باھار قۇشى

Bahar qushi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش:     Elkun: Bahar_qushi.mp3

 

سەھەردىكى ساپ تۇيغۇمغا قوشۇلۇپ،
باھارنىڭ قۇشلىرى مۇڭلۇق سايرايدۇ.
باغچىدا ئاق-قىزغۇچ ئۇرۇك چېچىكى،
سېغىنغان يۈرەكتىن يارنى سورايدۇ!

 

ئاق چېچەك ئۇستىدە ناتىۋان قۇشلار،
شادلىقتىن ھايات ناخشىسى توۋلايدۇ.
ئاتەش قۇياش ھەر بەرگىدە جىلۋىسى،
شوخ شامال باھارلىق سالام يوللايدۇ! ……

 

ئاق چېچەك، ئاپئاق لىباسلىق كېلىنچەك،
باھار قۇشى، مەن شېخىڭدا ئولتۇرسام –
يوق ئارمان كەتسەم سىڭىپ قاتلىرىڭغا،
كۈي توقۇپ سەن ئۇچۇن سەھەر ۋە ئاخشام!

 

سايرا ئەرىك قۇشى، توختىماي سايرا،
كەلدى ۋاقتىڭ سەن باھار چىلايدىغان!
كەتسۇن ئەمدى قارا قىش باغدىن ئۇزاق،
پەسىل بۇ سۆيگۈڭ ئۇچۇن كۈيلەيدىغان!

 

تاتلىق ھېسلار سۇيۇلدۇرۇپ خوش قەلبىمنى،
ئانا تەبىئەت مېھرى بىلەن باغلايدۇ.
ھەر باھاردا مەن كۆچەتتەك بىخلىنىمەن…
شېئىرىم مېنىڭ دەرەخ بولۇپ كۆكلەيدۇ!

 

2015- يىلى 16- مارت

 

 

شېئىرنى رەسىم ھالىتىدە ئوقۇڭ ۋە ساقلىۋېلىڭ:

 

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Bahar_qushi.jpg

 

بۇ شېئىر باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان، مەنبە:

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-28959-1-1.html

 

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=6749

 

 



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !