە تاتلىق تۇيغۇلارغا باي بالىلىقىمنى ھەر ۋاقىت سېغىنىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا بىزگە نە تېلېۋىزور، نە يانفۇن، نە كومپيۇتېر، ئىشقىلىپ بۇ زاماننىڭ رەڭدار جادۇگەرلىكى بىزنى ئۆز سېھىرلىرى بىلەن باغلاپ تۇرمايتتى. بىز ئۇ چاغلاردا روھلۇق ۋە ئەركىن ئىدۇق. بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار سۈتتەك ئاپپاق ئاي تولغان ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللە سىرتىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا كۇلۇپ تېلىقىپ، يۈگۈرۈپ تەرلەپ، تاكى بىز ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكۈچە ئوينايتتۇق. ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزمۇ كۆپ ئىدى، “ئاق ئۇستىخان”، “مۆكۈ-مۆكۈلەڭ”، “ھەربىي-دۇشمەن”، “چامباشچىلىق” قاتالىق نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق…. ھەي ئەمدى بۇ زامان ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ. بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا ئويناپ چارچىغان بولساق ئەمدى چوڭ بولغاندا كەلگۈسىنىڭ غېمىنى يەپ، تولا ئويلاپ چارچاپ كېتىپ بارىمىز……
مەن يېقىندىن بۇيان ئاجايىپ ئېسىل بىر نەرسىنى تېپىۋالدىم، ئۇنىڭ باھاسى يوق، ھەقسىز، سىز بىلەمسىز، ئۇ نېمە؟ ئۇ مېنىڭ ئويۇم. ئۇ مېنىڭ تەخمىنەن 5- 4 كىلوگرام كېلىدىغان، شەكلى قاپاققا ئوخشايدىغان كاللامنىڭ ئىچىدە. مەن ئۇنى ھەر كۈنى قاپاق كاللام بوش بولغان چاغدا قاتتىق ئىشقا سالىمەن. ئۇ مەن ئۇچۇن باش – ئاخىرى تىلسىم بۇ دۇنيانى كېزىدۇ. ئۇ مەن ئۇچۇن ھەرقانداق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئۇ دۇنيادا ھىچ كىمدىن قورقمايدۇ. دۈشمەنلىرىگە غەزەپ، دوست – يارەنلىرىمگە مېھرى مۇھەببەت يەتكۈزەلەيدۇ…… مەن ئۇنىڭ ئۇچۇن باج تۆلىمەيمەن ياكى ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپمۇ يۈرمەيمەن. ۋەياكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا كىملىكىمنى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ چۈنكى ئۇنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، كۆرەلمەيدۇ ۋە مەندىن تارتىپمۇ ئالالمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ ئويلىرىمنى راھەتلىنىپ بىغەم سۈرەلەيمەن.
قېنى نەپسىم بوغۇلدى دەپ كاتەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ئۆيۈمدە غېرىبسىنىپ ئولتۇرماي شۇ ئويلۇرۇمنى سۇرۇپ باقايچۇ. بىردىنلا كۆز ئالدا مۇقەددەس پەلەكنى سۆيگەن كۆپ – كۆك ئاسمان يورىدى، ئۇپۇقلىرىنى بۇلۇت باغاشلىغان كۆپ – كۆك زىمىن كۆرۈندى. مەن كۆزۈمدە يورىغان بۇ چەكسىزلىككە مەھكۇم ئالەمدە بۇركۈت بولۇپ پەرۋاز قىلماقتىمەن. ئەمدى مېنىڭ راستىنلا بۇركۈت بولۇپ ياشىغۇم كەلدى. ئادەم بۇركۈت بولۇپ ياشىسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟! بۇركۈت، ئۇ نېمە دېگەن قەھىرلىك! كۆزلىرىدىن جاسارەتنىڭ نۇرلىرى يانىدۇ! ئۇ ئەركىن، خالىسا ئۇچىدۇ، خالىسا قىيا تاشلارغا قونىدۇ…… ئۇنىڭ ھاياتلىق لۇغىىتىدە نە دۆلەت، نە چېگرا، نە شەھەر – مەھەللە توساقلىرى بولسۇن. ئۇنىڭغا پاسپورت، كىملىك كىنىشكە، يول خېتى دىگەندەك قەغەزدىن ياسالغان نەرسىلەر لازىم ئەمەس چۈنكى بۇركۈت پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئۆيى دەپ بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
بۈركۈتلەر زامانىدا بۈيۈك كارۋانلارنىڭ ئۆتىڭى بولغان بۇ لەڭگەر بۈگۈن ھاي – ھاي كاتتا بىر شەھەر. مەن شەھەرگە كىردىم ئەمما ماڭا ناتونۇش تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئادەملەر دېڭىزىدا ئۆزۈمنى يوقاتتىم. ئۇيغۇرچە ئاۋازىمنىڭ بارىچە “مەن بۇ يەردە ياشىغان، ياشاۋاتىمەن، ياشايمەن، مەن بۇ يەردە مەۋجۇت…” دەپ ۋارقىرىدىم. مېنىڭ ئاۋازىمنى كىشلەر ئاڭلىغاندەك قىلدىيۇ ئەمما مېنىڭ زادى نېمە دەۋاتقىنىمنى چۈشەنمىگەندەك ماڭا پەرۋا قىلماي يوللىرىغا كېتىۋېرىشتى. بىر چاغلاردا بىر تار كوچىدا ئادەملەر مېنى قىستاپ، ئىتتىرىپ دېگۈدەك بىر ھاجەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن، ماڭا بۇ ھاجەتخانا لازىم ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىردىم. ئىشىك يېنىدىكى ھاجەتخانىنى باشقۇرىدىغان يېشى چوڭ بىر ئادەمگە ئۆز ھاجىتىمنى باشقا تىلدا ئېيتتىم. ئۇ ئادەم مەندىن ئاۋال كىملىكىمنى كۆرسىتىشنى سورىدى، كۆرسەتتىم. ئاندىن كېيىن ھاجەتخانا ھەققى ئۇچۇن 2 يۈەن پۇل تۆلىشىمنى ئېيتتى، پۇلنى تولىدىم. ئاخىر بىرقانچە تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ھاجىتىمدىنمۇ ۋاقتىدا چىقىۋالدىم. ھاجەتخانىدىن كوچىغا چىققىنىمدا كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بەتبۇي پۇراقلار پۈتۈن بەدىنىمگە قانغۇچە سىڭىپ كەتكەن ئىكەن. مەن يەنە شۇ ئادەملەر دېڭىزىغا ئايلانغان كوچىغا كىرىپ غايىپ بولدۇم…… كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرگە چىداپ بولالمىدىم. ئىككى قۇلاقنى يېرىپ تۆت قىلغۇدەك كانايلاردىن چىقىۋاتقان مەن چۈشەنمەيدىغان غەلىتە ئاۋازلار…… ۋاھ تېخى تۆت پۇتلۇق تومۇر مەخلۇقلارنىڭ تۇرۇپ – تۇرۇپ سەت ئاۋازدا چىرقىراپ قويۇشلىرىنى بىر دېمەڭ…… بىر زامانلاردا بۇ يەرلەردە كارۋان ئات – تۆگىلىرىنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا بەرپا بولغان چىغىر يوللار ئىزلىرى رەسىملەرگە تارتىلىپ ياكى تەسەۋۋۇرغا باي رەسساملار تەرپىدىن سىزىلىپ ئالىممۇ بۇرۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەش ئۇچۇن ياسىغان «مۇزېي» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرىگە بەنت قىلىنغان ئىدى.
مەن بۇ غەلىتىلىككە تولغان كوچىلاردىن شۇنداق تىزلا بىزار بولدۇم چۈنكى نېرۋىللىرىم پۈتۈنلەي بوغۇلۇپ، ئوي – پىكىرلىرىمنىڭ ئىقتىدارى خىرەلىششكەن باشلىدى.
