ئايۋالىقتا تولۇن ئاي
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:1 دانە
27-10-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئايۋالىقتا تولۇن ئاي
كولەڭگۇسى بۇ ئاخشام-
مەرمەر دېڭىزىدا لەيلەيدۇ…
بېلىجانلارنى ئەركىلىتىپ-
ئوينايدۇ…
مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ!
قارشى قىرغاقتا-
يالغۇزلۇققا مەن مەھكۇم.
تۈنۈگۈندىن مىراس ھېسلىرىم-
ھەسرەت قوشۇپ تېڭىرقايدۇ…
كۆزۈمدە قېتىپ قالغان-
مېنى ئەسىرگە ئالغان-
بۇ ئاخشام ھالسىرايدۇ…
يۈرىكىمنى-
يېڭىدىن تۇغۇلغان-
تەلۋە تۇيغۇلىرىم تىلغايدۇ…
بۇ ئاخشام-
ئايۋالىقتا ئايپەرى-
مەرمەر دېڭىزىدا كۈيلەيدۇ…
مېنى ئۆزىگە چىللايدۇ….
مەن-
ساڭا يېقىن قىرغاقتىن-
ئۆزۈڭ كەلگۈچە سېنى كۈتمەستىن-
كۆلەڭگەڭنى تۇتۇۋېلىپ-
قولۋىقىم قىلىپ-
ئۈزۈۋالغۇم كېلىدۇ…
سېنى…
تەكلىماكاندا چاڭقىغان
ئاتەشتەك قەلبىمگە-
بېسىۋالغۇم-
تېڭىۋالغۇم-
قويۇۋالغۇم كېلىدۇ…
ئاي-
ئاسمان تەڭرىم سەن ئۈچۈن-
يۇلتۇزلارنى مونچاق كۆز قىلىپ
كۆكتە ياسىغانمۇ كەپە؟
دېڭىزدىكى مارجانلار-
سىرغىپ چۈشكەنمۇ سەندىن-
كۆز قىسىشىپ شۇڭغۇپ ئاقىدۇ
ئۇپۇقىڭنى يېرىپ ئۆتىدۇ-
سېھىرلىك بۇ كېچە!
ئاي-
يۇلتۇز بىلەن سەن مەشئەل-
قارا بۇلۇتقا كاراپ.
تەڭدىشىڭ يوق بۇ ئالەمدە-
سۈكۈتتە ئىتا’ئەتمەن
ئۇپۇق سۆيگەن كېچە-
قىلىدۇ ساڭا تاۋاپ…
ئاي-
ئايۋالىقتىكى تولۇن ئاي-
مەن سېنى تونۇۋالدىم-
بەلگە ساڭا قۇيۇۋالدىم…
كەلگەنمۇ سەن ئەسلى-
مېنىڭ ئاسمىنىمدىن-
ئايكۆلنىڭ-
ئايۋاغنىڭ-
كۇيباغنىڭ-
ئالتايدىن-
ئالتە شەھەرنىڭ كېچىسىدىن!
”ئاھ ئايىم …
مېنىڭ ئايىم سەن…“
دەپ قاتتىق توۋلىغۇم كېلىدۇ…
ئايۋالىقنىڭ ساھىلىدا
مەن غەۋۋاستا تۇغۇلغان-
سو’ئاللارغا-
جاۋاب ئالغۇم كېلىدۇ:
ئۇيغۇرنىڭ دېڭىزدىن ئۇزاق
شۇ ئاخشىمدا سەن كۆرگەن-
ئايكۆللۇكنى تونۇدۇڭمۇ؟
ئايدىڭكۆل قاراڭغۇمىكەن؟
ئاقسۇدا ئىتلار قاۋامدىكەن
يالقۇنتاغنىڭ ھارارىتىدىن –
يىلقا يېزىسىدا قۇزغۇنلار-
كېچە ئاسمىنىغا سەيلىسىگە چىققاندا –
مارالبېشىدىن غايىب –
ماراللار تارىمدا بوزلامدىكەن؟
ئايۋالىقتىكى تولۇن ئاي-
تونۇدۇڭمۇ سەپىرىڭدە بۈگۈن-
يۇلتۇزلارغا ئاشنا خەلقنى-
”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ دېگەن
كوكتەڭرىدىن ئۇدۇم ئالغان-
ھەر كەچكىنىڭدە يولۇڭغا
ئاق پايانداز سالغان-
خانتەڭرىنى؟
قۇم دېڭىزى بىلەن-
تىلسىملار كانى بولغان
ئەمما ئەكسىڭنى ئۆز پېتى قاتۇرۇۋالغان
تەكلىماكاننى؟
كەچمىشىمنىڭ كوپلىگىدىن-
تېنەپ قالغان تۇيغۇلىرىم
ھەر تەرەپكە قاترايدۇ…
كۆڭۈل ئارامىمغا ھەسرەت قوشۇپ-
ئېلىپ كېتىشكە-
بالدۇر كەلگەن يورۇق ئىلاھى
ئايۋالىقتىكى تولۇن ئاينى-
مەغرىب تامان سۆرەيدۇ!
ھايات ئۆز يولىدا-
ئايۋالىقنىڭ كوچىسىدا-
ئەزان ئاۋازى كانايدا…
بامدات نامىزىغا چىللايدۇ…
ساھىلدىكى بەزمە خانىدا-
پەرەڭ مۇزىكىسى ياڭرايدۇ.
ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى-
توخۇلارنىڭ چىللاشلىرى…
دوقمۇشتىكى ئاشىق-مەشۇقنى
بۇ كوچىدىن قوغلايدۇ…
ئايۋالىقتىكى تولۇن ئاي-
مەن رەسسام بۇ ئاخشام…
يۈرىكىمگە سىزماقچى-
مەرمەر دېڭىزىدىكى كۆلەڭگەڭنى…
سىزىدى قەلىمىم زەنجىر-
باغلىۋەتتىم دېڭىزغا سېنى
سىياھلىرى بولدى قان
بويىۋەتتىم-
داغ قالغان يۈزۈڭنى!
ئاي-
ئەگەر كەتسەڭ بۇ نۆۋەت
سەندىن تىلىۋالاي
يېنىشىڭدا-
تەكلىماكاننى كۆرگەندە
خانتەڭرىنى سۆيگەندە
ساڭا ئاشىق قۇلۇڭدىن
پالاندى بۇ ئۇيغۇردىن-
ئايۋالىقتىن سالام ئەت!
ئاي-
ئايۋالىقتا مەن كۈتكەن-
ھايات شۇنچە رومانتىكمۇ؟
كۈلەلمىدىم…
ئۆزگىدە يوق كۈلكىگە-
زورلاپ كۈلۈشۈم مۇمكىنمۇ؟!
ئاھ ئايىم…
ئايۋالىقتا تولۇن ئاي-
ئارزۇيۇمدىن نە قالاي-
ئۆز مەيلىمدىن نە ياناي
بۇ كېچەڭدىن…
ئاي نۇرىڭدىن …
ئاي يۈزۈڭدىن ئايلىناي ….
ئايۋالىق، تۈركىيە
2013 – يىلى، 23 – ئاۋغۇست
بۇ شېئىر ئېنگىلىز ۋە تۈرۈك تىلىىرىغا تەجىمە قىلىندى:
ئېنگىلىزچە:
http://www.azizisa.org/en/the_full_moon_over_ayvalik
تۈرۈكچە:
http://www.azizisa.org/en/ayvalikin-uzerindeki-dolunay