ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Elkun maqaliliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
16-04-2021
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قېلىپى شەكىللىنىپ بولغىلى بىر ئەسىردىن ئاشتى. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى ھازىر بىز ياشاۋاتقان دەۋر ئاتوم دەۋرى ئەمەس بەلكى ئۈجۈر ۋە رەقەم دەۋرى. مانا مۇشۇ تېخنىكىلىق قولايلىقلار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش، دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئالتۇندەك پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. مانا بۇ پۇرسەتتىن ھىلىگەرلىك بىلەن پايدىلانغان خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
دۇنياۋى تورغا ئايلانغان ئۇچۇر ئالاقە ۋە نازارەت قىلىش تېىخنىكىلىرىنىڭ كۈنسايىن ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەت ۋە خۇسۇسىي ھوقۇق ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى مىسلىسىز تارىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىز قايسى بىر دۆلەتتە ياشىمايلى، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز شۇ دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بىز بىر كۈننىمۇ تېلېفونسىز، ئېلخەتسىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارسىز، بانكا كارتىسىز، قىسقىسى ئۈجۈر تېخنىكىسىز، ھاياتنىڭ رەقەم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بارلىق مەشىئەتلىرىسىز ياشىيالمايمىز.
ھەر ساھەلەردىكى كەسىپلەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان يوقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتلىرى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ئۆزلىرى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، يېڭى بىر نازارەت قېلىپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىنىپ بۇلۇندى. بىز غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېلىپلار ئىچىدىكى قانۇن ۋە ئىمكانىيەتلەر يول قويغان دائىر ئىچىدە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ئىنسانلىق ئىززىتىدىن مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى بىزنىڭ توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپلەر رامكىسى ئىچىدە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ۋە بىزگە ھازىرچە باشقىچە تاللاش يوللىرىمىز يوق ياكى زۇلۇمغا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىسى بولىدىغان باشقا يوللار يارتىلمىدى.
نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇقلىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان بارلىق پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن، ھازىر بىز ھەممىمىز كۈچىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان، بىز ئۈچۈن ئەڭ نېگىزلىك، تەخىرسىز ۋەزىپە بولسا خۇددى غەرب مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى ئافرىقىدىكى نەسلى يوقىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى جان تىكىپ قوغدىغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر دېگەن بۇ مۇبارەك مىللەتنىڭ نەسلىنى، ئۇنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە بارلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى قوغداپ قېلىشدۇر. شۇنى ئېنىق ئېيتالايمىزكى، ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلار ھايات بولۇپ تۇرالىسىلا، ئىشىنىمىزكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسى ھامان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا بىز ئاۋال ئۆلۈمىگە مەھكۇم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزايلى، ئۇيغۇر مىللىتىنى ھازىرقى يۈزلىنىۋاتقان خەتەرلىك تراگېدىيىدىن قۇتقۇزايلى. بۈگۈنكى دۇنيا تارىخقا ياكى ئىنساپ تىلىگەن نىدالارغا ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ۋە ھەركەت ئارقىلىق ياراتقان نەتىجىگە ئىشىنىدۇ.
بىزگە ھازىرچە قولىمىزدىن كېلىدىغان ۋە تاللىيالايدىغان باشقا بىر يولمۇ يوق. ئەمما بىز ئەقىل – ئىدراك بىلەن، سىياسىي مۇرەسسە بىلەن، ئىقتىساد ۋە مائارىپ بىلەن، يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ۋاستىلىرى بىلەن ئىش قىلساق، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يۇمشاق كۈچى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى ئاستىلىتالايمىز. تېخىمۇ جان پىداكارلىق كۆرسەتسەك بەلكىم ساقلاپمۇ قالالايمىز. بىز ئىزچىللىق بىلەن، ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ، توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسەتسەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زارىنى ئۈنۈملۈك دۇنياغا ئاڭلىتىپ، غەربتىكى كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە، خىتاي كوممۇنىست باندىتلىرىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا تۈرتكە بولالايمىز.
شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي، دۇشمىنىمىز بىزگە قۇرغان تۇزاققا دەسسەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشىمىز، ئۆز -ئارا بىر بىرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان، ھەمكارلىقىمىزنى بۇزىدىغان نائەخلاقىي ۋە نائەقىل بولغان دە-تالاشلارنى دەرھال توختىتىشىمىز لازىم. بىز ھەممىمىز بىر قەلب ۋە بىر نىشان بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان كۈچىمىزنى قورۇتۇش ئەمەس، كۈچلەندۈرۈشكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئەجدادلىرىمىز تۇتېم قىلغان «بۆرە» روھىدەك بىز ئوم ۋە ئىتتىپاق بولساق، دۇشمىنىمىز ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەمدى بىر دەملىك ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، سوغۇققانلىق بىلەن، بىر ئۆمۈر ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بىزنىڭ ئەمدى ئېنىق پىلان ۋە ستراتېگىيە بويىچە مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان ۋە مەنتىقىلىق ئىش قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.
جانابىي ياراتقۇچى ئىگىمىز بىزنى « ئۇيغۇر» قىلىپ ياراتتى، «ئۇيغۇر» دەپ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىك مۆھىرىنى- بىز دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ پېشانىمىزگە باستى. بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن كاتتا ئىنئامىدۇر. كىمدە كىم ئاللاھ بەرگەن بۇ ئىنئامغا رىياكارلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۆز قوۋمگە (مىللىتىگە) ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى كەچۇرمەيدىغىنىغا ئوخشاش، ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكىدىن تانغان ياكى ياتلاشقانلارنىمۇ ئوخشاشلا كەچۈرمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇكەممەل كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى ياراتقان خەلقدۇر. دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي كېيىمى ئۆزلىرىگە ئەڭ يارىشىدىغان گۈزەل كېيىمدۇر. شۇنداقتىمۇ قانداق كىيىنىش ھەر كىمنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە تەۋە ئىش دەپ قارالسىمۇ ئەمما مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى يوقۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقاندا، قىسقىسى، ھەر بىر كىشى «مەن ئۇيغۇر» دەپ مۇخبىرلارغا ياكى ئاممىۋىي سورۇنلاردا سۆزلىگىنىدەك، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، ئىجابىي ياكى سەلبىي ئوبرازى بىر شەخسكە ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھ ئەرەبلەرنى ياراتقىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرنىمۇ ئەرەبتىن ھىچ بىر يەرلىرىنى كەم قىلماي ياراتتى، ئۆزى ياشايدىغان زېمىن، سۆزلەيدىغان تىل، خاس كىيىدىغان كىيىمىنى، يەيدىغان مېزلىك تائاملىرىنى پەرقلىق قىلىپ، تالاي ئىنئاملارنى ئاتا قىلدى. «ۋەتەننى سۆيۈش ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىن» بولغىنىغا ئوخشاش، مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئەنە شۇ ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
يەنە بىر نۇقتا فورمۇلا شەكلىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا ۋە ئىش ھەرىكىتىدە ھەر ۋاقىت بولىشى كېرەككى بۈگۈنكى ئۇيغۇر داۋاسى «مۇسۇلمانلىق» داۋاسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۇنيادا بىر مىللەت سالاھىيىتى بىلەن ياشاش، ئۆز ۋەتىنىگە ئۆزى ئىگە بولۇش داۋاسى. ئۇيغۇر 1000 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ بولغان. خىتاي بىزنى «مۇسۇلمان» بولغانلىقىمىز ئۇچۇن ئەمەس، دۇنيا سىياسىتىدە «مۇسۇلمانلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا ئائىت مەسىلىلەر «مەسىلە» قاتارىدا قارىمايدىغانلىقى ئۇچۇن، دۇنيادا تېخى «ئۇيغۇر مۇسۇلمان» دېگەن بىر مۇسۇلمان ئۈممەتىنى قوغدايدىغان بىرمۇ «مۇسۇلمان» دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۇچۇن، مۇشۇ پۇرسەت ۋە باھانە ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىنى مەڭگۈ ئىشغال قىلىپ تۇرۇش، ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە، زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرنى يوقۇتۇش ۋەياكى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۇچۇن بارلىق قەبىھ ۋاسىتىلەرنى تاللاپ ئولتۇرماي قوللىنىۋاتىدۇ.
ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھقا ۋە دىنغا بولغان سۆيگۈسى ھىجابىدا ياكى ساقالنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىدۇر. قاچانكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نەرسىسىگە ئارلاشتۇرۋالماي، تەپەككۇر قىلىشنى، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ھايۋاندىن ئۆتەر خارلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قەۋمىسىنى، ۋەيران قىلىنىۋاتقان ۋەتىنىنى ئىبادىتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويالىغاندا، ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان دۇنيا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تارتىۋېلىنغان ھوقۇقىنى، «ۋەتەننى سۆيۈش ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن ئاتا سۆزىنى قەلبىگە مەھكەم پۈكەلىگەندە ۋە بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە پىداكارلىق قىلالىغاندا، ئاندىن بىر ھۆر ئادەم بولۇش، ھۆر بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ ھۆر بىر مۇسۇلمان بەندىسى بولۇشتەك ھوقۇق ۋە سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۈگۈنكى قىل ئۈستىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ھايات-ماماتلىق قىسمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بۇ كۈنلەردە، بىز شۇنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتىشىمىز كېرەككى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررور ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرنى «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەندىن ئىبارەت ئاللاھ ئاتا قىلغان مىللەت ماركىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بىزنى قۇتقۇزىدۇ چۈنكى بۇ كىملىك تارىختىن بۇيان ئىمپېرىيەلەرنىڭ تالاي قانلىق قىلىچلىرى ئاستىدىمۇ ئامان قالغان، يىلتىزى تەڭرى تاغلىرى بىلەن تەكلىماكانغا چوڭقۇر يىلدىز تارتقان مەڭگۈ بىزگە سادىق مىللىي كىملىكدۇر.
خەلقىمىز ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرنىڭ كۈشەندە تارىخي دۇشمىنى بولغان خىتاي بادېتلىرى ھاكىمىيىتى ئۇچۇن «سىياسەت» نىڭ ماركىسىدۇر. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سەمىمىيەت بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز، بىلدۈرۈشىمىز، بۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەل باشلىرى، يەرلىك تەشكىلات ۋە جەمئىيەت ئاقساقاللىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشى ۋە تەشەببۇسكار بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشىنىشىمىز، ئازغان قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلىشىمىز، قايتىدىن ئۇيغۇرلۇقنى سۆيۈش ۋە ئۇيغۇرلۇققا كۆچۈشتىن ئىبارەت مىللىتىمىزنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شۇنى ئاچچىق بىر ئەمەلىيەت بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز زۆرۈركى، بىز ئارقىمىزدا نادامەتتە قالدۇرغان ئەسىردە نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلدۇق، ياكى ئوخشاش شۇ خاتالىقنى قايتا-قايتا تەكرارلىدۇق. ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش دېمەك توغرا ۋە پايدىلىق بولغان ئىشنى تېپىپ قىلىش دېمەكلىكتۇر. ئۇيغۇرنىڭ ئاتا سۆزىدە ئېيتىلغاندەك، گەرچە بىزگە «كىرپە بالام يۇمشاق» بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، دۇنياغا «بىز ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز، ئۇلارغا كەسىپ ئۆگىتىپ، يېڭىدىن ياشاش يولىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز.. » دەپ جار سېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىمىز لازىم.
قىسقىسى، بىز ئۆزىمىزگە پايدىسىز بولۇۋاتقان ئىشلارنى باشقىلاردىن كۆرۈشتىن كۆرە «بىز نېمىنى خاتا قىلغان ۋە قىلىۋاتىمىز؟ئۆزىمىزنىڭ ئورنى قەيەردە، دۇنيا قەيەردە، دۇشمىنىمىز قەيەردە، دوستىمىز قەيەردە…» دېگەندەك سوئاللارنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرىشىمىز، دۇنيا قارىشىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىشىمىز، زامانغا يارىشا سىياسىي ئاڭغا ئىگە ئۇيغۇر بولۇشىمىز زۆرۈردۇر.
2018-يىلى 15-دېكابىر.