مەن شۇ خىرەلەشكەن ئويلۇرۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆيۈمگە تېنچ ئامان قايتىپ كېلىۋالدىم. بۇ چاغ ئالىممۇ بۇرۇن كەچ بولغان ئىدى. مەن ئۆيۈمنىڭ دېرىزە – پەردىلىرىنى ئېچىۋېتىپ، يۇلتۇزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان كېچە ئاسمانغا تىكىلدىم. بۈركۈتلەر پەرۋاز قىلغان كۆك ئاسمان مانا ھازىر قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم ئىدى. بۈگۈن ئايغا قانچە، ئاي قاچان چىقىدۇ، كۇن قاچان چىقىدۇ….. بۇ قاپاق كاللامدا بۇ ھەقتە ھىچ بىر ئۇچۇر يوق ئىدى. بۇ بىر جۇپ قارا كۆزۈم ئەجەل ئالدىدا نۇرى پىلتىلاپ ئۆچەي دەۋاتقان بوۋاينىڭ كۆزلىرىدەك شەھەر قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە پىلدىرلايتى.
مەن بىر چاغدا مومامنىڭ “ئابېدىيان ئىچكەن ئادەم كۈندۇزى يۇلتۇز كۆرەرمىش” دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس، مېنىڭ بۇ كېچىدە ھازىر كۆرۇۋاتقىنىم راسىت يۇلتۇز ئەمەس، يۇلتۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان، بىر خىل قىزغۇچ نۇرلۇق كۆرىنىدىغان، توختىماي ئۇياق -بۇياقلارغا پىرقىراپ، ئايلىنىپ ئۇچىدىغان “سۇنئىي يۇلتۇزلار” ئىدى . قارىغاندا مېنىڭ بىردىن بىر ھۇزۇرلىنىدىغان بۇ كۆك ئاسمىنىممۇ ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىغىنى يوقىتىپ بۇلغىنىشقا باشلىغان ئوخشايدۇ. بۇنى «شەھەر نۇر بۇلغىنىشى» دەپ ئاتايمىز.
بىز مەزگىللىك سۈكۈتتىن كېيىن ئويۇم يەنە مەن ئۇچۇن جاھانكەزدىلىك قىلىشقا باشلىدى…. تاڭمۇ قىزاردى، قۇياش يەنە شەرقتىن چىقتى. تەبىئىيكى ھەر كۈنىگە ئوخشاش يەنە غەرپكە بېرىپ پاتىدىغىنى مۇقەررەر. ئويۇم ئۆزىدىن سورىدى: نىمىشقا كۈن شىمالدا چىقىپ، جەنۇبتا پاتمايدۇ؟ نىمىشقا ئاينىڭ 12 سى يورۇق، 18 ى قاراڭغۇ بولمايدۇ؟
مەن سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدا قاناتلىرىمنى تازا بىر سىلكىۋېتىپ كۆك ساماندا شۇڭغۇپ ئۇچۇشقا باشلىدىم. كۆزۈمنىڭ ئۆتكۈرلىكى شۇ قەدەر روشەنكى كوچىدىن ئۆتكەن قارا چاشقانلارنىمۇ، بىلىپ – بىلمەي بىر بىرلىرىنى دوراپ قاۋايدىغان ئىتلارنىمۇ پەرق ئېتەلىدىم. توۋا، ئاخىر زامان بولدىمۇ نېمە؟! توساتتىن ئالدىمدا ماڭا ئوخشايدىغان ئەمما بەستى مەندىن نەچچە ھەسسە چوڭ بىر گىگانت تومۇر بۇركۈت ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل ماڭا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتاتتى. مەن شۇئان ئۇچۇش يۆنىلىشىمنى تېزلىكتە ئۆزگەرتىپ ئاتا ماكانىم بولغان ئېگىز تاغلارنى نىشانلاپ پەسكە قاراپ تىز سۈرئەتتە شۇڭغۇدۇم – دە تىك قىيا چوققىلار ئارىسىدا بۇ كاساپەت تومۇر بۈركۈتنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولدۇ.
توۋا دەپ قاناتلىرىمنى ئاچچىق – ئاچچىق چىشلىدىم. رەھمەتلىك بوۋام ھايات ۋاقتىدا ماڭا بۇ تومۇر بۈركۈتلەر توغرىسىدا نىمىشقا ئېيتمىغان بولغىدى ھە؟ ۋۇجۇدۇمنى بارغانچە خورلۇق تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. ئۆز – ئۆزەمدىن ئۆكۈندۈم، ئىسىت، مېنىڭ بۇركۈت بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىم! ئەمدى بۇ كۆك ئاسمىنىممۇ ماڭا تەۋە بولمىسا، خالىغان ۋاقىتتا ئۇچالمىسام، قونالمىسام، توشقان ئەمەس، چاشقانلارنىمۇ خالىغانچە تۇتالمىسام…. مەن ئۆلگۈر، نانقېپى بۇركۈت بولماي نېمە؟! ئەجەبمۇ تويدۇم مۇشۇ ئادەم دېگەن ئاچكۆز مەخلۇقلاردىن! مۇندىن كېيىن ئۆزۈمنى بۇركۈت ئەمەس، تورغاي دەپ ئاتىسام بولغۇدەك!
ئەمما ئويلۇرۇم بۇ رىئاللىقىمغا تەن بېرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئويلۇرۇم داۋاملىق بۇركۈت بولۇپ خىياللارغا غەرق…… «مېنىڭ ئىسمىم يەنىلا بۇركۈت، تورغاي ئەمەس، مەن كەپتەر ھەم ئەمەس. سەن ئادىمىي مەخلۇقلار، ھەرگىز بۇركۈت ئەمەس. مەن ئاستى لىقمۇ – لىق سەنلەر بىلەن تولغان، ئۇستىدە تومۇر بۇركۈتلىرى ئۇچىدىغان، كېچىلىرى يالغان يۇلتۇزلىرى چاقنايدىغان بۇ كۆرۈنۈشتىن مىڭ مەرىتە بىزار. مېنىڭ كۆك ئاسمىنىمۇ سەنلەر تارتىۋېلىشتىڭ. مېنىڭ يۇلتۇزلارغا لىق تولىدىغان نۇرلۇق كېچىلىرىم قېنى؟ سەن ئادەملەر ھەممىنى ۋەيران قىلىدىڭ. سەنلەر ھەممىنى يەپ قۇرۇغدايدىغان يەجۈجى -مەجۇجىلار. سەن بىز بۇركۈتلەرنىڭ ماكانىنى قايتۇرۇپ بەر بولمىسا بالىلىرىڭنى چاشقان ئورنىدا ئوۋلايمىز ……» دەپ غەزەپ بىلەن بۇركۈت ئۆز-ئۆزىگە زارلاپ شىكايەت قىلماقتا……
شۇ قېتىمقى “تومۇر بۇركۈت” خاپىلىقىدىن كېيىن بۇ ئادىمىي مەخلۇقلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ بولغان يازلىق ئوردامنى تاشلاپ ئېگىز – ئېگىز تاغلار ئارىسىدىكى قىشلىق ئوردامغا كۆچۈپ كەتتىم. تاغ بىز بۈركۈتلەر جەمەتىنىڭ ئىپتىخارى – دە. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن روھىم باشقىچە كوتۇرەڭگۇ بولۇپ قالدى. كەپتەرگە ئوخشاپ قالىدىغان شەھەر مىجەزىم ئاستا – ئاستا يوقاشقا باشلىدى. خەقلەر “بۇلبۇلغا باغ، بۈركۈتكە تاغ يارىشىدۇ” دەپ ئەسلى بىكارغا ئېيتماپتىكەن دە! بوۋاممۇ بىر چاغلاردا ماڭا ئۆزىنىڭ يىراق بىر ئەۋلادلىرىنىڭ تاغلاردا ياشىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئاھ ئاتامنىڭ تېغى، ھاۋاسى ساپ تاغ! بۇ يەر شۇ قەدەر ساپ، شۇ قەدەر جىمجىت. بىز بۇركۈتلەرنىڭ كەڭرى قاناتلىرىنى ھەمىشە سويۇپ تۇرىغان غۇر-غۇر شاماللىرىچۇ تېخى …. مەن تاش قەلئەرىمدىن ئوقتەك شۇڭغۇپ ئۇچۇپ چىقتىم – دە قاناتلىرىمنى كەڭرى يېيىپ بۇ تاغ ماكانىم ئۇستىدە يوقاتقىلى ئۇزاق بولغان خوجايىنلىق لەززىتىنى سۈرۈپ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدىم. ئەمدى مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تەشنا بولغان كۆك ئاسمان مېنىڭ ئىدى. مەن ئاستا- ئاستا يۇقىرى ئۆرلىدىم. بىر چاغلاردا ئۆزۈمنى ئاق بۇلۇتلار ئۇستىدە كۆردۇم. ئاستىمدا ئاق باش خان تەڭرى چوققىسى مەن ئۇچۇن ئاق لىباسلار ھازىرلىغان ئىدى. ئاھ ھايات ئەسلى گۇزەلكەنغۇ؟! ھەر كىم ئۆزىگە تەۋە ئۆز ماكانىدا ياشىسا بولىدىكەنغۇ مانا؟! مەن بۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك بىر بۇركۈت دەپ بىلدىم. مۇشۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ جەمەتىمدىن بولغان بارلىق بۈركۈتلەر مۇشۇنداق بەخىتلەرگە مەن بىلەن تەڭ شېرىك بولغان بولسا ئىدى ھە ئۆزۈمنى قۇشلار دۇنياسىدىكى ئەڭ بەخىتلىك بىر قۇش دەپ بىلگەن بولاتتىم دېگەنلەرنى خىيالىمغا كەچكۇزدۇم. كۆز ئالدىمدىكى تەبىئەتنىڭ بۇ پاكلىقىنى كۆرۈپ شۇ قەدەر قاتتىق ھاياجانلىنىپتىمەنكى ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلاپتىمەن ئەمما يىغلاپمۇ قاتتىق يىغلاپتىمەن. نۇرلۇق كۆزۈم شۇنى ئەينەن كۆردىكى – ھەقىقى بەختىنىڭ قەدرىنى بىلگەندىن كېيىن تۆكۈلگەن مەمنۇنىيەت، كەلگۈسىگە ئۈمىت، ئىشەنچ ۋە جاسارەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ خوشاللىق ياشلىرىم تەڭرىتېغىنىڭ تەسكەي تەرىپىدىكى ئاق بۇژغۇن چىقىرىپ ھەيۋە بىلەن ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسىنىڭ قايناملىرىغا، كۈنگەي تەرەپتە بولسا قاغجىرىغان زېمىنغا زەمزەم سۇيى كەبى ھاياتلىق ئاتا قىلىش ئۇچۇن ئېقىۋاتقان ئەزىم تارىم دەرياسىغا تامچىلىماقتا ئىدى.
مەن شۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى ئۇنۇتتۇمۇ ياكى ئويۇم مېنى ئۇنۇتتىمۇ، ھەر ئىككىلىسىنى بىلمىدىم، يىغا بىلەن ياستۇقتىن بېشىمنى كۆتۇرۇپتىمەن. ياستۇقۇم كۆزۈمدىن ئاققان نادامەت ياشلىرى بىلەن ھۆل – ھۆل بۇلۇپ كېتىپتۇ…… توۋا! مەن بۇرۇن مۇنداق يىغلاپ باقمىغانغۇ؟ مەن «موسكىۋا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ» دىگەن ھەقىقەتنى ياخىشى بىلەتتىمغۇ؟ ئوي ئىچىگە قىزغۇچ قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. مەن ھۆل قىلغان ياستۇقنى قۇچاقلاپ چۈشلىرىمنى ئەسلەپ بىر مەھەل سۇكۇتكە پاتتىم. ياندىكى ئۆيدىن ماشىنا ئادەملەرنىڭ باشقا بىر تىلدا قىلىۋاتقان گەپلىرى، بومبا – ئوقلارنىڭ ئېتىلغان پاڭ – پۇڭ، گۇلدۇر – قاراس پارتىلاش ئاۋازلىرى قۇلۇمغا كىرىشكە باشلىدى. ئېسىمگە تولۇق كېلىپ ئويلاپ باقسام بۇ ئەسلى بالىلىرىمنىڭ بۈگۈن سەھەردە تۇرۇپلا ئويناشنى باشلىۋەتكەن X – Box كومپيۇتېر ئويىنىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازلار ئىكەن.
2014- يىلى 12- دېكابىر كۈنى لوندون دا يېزىلدى.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-27388-1-1.html