ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Elixan_Tore_Qebrisi_Ziyaret.mp3
ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ۋەتەندىن ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بۇ يىللاردا دۇنيانىڭ قەيېرىگە بارماي ياكى قەيىرىدە ياشىماي، يۈرىكىم ئۆز كىملىكىمىزكگە، ۋۇجۇدۇم يەككە ئۇيغۇرلىقىمىزغا مۇجەسسەملىشىپ يانغىن بولۇپ ياناتتى. بولۇپمۇ كيىنكى يىللاردا ئۆزۈمنى دۇنيادا ئىپادىلەش تەس بولغان سىياسىي ۋە مىللىي كىملىك كىرزىسى بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزدە، خەلقىمىز بېشىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم مېنى ماڭا تېگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەقەززاسى بىلەن مۇساپىرلىق ھايات رېتىمىنى قايسى نىشانلارغىدۇر ئالدىرىتاتتى، گاڭگىرىتاتتى ۋە ئۇيغۇرلۇق غورۇر، نومۇس تۇيغۇلىرىم بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئازابلايتتى. چارىسىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىم ۋە ۋەتىنىمگە بولغان مۇقەددەس مۇھەببىتىمنىڭ ھارارىتىدىن قەلبىمنىڭ قات – قېتىدىن ئوخچۇپ كۆيۈۋاتقان بۇ ئوت گۈلخان بولۇپ يېنىشقا باشلىدىكى ئۆزۈمنى خۇددى ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيۈشكە ھازىر بولغان بىر پەرۋانىدەك ھېس قىلاتتىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر! مەن ئالدىنقى يازمامدا بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قىسقىچە بايان قىلىپ، بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ ساھىبخانا قۇرغۇچىسى – ئېنگلىز مىللىتىنىڭ ئاتا ۋەتىنى ئەنگلىيە كىنىزلىكىنى (England) نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم. ئەمدى نۆۋەتتىكى يازمامدا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ھەم ئەنگلىيە كىنىزلىكىنىڭ پايتەختى، دۇنياغا 1760- باشلانغان بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى “The Industrial Revolution” بىلەن تەڭلا “كۈن ئولتۇرماس ئىمپېرىيە” نىڭ پايتەختى بولۇپ تونۇلغان، ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيەت، پەن-تېخنىك اۋە سىياسىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ۋە تاكى بۈگۈنگىچە ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن لوندون شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئوتىمەن…….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر! مەن دوستلارنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇندىن كېيىن بۈيۈك بىرىتانىيە توغرىسىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەنبەلەر ئاساسىدا بىر يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك مەلۇماتلارنى ئوقۇشۇڭلارغا سۇنماقچى. بۈيۈك بىرىتانىيەنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەنگلىيەنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلايمەن. مەن بۇ يازمىنى سىلەرنىڭ ئوقۇشۇڭلارغا ۋاقتىدا سۇنالىغانلىقىمدىن مەمنۇنىمەن. كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈيۈك بىرىتانىيە ئادەتتە بىرىتانىيە دەپ ئاتىلىدۇ، رەسمىي ئاتلىشى بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland) – غەربىي ياۋروپادىكى بۇ قەدىمىي دۆلەت ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇلغىنىنىڭ ئەڭ غەربىگە، ئاتلانتىك دېڭىزىنىڭ غەربىي – شىمالىي قىرغىقىدىكى بىرىتانىيە تاقىم ئاراللىردىن تەركىب تاپقان ئارال دۆلىتىدۇر. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ 2013- يىلىدىكى نوپۇسى 63 مىليون. بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىنى 244،820 km بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىنى بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زېمىنىدىن 7 ھەسسە چوڭ ئەمما بۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت سىرتىدا يەنە 1،727،570 km ئارتۇق زېمىنى بار…..