چىن مۇھەببەتنىڭ بايانى

چىن مۇھەببەتنىڭ بايانى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Chin_muhabbetning_bayani.mp3


(ياشلىق خاتىرەمدىكى شىېئىرلاردىن)

 

بىز بۇرۇن ناتونۇش، بىز يوچۇن ئىدۇق،
مۇھەببەت بېغىغا تەڭ كېلىپ قوندۇق.
تەقدىرنىڭ قىسمىتى يولىمىزغا نېسىپ –
مۇقەددەم شۇ كۈنى بىر جۈپلەر بولدۇق…

 

سىڭىپلا كەتتىڭ سەن قەلبىم قېتىغا،
قۇم ئۇستىگە ياققان سەھەر يامغۇردەك.
بوران ئۇچۇرسىمۇ يوقالمىدىڭ ھىچ،
كۆكلىگەن تاش ئۇستىدە قىزىل گۈلدەك.

 

قامغاق ئىدىم سۆيگۈ چۆلىدە يىگانە،
جانان ئىزدەپ جاھان كەزگەن بىر دىۋانە.

پەيدا بولدۇڭ قەلبىمدە يېڭى باھاردەك،
تۇيۇلدى دۇنيا بولۇپ ماڭا غەمخانە…..

 

“جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يېتەلمەس”
مەن شۇنداق ئاشىق ئىدىم يېنىپ ئۆچەلمەس.
باش ئەگدى ئەقىدەمگە ئاخىر مەشۇقۇم،
گۇزەلكەن دۇنيا ئەسلى سۆيگۈ مۇقەددەس!

 

قۇياش نۇرى تۆكۈلگەن ياپ – يېشىل دالا،
دەستە گۈل ئاق لىباسلىق جانان قولىدا.
سۆيگۈ ئىلاھى سېھىر چاچقان ئالەمگە،
بىز پۈتۈشتۇق ھاياتقا لېۋىمىز گۇۋا!

 

ساڭا چەكسىز سۆيگۈم شېئىرىمدە پۈتمەس،
يازدىم مىسرا يۈرەككە، قەغەزگە ئەمەس.
بولسۇن بىزگە ساداقەت ئۇنتۇلماس داستان –
ئىشقىمىز يورۇق يۇلتۇز مەڭگۈلۈك ئۆچمەس!

 

1995 – يىلى سېنتەبىر، ئاقسۇ

 

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !