ئانامغا مەرسىيە

ئانامغا مەرسىيە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

”ئانا“ دىن ئۇلۇغ سۆز يوق.
”ئانا ئايىغىدا جەننەت بار“  

 

– ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى.

 

مەن بۇ مەرسىيەمنى پۈتۈن ھاياتىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىش يولىدا بۇ ئالەمنىڭ راھىتىدىن كۆرە قاتتىقلىقنى، بارلىق جەۋىرى جاپالىرىنى يەتكۈچە تارتقان، ھاياتنىڭ ھېچ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي بۇ ئالەمدىن ئوتكەن بارلىق جاپاكەش مېھرىبان ئۇيغۇر ئانىلارغا، جۈملىدىن مېنىڭ 12- فېۋرال ئەتىگە سائەت 2:40 مىنۇت ئۆتكەندە 4 پەرزەنتىنى، مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نەۋرىسىنى (مەن ئەڭ چوڭ نەۋرىسى) ۋە 16 چەۋرىسىنى مۇسىبەت قايغۇللىرىغا قالدۇرۇپ بىز بىلەن 82- يېشىدا ۋىدالاشقان جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن. ئەي سۆيۈملۈك ئانا، نامىزىڭغا بارالمىدىم…… مېنى كەچۈرگەيسەن! ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەت ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!

 

مۇسىبەت خەۋىرى يېتىپ كەلدى بۈگۈن ماڭا،
كېتىپ قاپسەن بۇ دۇنيادىن جېنىم ئانا.
ئوغلۇڭ ئىدىم بارالمىدىم نامىزىڭغا،
ئەمدى قانداق مەن چىداي بۇ ئازابقا!

 

بۇ يۈرەك مىسلىسىز ماتەمگە، ئەلەمگە تولدى!
كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى، تىنىقىم بوغۇلدى.
بولسىمۇ گەر بۇ ھايات ئەسلى ئۆتنە بەندىگە،
ياشىسا ئانام بەش كۈن ئۇزۇن بولماسمىدى؟!

 

سەن بىر مېھرىبان، ئەڭ سۆيۈملۈك ئانا ئىدىڭ،
توقۇشقا مەدھىيە بۇ تىلىم يەتمەيدىغان.
پەرزەنت ئوتىدا سەن كۆيگەن بىر پەرۋانە ئىدىڭ،
تەرىپلەپ يازساممۇ داستان تۈگىمەيدىغان…

 

ئاھ ئانا كەچۈر مېنى يېنىڭدا بولالمىدىم،
ئاخىرقى كۆز نۇرۇڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرەلمىدىم.
”ۋاي ئوغلۇم قېنى سەن“ دەپ چاقىرغىنىڭدا،
”جان ئانام!“ دەپ قولۇڭنى چىڭ تۇتالمىدىم!

 

رازىلىق بەر جان ئانا نامىزىڭغا بارالمىدىم،
جىنازاڭنى مۈرەمدە كۆتۈرۈپ ماڭالمىدىم.
بىر تال كېسەك قەبرەڭ ئۈچۈن يا قويالمىدىم،
مەن ئوغلۇڭ بولۇپ خىزمىتىنى قىلالمىدىم.

 

كەچۈر جان ئانا، بەختى قارا ئوغلۇڭنى كەچۈر!
تاشلاپ كەتكەن سېنى بايقۇش ئوغلۇڭنى كەچۈر!
جاھان ئەلىمىدىن تەقدىرى كۆلۇپ باقمىغان –
بۇ مۇساپىر، قەلبى مەيۈس ئوغلۇڭنى كەچۈر!

 

سۆيگۈ ئالىمىدە سەن چوڭقۇر ئوكيان ئىدىڭ،
مەن بىر بېلىجان باغرىڭدا ئەركىلەپ ئۈزگەن!
دەيدۇ شۇڭا ئىنسان بالىسى ”ئانا بەك ئۇلۇغ –
بۇ ئالەم ھېچ بىر زامان ئاناىسىز كۈلمىگەن!“

 

ئاللاھ شۇ ئانامغا مەغپىرەت قىلغىن!
بەندەڭنىڭ بىلمەسلىكىنى ئەپۇ قىلغىن!
دۇئايىم ئانام ئۈچۈن بولسۇن ئىجاۋەت،
جەننەتتىن ئاخىرەىتىنى ماكان قىلغىن!

 

شۇنداق كۈن كېلىدۇ قەبرەڭنى قۇچاقلايدىغان،
قەرزىمنى بوينۇمدىن تامان ئادا قىلدىغان.
يەنە شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ غېرىبسىنغان –
نامسىز قەبرىلەرگە گۈل دەستە قويىدىغان!

 

13-فېۋرال، 2014- يىلى، لوندون

 

_________________________________________

 

مەرھۇم ئانام ھاياتىغا بېغىشلنغان بىر قىسىم سۈرەتلەر:

 

 

 

 

 

 

 

 

ئۇشبۇ شېئىر باغداش تورى مۇنبىرىدە 2014 – يىلى 13 – فېۋرال ئېلان قىلىنغان.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-22939-1-1.html

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !