ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى

Suretئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  

 

بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قېلىپى شەكىللىنىپ بولغىلى بىر ئەسىردىن ئاشتى. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى ھازىر بىز ياشاۋاتقان دەۋر ئاتوم دەۋرى ئەمەس بەلكى ئۈجۈر ۋە رەقەم دەۋرى. مانا مۇشۇ تېخنىكىلىق قولايلىقلار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش، دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئالتۇندەك پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. مانا بۇ پۇرسەتتىن ھىلىگەرلىك بىلەن پايدىلانغان خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

 

دۇنياۋى تورغا ئايلانغان ئۇچۇر ئالاقە ۋە نازارەت قىلىش تېىخنىكىلىرىنىڭ كۈنسايىن ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەت ۋە خۇسۇسىي ھوقۇق ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى مىسلىسىز تارىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىز قايسى بىر دۆلەتتە ياشىمايلى، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز شۇ دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بىز بىر كۈننىمۇ تېلېفونسىز، ئېلخەتسىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارسىز، بانكا كارتىسىز، قىسقىسى ئۈجۈر تېخنىكىسىز، ھاياتنىڭ رەقەم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بارلىق مەشىئەتلىرىسىز ياشىيالمايمىز.

 

ھەر ساھەلەردىكى كەسىپلەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان يوقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتلىرى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ئۆزلىرى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، يېڭى بىر نازارەت قېلىپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىنىپ بۇلۇندى. بىز غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېلىپلار ئىچىدىكى قانۇن ۋە ئىمكانىيەتلەر يول قويغان دائىر ئىچىدە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ئىنسانلىق ئىززىتىدىن مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى بىزنىڭ توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپلەر رامكىسى ئىچىدە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ۋە بىزگە ھازىرچە باشقىچە تاللاش يوللىرىمىز يوق ياكى زۇلۇمغا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىسى بولىدىغان باشقا يوللار يارتىلمىدى.

 

ئۇيغۇرىئانلار ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئىلاۋە:

 

ئەنگلىيىنىڭ لوندون كارمېلىت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1908-يىلى نەشىر قىلىنغان «ھارمسۋورت دۇنيا تارىخى» قامۇسىنىڭ 2-تومىدا بايان قىلىنغان “ئۇيغۇرىئانلار” ھەققىدىكى ئىزاھاتلار

 

بۇ قامۇس جەمئى 8 توملۇق دۇنيا تارىخى بولۇپ، مەزكۇر قامۇسنىڭ 2- تومىدا ئۇيغۇرىئانلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىك ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن بولۇپ، بۇ تارىخ قامۇسى دۇنيادىكى ئاكادېمىكلار ۋە تارىخچىلار تەرىپىدىن ئەڭ كوپ ئوقۇلغان كىتابلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قامۇسنىڭ 2- تومى جەمئى 1552 بەت بولۇپ، كىتابنىڭ 1437- بېتىدىن 1472- بېتىگىچە بولغان سەھىپىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بۇ جۇغراپىيىلىك بۆلىگىنىڭ ئەڭ مۇھىم خوجايىنلىرى دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرىئانلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ كىتابتا بايان قىلىنغا «ئۇيغۇرىئان» دېگەن مىللەت دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، بەزى كىشىلەر تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقاندەك مۇبارەك «ئۇيغۇر» مىللەت نامىمىز قانداقتۇر 1922- يىلى تاشكەنتتە سوۋېتلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولماستىن شۇ ۋاقىتتىكى «كۈن پاتماس ئىمپېرىيە» نىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئىنگلىزلار تەرىپىدىن 18 ۋە 19 -ئەسىرلەردىمۇ «ئۇيغۇرىئان» ۋە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكى تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى 21- ئەسىردىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ مىللەت كىملىكىدىن مەھرۇم بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان بۇ ھايات-ماماتلىق كۈنىمىزدە، ئۇشبۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللەت كىملىكىمىزنى بىلىش، ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش، ئۇنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشتە، بولۇپمۇ تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە تەجىربە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتە ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بولغان تارىخي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە بۇ كىتابتىن ئۆزۈم ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىككى ئابزاسنى تەرجىمە قىلىپ ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

ئۇيغۇر قىزىغا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئىلاۋە: ئۇشبۇ شېئىر 2000-يىلى 6-ئايدا باش ئىدارە ئورگىنى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىگە جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان)» مىللى قۇرۇلتىينىڭ نەشىر ئەپكارى «ئىستىقىلال» گېزىتىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
 
ئەمەسمەن مەجنۇن، تاقلايدىغان شاخچە قۇش,
بولساڭ گۈزەل سويدۇم دەپلا ئەگىيدىغان.
تەس مېنىڭ سۆيمەكلىگىم ئۇيغۇر قىزى،
ئىشقى-پىراق دەپلا يۈرسەڭ ئېرىيدىغان.
 
ئەگەر بولساڭ سەنمۇ جەڭچى ئۇيغۇر ئۈچۈن،
كىرىپ كەلسەڭ كۈرەشلەرگە «نۇزۇگۇم» بولۇپ.
بولسا ئازاد «ئۇيغۇرىستان» خەلقىمىز ھور،
سۆيەر ئىدىم سېنى جاندىن ئەزىز بىلىپ.
 

بوۋامنى ئەسلەيمەن

بۇ سۈرەت: (سولدىن ئوڭغا) بوۋام نىزامىدىن ئوسمان، مومام جەننەتخان نايىپ ۋە بوۋام-مومامنىڭ چەۋرىسى. بۇ سۈرەت 1996- يىلى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدىكى باغچىدا تارتىلغان.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مېنىڭ بوۋام ناھايىتى ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىدى. بوۋامنىڭ ئىسمى نىزامىدىن ئوسمان. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەزىزانە تۇپرىقى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىر بولغان تاللققبولۇڭ كەنتىدە توغۇلغان ۋە ئۆمۈر بويى ئۇشبۇ كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن.

 

مەن بوۋامنى ھەمىشە سېغىنىمەن… قەدىردان بوۋامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان سىماسى ماڭا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلۇقنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان ئىنسانلىقنى، مەردلىكنى، ئاقكۆڭۈللۇكنى، قەھىرمانلىقنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز مەردلىك، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە نامراتلىق بىلەن غۇرۇر، ئىززەت ۋە ئىپتىخارلىق ئارىسىدا تارازىدەك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئادەمدە ياشاپ كەلگەن بولسا، بىز بۇ كۈنلەردە «ئادەمدەك ياشاش» ھوقوقىمىزدىن مىللەت بويىچە مەھرۇم بولدۇق. ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق روھى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىندى…

خاسىيەتلىك بىر چۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

گەرچە بۈگۈن شەنبە كۈنى بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئىشقا بارىدىغان كۈنىدىكىگە ئوخشاش قاق سەھەردە خاسىيەتلىك بىر چۈش كۆرۈش بىلەن تەڭلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ئەمما بىر جۇپ غەمگۈزار كۆزۈم نەملەشكەن ئىدى.

 

چۈشۈمدە مەن ئالدىراش ئاشخانا ئۆيدە ئىشقا كېچىكىپ قالماي دەپ ناشتىلىق قىلىۋاتقىدەكمەن. قارىسام مېھمانخانا ئۆيگە كىرىدىغان تەرەپتىكى كارىدورنىڭ ئېشىكى ئوپ-ئوچۇق تۇرۇپتۇ. شۇئان بىر كىشىنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!» دەپ سالام بەرگەن بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇيۇقسىزلا ئېشىكىنىڭ بوسۇغىسىدا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى قاملاشتۇرۇپ كىيگەن، ساقال بۇرۇتلىرى چىرايلىق ياسالغان، قولىدا بىر سومكا تۇتۇپ تۇغان ھالەتتىكى مەرھۇم ئاتامنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان تۇرقى كۆرۈندى. مەن «جېنىم ئاتا !» دېگىنىمچە قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىختىيارسىز يەرگە تاشلاپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتىمەن. ئەيتاۋۇر ئاتامنىڭ ئارقىدا يەنە ئىككى كىشى تۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گەۋدسىدىن باشقا چىراي- تۇرقى مەۋھۇم ئىدى.

 

مەن ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگىنىمچە، ئاتامنىڭ ئالدىغا يېقىلىپتىمەن ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپتىمەن…. ئاتا، جېنىم ئاتا، سىز ھايات ئىكەنسىز …» دېگىنىمچە ئاتامنى قۇچاقلاپتىمەن. قەدىردان ئاتاجاننى باغرىمغا چىڭ بېسىپتىمەن…

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە تور سەھىپىسىنىڭ توختۇتۇلغانلىقى ھەققىدە

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار! 

 

مەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈن پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە مەزكۈر ئانسامبىل نامىدىن ئېچىلغان تور سەھىپىسىنىڭ 2021- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ ئۆزنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرىمەن. 

 

بۈگۈنكى كۈندىن دەل 16 يىللار بۇرۇن يەنى 2004- يىلى ماي ئېيىدا بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى بېرىتانىيە خەلقىگە يەتكۈزۇش ۋە خەلقلەر ئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش، مىللىتىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل مەدەنىيەت – سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش، ھەم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىش، ئىناق ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سورۇش ئىستەكلىرى بىلەن كەمىنە يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان ئىدى. مانا شۇ قەلبىمىزگە پۈككەن مەقسەتلەرنى ئاۋال سەھنىدە، ئاندىن زاماننىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئەھلىگە بىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ، 2007- يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز يېزىقلىرىدىكى رەسمى تور سەھىپىسىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 

 

ئۇيغۇر «مۈشۈك خۇمارلىرى» دىن «سىياسەت خۇمارلىرى» غىچە

فەيسبۇكتىكى قىزىقارلىق پاراڭلار 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

مەن مۈشۈككە ئامراق، بەلكىم ئارىمىزدىكى خېلە كۆپلىرىمىز مۈشۈككە ئامراقدۇرمىز چۈنكى مۈشۈك – ئۇ  ئادەم  مېھرىگە يېقىن جانۋار. شۇنىڭئۈچۈنمۇ مۇسۇلمانلار مۈشۈكنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئەرمەك ئوي جانۋىرى دەپ قاراپ، مۈشۈككە ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋە يەنە خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم  مىللەتلەرنىڭ مۈشۈك يەيدىغان ئادەتلىرىنى يامان كۆرىدۇ ۋە نەپرەت ئوقۇيدۇ. 

 

مۇسۇلمانلار ئۇچۇن «مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادى جۈملىسىدىن»  ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان تۈركىيىنىڭ دۆلەتلىك نەشىر ئەپكارى «Daily Sabah» تور بېتىدە  مۇنداق دەيدۇ:

 

«ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسالام مۈشۈكنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەنتۇق ۋە ›مۈشۈككە بولغان مېھىر ئېتىقادنىڭ بىر پارچىسىدۇر‹ دېيىلگەن.  

 

Prophet Muhammad’s fondness for cats is conveyed in his hadith: «Affection for cats is part of faith» (Maqasid al-Hasanah, al-Sakhawi

 

دېمەك مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈش بىر ئىنساننىڭ ئېتىقادى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ئاق ۋە قارا ئىككى ئابيسسىنىئان مۈشۈكلىرى بولۇپ، بۇ مۈشۈكلەر ئاسلانلىرىنى ئېمىتىۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئەسكەرلىرىنىڭ يورۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتتى . ئۇ قايتىش سەپىرىدە  بۇ مۈشۈكنى بېقىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ›مۇېززا‹ دەپ ئىسىم قويدى.»  

 

بەرھەق، ئەمدى ئۆز پارىڭىمىزغا كەلسەك، مېنىڭمۇ ئىككى مۈشۈكۇم بار، بىرسىنىڭ ئىسمى تىگى (يولۋاس)، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى تاشۋاي (تاش)، مەن بۇ ئىككى مۈشۈكنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن كەچلىرى غەمكىن بولۇپ، دىۋاندا يانپاش ئولتۇرۇپ قالغىنىمدا بۇ مۈشۈكلەر قۇچۇقۇمغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ دە پۇرۇلداپ بۇخاراغا كېتىشىدۇ. ئادەملەردىن زىنھار كەلمىگەن ئەمما بۇ جانۋارلاردىن كېلىۋاتقان ساداقەت ۋە مېھرى مۇھەببەت مۇزلىغان قەلبىمنى ۋىللىدە ئىللىتىشقا باشلايدۇ… 

سۈبھىدىكى چۇش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مەن ئەسكە ئالمايدىغان
ياكى ئەسكە ئېلىشنى مەن خالىمايدىغان
قورقۇنۇشلۇق چۇشۇمدىن
ئازابقا چىلانغان قەدىرسىز كېچە
ئاستا – ئاستا
گۇناھلار ئىچىدە ھالسىراۋاتاتتى.

 

ئۇ
قاراڭغۇ ئۆلۇۋاتقان
يورۇق توغۇلۇۋاتقان
سۈبھىنىڭ گىرۋىكىدە
ئەزرائىلنى كۈتكەچ
ئۆتكەن كۈنگە ئايلىنىۋاتاتتى.

 

مەن
قايتىدىن توغۇلۇۋاتاتتىم
ئادەملەرنى
ئالەمنى
ھەممىنى چۇشۇنۇپ بولغاندىن كېيىن.

«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» فىلىمى تور ئارقىلىق قويۇلىدۇ

 

كېلىۋاتقان مۇبارەك «12- نويابىر مۇبارەك جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ۋە ۋەتىنىمىزدە يۈزبىرىۋاتقان تراگېدىيە سەۋەبلىك يۈرەكلىرى پارە بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرى توپلاملىرىغا خىتاينىڭ ئىسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تىزپۈكمەس ئىرادە ۋە جاسارەت روھىنى تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىچىكىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قاباھەتلىك تەقدىر – قىسمەتلىرى روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۈجى قېتىم ئاممىۋى شەكىلدە 2020- يىلى 12-نويابىر كۈنى لوندون گىرنىۋىچ ۋاقتى 17:15 دە يۇتۇب قانىلى ئالاھىدە مۇلازىمىتى ئارقىلىق قويۇلىدۇ.

 

فىلىمنى كۆرۈش ئادرېسى:  https://youtu.be/vxmLTGlRZp4

 

فىلىم ئىشلىگۈچى:  ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

فىلىم تىلى: ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا 

فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى: 20 مىنۇت. 

 

مەزكۇر «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋازسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ نىداسى بولغان، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئىنسانلىققا يات دەرد – ئەلەملىرى، جۈملىدىن ئاۋازى بوغۇلغان سان – ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ چەككەن ئاھۇ – پىغانلىرى ئىنسانلىق مەۋقەسىدىن بايان قىلىنغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى غەرب ئەللىرى خەلقلىرىگە كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىژدانىنى، ئادىمىيلىك يۈرەك تارلىرىنى ئىنسانلىقنىڭ تارازىغا سېلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان كۈرىشى ئۇچۇن ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.  

 

ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  

 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق  ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان  ئەنگىلىيە ئىتون  ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش  مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك  بىر ئىش بولدى.  

 

  ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايلارنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان « قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى،  لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز بولۇپ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2017- يىلىدىن بىرى لاگىرلاغا قامالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم .

 

مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزۈم ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن 20 مىنۇتلۇق  ھۆججەتلىك فىلىم « جاۋابسىز قالغان تىلىفۇن» نى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن،  ئۇلارغا مۇنداق دېدىم :«   مەن ئىتون ئىنىستىتۇتىنىڭ  شۆھرىتىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى.  مانا بۈگۈن مەن چارىسىز، ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا، ئىنسانىيلىققا كۆڭۈل  بۆلىدىغان، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان  جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئىتون ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۆيىنىمەن.  مەن يەنە كاتتا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ  بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى  بىلدىم.  مەسىلەن، سابىق باش مىنىستىر  دەۋىد كامىرون ۋە  نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بورىن جونسون  قاتارلىقلار.   

 

دىمەكچى بولغۇنۇم،  بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇنۇڭلار كەلگۈسىدە  باش مىنىستىر ۋە سىياسىيون بولۇشۇڭلار مۇمكىن.    كەلگۈسىدە نەقەدەر كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر،  مەن بۈگۈن ئىيىتقان سۆزلەرنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!    ئەگەر بۇ  دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلمايدىكەن،  بۇ ئىنسانىيەت  ۋىجدانىغا چۈشكەن داغ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە  دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئوخشاش ياشاش ھوقۇقى بار،  ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ،  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى  تىك تۇرۇڭ!».