ئالدىدا – Before

Nimshehit
نىمشېھىت  Nimshehit
Translated by Aziz Isa Elkun
 

ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا 
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا 
بىرگۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا 
تا زىيارەت قىلـمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا 
يۈزلۈرۈم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا
 
I need nothing except only the love of my beloved
You are the greatest hope of my soul and body
You are the finest rose in a land of gardens
I would visit you if only I had the chance
Let my face be shamed before the glory of the dawn
 
* * * * * * * * * * * * *
 
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تاشىنى 
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ باشىنى 
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىپلەر ياشىنى 
مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قاشىنى 
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىىدا 
 
Nothing in this world compares to the stones of your mountains
For you I would pile up your enemies’ heads on those stones 
For you I would make their tears flow like rivers 
If I could only meet with her moon-like eyebrows  
Then my dark fate would become bright before gracious God

جامىلە: 1944

‎شېئىر ئاپتۇرى:  جامىلە

 

ئېنگىلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى

 

بىۋاستە ئاڭلاش: Jamala_1944_Eurovision.mp3

 

(‎بۇ ناخشنى ئۇكرائىنىيەلىك قىرىم تاتار قىزى جەمىلە 2016 ـ يىللىق «ياۋروپا نەزىرى» سەنئەت كۆرىكىدەئورۇنلاپ چىمپىيون بولغان Jamala – Eurovision Song Contest 2016)

 

ياتلار كېلىۋاتىدۇ ….

‎ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلدى، 

‎ئۇلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ 

‎ئۇلار ئاندىن كېيىن

‎بىز گۇناھكار ئەمەس 

‎بىزدە گۇناھ يوق دەيدۇ. 

 

‎ئەقلىڭ سېنىڭ قەيەردە؟ 

‎ئىنسانلىق ياش تۆكۈۋاتىدۇ. 

‎سەن ئۆزۈڭنى ئىلاھ دەپ ئويلامسەن 

‎بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆلۈۋاتسا. 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى يۇتىۋەتمىگىن 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى

بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە

W_Shakespeare

ۋىلىئام شېكسپېر

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىسچىدىن تەرجىمە قىلدى

 

بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە ـ
پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللار رول ئالغان
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ سەھنىنىڭ
كىرىش ۋە چىقىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان.

 

بىر ئەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئوينايدۇ
ئۇ ھازىر ھاياتنىڭ يەتتە مۇساپىلىق رولىنى ئالماقتا
ئۇ بىرىنچى مۇساپىسىدە بوۋاقنىڭ رولىنى ئالغان چاغدا ـ 
بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ،
بەرگەن سۈتنى قۇسىۋەتكەن  ئىدى.


مۈرىسىگە سومكا ئېسىپ، مەكتەپكە بارىدىغان ـ
بىر چىرماش ئوغۇل بالا بولغان چاغدا –
سەھەردە يۈزىدىن نۇر چاقنايتتى ئەمما –
قۇلۇلىدەك ئارام تاپماي ئۆمىلەيتى،
بەزىدە مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايتتى،
سۆيگىنىنى ئويلاپ خىيالغا پاتاتتى ………