باھار ئاشىقلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(تارىمنىڭ چۆل گۈللىرىنى سېغىنىپ)

 

چۆل گۈلى ـ
يۇلغۇن قىز قىزىرىپ
باھار ھۆسنىگە ھۆسىن قاتتى.
يانتاقجانغا كۈن بىلەن تەڭ
ئالەمگە كۈلۈپ باقتى.

 

تېرەك بوۋاي
باھار ئاپتىپىدا بېشىنى قاشلاپ
پوتلىسىنى يېنىغا تاشلاپ
يېشىل يوپۇرماققا ئاستا يۆگىنىپ ـ
چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا پاتتى!

 
[تولۇق ئوقۇش]

بوستان قىزى ـ
زەينەپگۈلـمۇ ئالدىراش ئۇچۇپ كەلدى
قىش ماكانىنى ئارقىسىدا تاشلاپ.
شاخ ئۇستىگە يىنىك قوندى
ئاستا – ئاستا مۆكۈندى…
مۆكۈلەڭ ئويناشقا ئاشىقىنى چىللاپ …

 

2015 ـ يىلى، 13ـ فېۋرال، لوندون

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !