مۇھەببەت قەلئەسى

مۇھەببەت قەلئەسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Muhabbet_qelesi.mp3

 

باغلىغان قەلبىمىزنى مەۋھۇم مۇھەببەت،
چارچىغان كۈتۈشلەرگە تويۇنغان تاقەت.
تۇنجى قېتىمدا بىزنى ئۇچراشتۇرغان يەر ـ
ئاشىقلارنىڭ ئىستانبۇلى ـ سۇلتان ئەخمەت!


ۋىسال تېڭى ئاتقان يەر دېڭىزغا تۇتاش،
دېرىزىدە ئاي چىقىشنى كۈتىدۇ قۇياش.
چاناققەلئە شولىسى سۇدا لەيلەيدۇ.
يۇلتۇزلار كېلەر ئۇچۇپ بولۇشقا سىرداش…

مەن، پويىز ۋە تەبىئەت

Men poyiz we tebiet.jpg

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Men_poyiz_we_tebiet.mp3

 

يەنە شۇ پويىز
مېنى تەبىئەتكە ئېلىپ بارىدىغان
يۈگۈرۈپ ئۈلگۈردۈم.
يەنە شۇ ئوخشاش قۇياش
دېرىزىدە پارلايدىغان…
ئۇنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ يۈردۈم!

 


تاغلاردىن، باغلاردىن ئاشتىم
قۇياش نۇرىنى پەرەڭ ئاسمىنىدىن
گاھى بۇلۇت، گاھ ئورمان ئارىسىدىن كۆردۇم.
ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان قىلىپ –
دۇنيا ھەققىدە يېڭى ھېكايە توقۇدۇم.

مۇساپىر

Musapir

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun shi’éri: Musapir.mp3

 

مۇساپىرنىڭ ھەر كۈنى
مۇساپىرچە داۋام ئېتىدۇ
تەقدىرى قىسمەتكە باقمايدۇ
ھايات ئۆز قاياشىدا ئاقمايدۇ
ئالدىراڭغۇ ۋاقتىنىڭ
ئۆتۈشىدىن
ماكاننىڭ كۆچۈشىدىن
ئۆز ئەلىدىن يىراق ئەلدە
سېغنىشتىن پۇچىلانغان يۈرەك
بىرەر قېتىممۇ
بېشى ئاستىدىكى مامۇق ياستۇقنىڭ
يۇمشاقلىقىنى سەزمەيدۇ!


مەن كەزگەن بۇ يولىدا
تەلەيگۇلى گۈلى ئاسان ئېچىلمايدۇ
لەڭگەردە چارچىغان چۆل كارۋىنى
كېچىنىڭ يېرىمىنى
مۇساپىرنىڭ چۈشىدە تۈنەيدۇ!

تۈگىمەس سەپەر

Tugumes_seper.jpg

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Tugumes_seper.mp3

 

مەن تۈگىمەس سەپەردە …   
ھېلىقى تونۇش پويىزدا
بۈگۈن بۇ يەردە يامغۇر ياغمىدى،
ئادەملەر قاپاقلىرى تۇرۇلـمىدى،
 ئاسماننى شىشخال قىلىپ تۇرىدىغان بۇلۇت ـ
قۇياشقا ئورۇن بەردى.


مەن تۈگىمەس سەپەردە …
كۆمۈش رەڭلىك پويىز دېرىزىسىدىن   
باھارنىڭ شەپىسى كەلگەنمىكىن ـ  
ئۇپۇق سۆيگەن ئاق بۇلۇتلار
قۇشلار كەبى پەرۋاز قىلىدۇ   
ئۇلار كۆلەڭگۈسىنى ئىزدمدىكىن   
يېشىل يايلاق ئۈستىدىن
بەخىتلىك پادىلار دۈمبىسىدىن.  

باھار قۇشى

Bahar qushi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش:     Elkun: Bahar_qushi.mp3

 

سەھەردىكى ساپ تۇيغۇمغا قوشۇلۇپ،
باھارنىڭ قۇشلىرى مۇڭلۇق سايرايدۇ.
باغچىدا ئاق-قىزغۇچ ئۇرۇك چېچىكى،
سېغىنغان يۈرەكتىن يارنى سورايدۇ!

 

ئاق چېچەك ئۇستىدە ناتىۋان قۇشلار،
شادلىقتىن ھايات ناخشىسى توۋلايدۇ.
ئاتەش قۇياش ھەر بەرگىدە جىلۋىسى،
شوخ شامال باھارلىق سالام يوللايدۇ! ……

چىن مۇھەببەتنىڭ بايانى

چىن مۇھەببەتنىڭ بايانى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Chin_muhabbetning_bayani.mp3


(ياشلىق خاتىرەمدىكى شىېئىرلاردىن)

 

بىز بۇرۇن ناتونۇش، بىز يوچۇن ئىدۇق،
مۇھەببەت بېغىغا تەڭ كېلىپ قوندۇق.
تەقدىرنىڭ قىسمىتى يولىمىزغا نېسىپ –
مۇقەددەم شۇ كۈنى بىر جۈپلەر بولدۇق…

 

سىڭىپلا كەتتىڭ سەن قەلبىم قېتىغا،
قۇم ئۇستىگە ياققان سەھەر يامغۇردەك.
بوران ئۇچۇرسىمۇ يوقالمىدىڭ ھىچ،
كۆكلىگەن تاش ئۇستىدە قىزىل گۈلدەك.

 

قامغاق ئىدىم سۆيگۈ چۆلىدە يىگانە،
جانان ئىزدەپ جاھان كەزگەن بىر دىۋانە.

پەيدا بولدۇڭ قەلبىمدە يېڭى باھاردەك،
تۇيۇلدى دۇنيا بولۇپ ماڭا غەمخانە…..

دەرەخ ھەققىدە ئەپسانە

دەرەخ ھەققىدە ئەپسانەئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Derex_heqqide_epsane.mp3


مەن ھەر كۈنى يېنىدىن ئۆتىدىغان
يېشىللىقا قەلبىم تولىدىغان
ياز بىلەن خوشلاشقان بۇ كوچىدىكى دەرەخلەر
ھەممىسى بۈگۈن بەسلىشىپ ئوخشاش بولۇپتۇ
قىش كېيىمىنى تەڭلا كېيىپتۇ.

 

بۇ كوچىنىڭ دەرەخلىرىدە ئۇزۇلـمەس
نەۋ باھارنىڭ ئىزلىرى قالغان
قىشتىمۇ سۈكۈتتە ھاياتلىق ئۇنىڭدا كۆكلەيدۇ
ھېلىمۇ شاخلىرى كېسىلگىنىگە پەرۋاسىز
قاغا ـ قوزغۇنلا ئەمەس
گاھى كۈندۇزى كۆك ئاسمان ـ
گاھى كېچىدە ئاي يۇلتۇزلار پارلايدۇ …….

ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىلى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىلى

                 Uyghurning_yengi_yili.mp3

(شېئىرنى بابۇرخان دىكلىماتسىيە قىلغان)

 

يېڭى يىل ـ يېڭى تۇيغۇ، يېڭى تىلەكلەر،  

كونا يىلىنىڭ ماتەمگە ئۇلىشىپ كېلەر.

بىلمەيمىز يەنە قانچىسى شۇنداق كېتەر؟ 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!

 

كونا يىلنىڭ ئاخىرى بىر كۈنلا  قالغان، 

ئادەملەر يېڭى يىللىق تىلەكلەر يازغان…

بىر مۇساپىر ئۇيغۇر ئۆيىنى سېغىنغان، 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

بۇ كوچىدا ئادەملەر شالاڭلاپ قالغان، 

بىرى ئالدىراش كېچىلىك بەزمىگە ماڭغان.

بىرلىرى كونا يىلدىن ھېسابلار ئالغان….  

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن! ……  

بۇ كېچە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى مۇھەممەت بابۇر ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

bu_keche.mp3


بۇ كېچە يۇلتۇز يوق، ئايمۇ مۆكۈنگەن،
پەشتاقتىكى گۈللەر نۇرلۇق، جۇلالىق.
شامالدا ئىرغىيدۇ يالىڭاچ دەرەخلەر،
تىلەيدۇ يۈرىكىم ئۆزىگە پاناھلىق!

 

يۇلتۇزۇمنى سېغىنىپ ئاسمانغا باقتىم،
قەيەرگە كەتتىڭ سەن بۈگۈن سىردىشىم ؟!
سۈكۈتتە ئۆزۈمدە تۇغۇلىدۇ سۇئال ـ
نېچۈك ھالىم مېنىڭ، تەتۈر قاياشىم؟! …..

پىغانلىق سۆيگۈ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
days in London

(شېئىرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

Pighanliq_soygu_Asiye1512018.mp3

 

ئىلاۋە:  
ئىلاۋە: بۇ شىېئىر توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قىستۇرۇپ قوياي – مەن ئۇشبۇ شىېئىرنى 20 ياشنىڭ ئەمدىلىكتە قارسىنى ئالغان، گۆدەكلىكىمگە خاتىمە بېرىپ، ياشلىق قەلىمىمدىن مۇھەببەت مىسرالىرى ئۆزلۈكىدىن تۆكۇلۇشكە باشلىغان بىر ۋاقىتلىرىمدا يېزىپتىكەنمەن. مانا بۈگۈن ھېسابلاپ باقسام ئارىدىن نۇرغۇن يىلللار ئۆتۇپ كېتىپتۇ… يېقىندا مەن بۇ شىېئىرىنى كونا يازمىلىرىم ئارسىدىن تېپىۋالدىم ۋە سىلەر بىلەن ھەمبەھىر بولۇشنى ئىستىدىم. مۇھەببەت – بۇ ھەممىمىز كەزگەن ۋە كېزىدىغان يوللار، مۇھەببەت – بۇ باسسا قەدىمى تۈگىمەيدىغان چىغىر يولللار … مۇھەببەت – ئۇ تەقدىرگە ۋە زامانغا ئەسلا تىز پۈكمەيدۇ …. ئۇ قېرىمايدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ! شۇڭا ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز، ھاياتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى مۇھەببەت، ئاخىرقى نوقتىسى بولسا مۇسىبەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن شائىر/ شائىرەلەر ئۈچۈن مۇھەببەت مەڭگۇ يازسىمۇ ئۆلمەيدىغان ۋە قېرىمايدىغان بىر تېمىدۇر. مېنىڭ «ساراڭ ياشلىق» نىڭ ئىزگۈ مىسىرالىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ شىېئىرىمنىڭ ياشلىق باھارى مۇھەببەتلىك ئارمانلىرى بىلەن جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان، كېلىچىكىگە ئۈمىدلىك باققان ئۆت يۈرەك ياشلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر تۇيغۇ ۋە ھېسلارنى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ شىېئىر 1988- يىلى 12- ئايدا شايار ناھىيسىنىڭ تويبولدى يېزىسىدا يېزىلغان..