›جاللات خېنىم‹ رومانىدىن تەسىراتلار
-
سەھىپە:Elkun kutupxanisi، Elkun maqaliliri
باھا:0 دانە
27-10-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
«دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياخشىلىق بولىدۇ: ئۇ ئىلىم-مەرىپەتتۇر. ھەممە ياۋۇزلۇقلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياۋۇزلۇق بولىدۇ: ئۇ نادانلىقتۇر! — سۇقرات»
بۇ كۈنلەردە مەن ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش ۋە قايتىش يولۇمدا يەر ئۇستى ۋە يەر ئاستى پويىزدا ئولتۇرۇپ، پويىز ئالمىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك سەرپ قىلىدىغان جەمئىي 3 سائەت ۋاقتىمنى بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك پەيمانىم بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ ›جاللات خېنىم‹ ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە بىر ئايدىن بۇيان ئاڭلاپ يورۇپ ئاخىر بۈگۈن تۈگەتتىم. ئەقىل ھوشۇمدا چاقماق چاقنىدى، خىيال تەپەككۇرۇم مۇندىن مۇئەككەل 300 يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بولۇپ ئوتكەن قانلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا غەرق بولدى.
» 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار تاجاۋۇزچىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى ئاپئاق غوجا باشچىلىقىدىكى «ئاقتاغلىق» فېئودال غوجىلارنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى ۋە سىنىپىي زۇلۇمدىن ئىبارەت قوش قەۋەتلىك، قوش زەنجىرلىك ئاسارىتىگە دۇچار بولدى. تاجاۋۇزچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئوز بۇرچى دەپ بىلگەن ئاپاق غوجا باشچىلىقىدىكى بىر توپ نائىنساب غوجىلار ئەلنى نادانلىق پاتقىقىغا پاتۇردى. شۇ چاغلاردا ئەلدە تەۋپىق-ئادالەت كۆتۈرۈلگەن، ھاياسىزلىق، ئىنساپسىزلىق كۈچەيگەن، مېھىر-شەپقەت تۈگىگەنىدى! ئېشەكتىنمۇ بەتتەر نادان بولغان بىر توپ ئەخلاقسىز پاسىق، قەبىھ گۇناھكار، كالتە قۇيرۇق يالغانچى، بىئەجەل ئۆلىدىغان غالجىر ھەسەتخور، ئەشەددىي قارا قورساق ۋە ئىچى تار غوجا ئىشانلار، كۆكەرمە سوپى، تېجىمەل دەرۋىش، يۇندىخور ئاشىقلار ……